مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3229|ئىنكاس: 2

چىلان چېچىكى- پوۋېسىت-4

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

126

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 445
يازما سانى:
126
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11142
تۆھپە :
453
باھا :
356
توردا:
3309 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-6 09:09 AM  0 z7 `# G( J) m( u+ z

( I2 o- R# _- I$ _/ f
ئەمەتبەگ ئۆمەر (بەرداش )

( G, u+ U! f+ y, E" r8 k/ g$ W
      ھەسەننىڭ خىياللىرى داۋام قىلاتتى، گۈلنۇر بىلەن ئايرىمخانىدا يالغۇز ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالغاننى كۆرگەن ھەسەن بېشىدا داڭقېتىپ قالدى، كىيىن ئۆزىنى بىلىپ يۈگۈرۈپ چىققىنىدا بولسا ئايزىبا ئاللىقاچان ئۆيگە كېتىپ بولغان ئىدى .
# g9 [6 M" ~$ @3 h
ھەسەن بۇ كېچە ئۆيگە قايتىمىدى، ياق قايتمىدى ئەمەس ئۆينىڭ ئالدىغا نەچچە كېلىپ ئۆيگە كىرىشكە يۈزى چىدىمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئايزىبانى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ئىشىنى بۇنداق چىڭىغا چىقىپ كېتەر دەپ ئويلىمىغان ئىدى، ئۇ ئايزىبادىن كەچۈرۈم سورىماقچى، ئەھۋال چۈشەندۈرمەكچى ئىدى، بىراق كېچىككەن ئىدى، ئايزىبا بىر كېچە ئۇخلىماي ئويلانغان ئىدى، ھەسەننىڭ كېلىپ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى سائەتلەپ كۈتكەن ۋە ئەڭ ئاخىرىدائۈمىدسىزلىنىپ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ بالىلارنى ئېلىپ سەھەردىلا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى .

7 _  N1 k) k$ O, v0 R
ھەسەنمۇ بىر كېچە ئويلىنىپ ئەقىل-ھوشىنى يىغدى،قىماردىن ۋە گۈلنۇردىن بىراقلا قول ئۈزمەكچى بولدى، بىراق بۇ چاغدا ئايزىبا ئاجرىششتاچىڭ تۇردى .

, L% r2 [. z! a! u$ o( L, u
شۇ ئىشتىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ئىككىيلەن ئاجراشتى، كىچىك ئوغلىنى ۋە ئون مو چىلانلىق باغنى ئايزىبا ئالىدىغان،ھەسەن چوڭ ئوغلىنى ئالىدىغان ۋە كىچىك ئوغلىغا بېقىش ھەققى بېرىدىغان بولدى .

- J5 w  _5 ?9 `' M
ھەسەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىيىل بۇرۇن ئارقا –ئارقدىن قازا قىلغان بولۇپ، باشقا قېرىنداشلىرىمۇ يوق، يالغۇزپەرزەنت ئىدى. ئۇ تىغدەك يالغۇز قالدى، نەچچە كېچىنى يالغۇز ئويلىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا ماڭغان قەدەملىرى، ئالدىراپ چىقارغانقارارلىرى ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتى .

8 `( D' t1 I, `3 t
تۇيۇقسىزئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى گۈلنۇربىر ئىشىنى  سەزگەندەك  بولۇپ ، ئۇ سۈرۈشتە قىلىپ ،  ھەسەننىڭ ئاجراشقانلىقىنى ئۇقتى ۋە ئۇزاق ئۆتمەي  ھەسەننى ئىزدەپ كەلدى  .
7 l( D6 y3 q9 m& z% \- v/ K$ k; s
دەسلەپتە گۈلنۇر ئىزدەپ كەلگەندە ھەسەن قاپاق ئاچمىدى،بىراق بارا-بارا گۈلنۇرنىڭ سىلىق سىپايە سۆزلىرى، جىننمۇ ئۇسۇلغا سالغۇدەك قاش-كۆز ئوينىتىشلىرى ئۇنى تېزلا ئېرىتىۋالدى .

$ d4 |! F" \+ k( c
ھەسەن گۈلنۇر بىلەن تويقىلغان بولدى، بىراق ئۇلارنىڭ تويى ئۇزۇنغا بارمىدى، سەۋەبى گۈلنۇرنىڭ ئارىلىشىدىغان كىشىلىرى بەكمۇ كۆپ ئىدى، رېستوراندا ئىشلىگىنى ئۈچۈن كۈندە كېچەبىر چاغ بولغاندا قايتاتتى، ھەسەن دەسلەپتە ئۇنى ھەر كۈنى كەچتە ئاپىرىپ كېچىدەقايتۇرۇپ ئەكېلىپ يۈردى، بارا-بارا بۇ ئىشتىن زېرىكىتى ھەم چارچاپمۇ قالدى، چۈنكى ھەسەن كۈندۈزى چىلانلىق باغدا ئىشلەيتتى.

) _; X/ g8 k0 z
    كىيىنكى كۈنلەردە گۈلنۇرنى باشقىلار ئەكېلىپ قويىدىغان بولدى، ھەسەنمۇ بۇ ئىشنى ئانچە ھار-ئېلىپ كەتمىدى، بىراق دەسلەپ ھەسەن بىلەن توي قىلغاندا شۇنداق قىزغىن بولغان گۈلنۇر كىيىنكى كۈنلەردە ھەسەن پۇللىرىنىڭ بىرقىسىمنى ئۇتتۇرۇپ، بىر قىسىمنى گۈلنۇرنىڭ دېگىنىنى ئېلىپ بېرىپ بۇزۇپ چېچىپ ئېشىپ قالغان پۇلىغا يەرگە ئوغۇت ۋە باشقاكېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالماقچى بولغىنىدا دومسىيىپ قالدى، ھە دېگەندە قىممەت باھالىق ئىمپورت كىيىملەرنىڭ ھەتتا ماشىنىنىڭ گېپىنى قىلىپ ھەسەننىڭ بېشىنى ئاغرىتاتتى.رېستۇراندىن ئالغان مۇئاشى ئۆزىدىن ئاشمايتتى . گۈلنۇر دەسلەپتە ھەسەنگەئوغلىڭىزغا ئانا بولىمەن، ئۇنى بىللە تەربىيەلەيمىز دەپ ۋەدە قىلغان بولسا ئەمدى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. خۇشى تۇتۇپ كەتسە ئانچەمۇنچە ئەركىلىتىپ قويغاندىن سىرت ئۇنىڭ قورسىقى، كىيىم-كېچىكى بىلەنمۇ كارى بولمايتتى، پات-پات يۇرتقا بارىمەن دەپ ھەسەندىن نۇرغۇن پۇل ئالاتتى .
+ O- p; Y0 F4 {% e, [2 _  O" n
بىر كۈنى ھەسەن چىلانلارغادورا چېچىپ ھاردۇق يېتىپ مۇنچىغا چۈشۈپ بالدۇرلا ئۇخلاپ قالغاندى. يېرىم كېچىدە تەرىتى قىستاپ ئويغىنىپ كەتتى، قارىسا گۈلنۇر تېخى قايتمىغان، تامدىكى سائەت ئىككىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئۇ ھاجىتىنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغائەمدى تېلېفون قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ئۆينىڭ ئالدىغا بىر كىچىك ماشىنا كېلىپ توختىدى،ھەسەن تېلېفوننى قويۇپ دېرىزىدىن ماشىنىغا قاراپ تۇردى، ھەسەننىڭ بىر ئادىتى بولۇپ ئۇ كېچىدە ھاجەتكە چىققاندا چىراقىنى ياندۇرۇپ يۈرمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە ئايدىڭ بولۇپ دېرىزىدىن ئۆي ئىچى خېلىلا يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ گۈلنۇرنى ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆيگە كىرىدۇ دەپ كۈتۈپ تۇرىۋىدى بىر نەچچە مىنۇتقىچە ھېچ بىر سادا يوق، ھەسەن ماشىنىنىڭ قېشىغابېرىپ باقماقچى بولدىيۇ ئىچىگە بىر شەيتان كىرىپ توختاپ قالدى. ماشىنا رېستوران خوجايننىڭ ئىدى، تەخمىنەن بەش مىنۇتلاردىن كىيىن ماشىنا ئېشىكى ئېچىلىپ گۈلنۇر چۈشتى بىراق ئۇنىڭ قولىنى رېستوران خوجاينى سەمەت پورنىڭ قويۇپ بەرگۈسى يوق ئىدى، ھەسەننىڭ بۇنى كۆرۈپ بىنادىن يۈگۈرۈپ چۈشتى، ئەمما بۇ چاغدا ماشىناكېتىپ بولغان بولۇپ گۈلنۇر ئىشىكتىن كىرىۋاتاتتى، ھەسەننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ ۋارقىراپ كەتتى .

/ S7 L7 t$ v+ e- u+ E! o7 F
-قېنى ھېلىقى پور كۆتەك ؟!ھەجەپبىر ئانىسىنىڭ ئېلىشى باردەك سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتۇۋاپتا ؟!

$ h9 R2 ~5 M, P7 h! p7 i
ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن گۈلنۇر ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ ھۈ تارتىپ يىغلىغاچ-مېنى ئۆزىڭىز ئەكىلىڭ دېسە بارمايسىز، خەخ ئەكېلىپ قويسا چىدىمايسىز ...ھۈ، ھۈ، ھۈ.....

' N& Z8 q8 z8 _! v% z
-ماشىنىنىڭ ئىچىدە نېمە ئىش قىلدىڭلار، ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغاندىكىن دەرھال يېنىپ كىرمەي پوق بارمۇخەقنىڭ ماشىنىسىدا، تېخى قولىڭىزنى تۇتۇۋالسا تۇتۇپ بېرىپ قاراپ تۇرىسز، نېمەبېرىشىڭىز بار ئىدى ئۇ پور كۆتەكتە !

) `0 w# _1 f( M- L9 e& F$ K5 t! Z
-نىم بولاتتى، ئەتە ناھىيەگەيۇقىرىدىن تەكشۈرۈشكە نۇرغۇن ئادەم كېلىدىكەن، تاماقنى بىزنىڭ رېستورانغائورۇنلاشتۇرۇپتىكەن، شۇنى مەسلىھەتلەشتۇق، ئاندىن چۈشىدىغان چاغدا قولۇمدا بىركارتا بار ئىدى شۇنى بەرگەن شۇ، سىز ماڭا تولا قارا چاپلىماڭ، كېچىدە كۆزىڭىزگەشۇنداق كۆرۈنۈپتۇ .

, |1 N: j% V5 Y# a# N( I/ |# K
-كېچىدە مەسلىھەتلەشمەي ئەتەكۈندۈزدە دېيىشسەڭلار بولمامدىكەن، بىر كارتىنى بېرىشكىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ؟ ئىشقا توكسىكلىتنى مىنىپ بېرىڭ دېسە ئۇنىمايسىز، زادى نېمە ئىشىڭىز بارئۇ پور كۆتەك بىلەن ؟

+ n" q8 S: m: ^4 u& S6 i+ R
-نېمە ئىشىم بارلىقنى بايائېيتتىم، مەن ئۇ توكسىكلىتنى مىنمەيمەن، خەقنىڭ ئەكېلىپ قويۇشىغا چىدىمىسىڭىز ماڭاماشىنا ئېلىپ بېرىڭ .

; f! u9 e+ r  u" M4 c8 u
-ئەمدى، قانداق بولۇشى بىلەنكارىم يوق، رېستوراندا ئىشلىمەيسىز !

& t0 a4 P" U2 q' C
-نېمىشقا ئىشلىمىگۈدەكمەن ،ئارىمىزدا توختام بار، بۇ يىللىق توختامغا ئەمدى ئۈچ ئاي بولدى، توختام تۈگىسەئىشلىمەي ....
. t  q- ]9 o. S9 \  u6 [6 O% K1 k: }
گۈلنۇر سەمەت پور بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق دەپ قەسەم قىلدى، شۇنداق قىلىپ كېچە باشلانغان جېدەل تاڭئاتقۇچە گۈلنۇرنىڭ غەلىبىسى بىلەن، ھەسەننىڭ ماشىنا ئېلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئاياقلاشىتى .
7 W  h* m- o. y( h$ |0 g2 B3 [
گەرچە شۇ كەچتىكى ئىشتىن ھەسەن گۇمانلانغان بولسىمۇ ئۇنىڭ چىرايلىق ئەركىلەشلىرى، ھەر قانداق ئەركەكنى بىرقارىغۇزشقا مەجبۇر قىلغۇدەك چىرايىغا چىدىمايتتى. ھەم ئۇنى ئۆزىنى بىلىپ قالاردېگەن ئارىدىن يېرىم ئاي ئۆتۈپ ھەسەن يەرنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىپ ماشىنا ئېلىپبەردى .
- V2 d5 R' q( Z4 B1 Z! V) q& M: a
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى.ھەسەن بۇ كۈنلەردە قىماردىن قول ئۈزۈپ چىلانلىقلاردا ئالدىراش ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەمەت پورنىڭ خوتۇنى خاسىيەتخان ئۇنى ئىزدەپ كەلدى ھەم ئۇنىڭغاسالام -سەھەتمۇ قىلماي تىل سالدى .

. [5 |# t( a% ]5 p- L
-ھوي، ھەسەن يۇمشاقباش! ئاقانجۇقۇڭنى باشقۇرامسەن يا مىنىڭ ئېرىمگە تۇتۇپ بېرەمسەن ؟ !

. \% f. m% |1 @/ z% a
-نېمە دەۋاتىسىز ھوي،ئاغىزىڭىزنى يىغىپ گەپ قىلىڭ، كىمنى تىللايسىز ؟ !-ھەسەن گۇمان قىلغان ئىشنىڭ يۈزبەرگىنىنى سەزسىمۇ بۇ ئايالىنىڭ ئۆزىنى يۇمشاقباش دەپ تىللىغنىدىن تېرىكىپ بوغۇلدى.

3 u: t, C4 G' ~! ^1 @6 b& Z
-ماۋۇنىڭغا قارا! دېگىنىچەسومكىسىدىن تېلېفوننى ئېلىپ كۆرسەتتى، تېلېفوندىكى سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق خوتۇنى بىلەن سەمەت پور بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئەينەك رومكىلاردائىچىملىك ئىچىۋاتقان، بىر-بىرلىرىگە يۈزلىرىنى يېقىپ ھاياسىز كۈلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرتۇراتتى، ھەسەننىڭ ئەمدى بۇلارغا ئىشەنمەسلىككە ھېچ باھانىسى يوق ئىدى .

: J' E1 y& k/ H
-كۆرگەنسەن، ئاۋۇ بىرنېمەڭنى ۋاقتىدا يىغىشتۇر، ئېرىم باشتا تېخى ئۇ كەلگۈندىنى ئۈنداق ئىقىتىدارلىقكەنەي، مۇنداق ئەخلاقلىقكەنەي، رېستۇرانىمىزنى مۇنداق باشقۇرۇپ بىزنىباي قىلىۋېتىدۇ دېسە ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن، ئەمدى بىلدىم ئۇنىڭ قانداق ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، ئوبدان كۆرىۋال ھەسەن بايۋەتچە، ئەسلى بىر تېگى پەس بۇزۇقنى خوتۇن قىپسەن، ئىسىت سىنىڭ ھالىڭغا !
3 v) W: E" x7 \1 g6 \, V) h
خاسىيەتخان ھەسەنگە باشقاگەپ قىلىشىنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى سەزدىمۇ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى دەپ غۇتۇلدىغنىچەئارقىسىغا ئۆرۈلدى ،ئۇ گۈلنۇرنى تىللىۋاتامدۇ، ياكى ھەسەننمۇ بىلگىلى بولمايتتى .ئۇ ھەسەنگە كۆرسىتىپ دىگۈدەك  يەرگە بىرتۈكۈرۋېتىپ كەلگەن  يولى  بىلەن كەتتى .

, y! t, J& h" u% D/ @
ھەسەن كاداڭ  خۇددى خاسىيەخان ئۆزىنىڭ يۈزىگەتۈكۈرگەندەك  ھېس قىلدى ، ئۇ غەزەپتىن تىترەيتتى، تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ گۈلنۇرغا تېلېفون قىلماقچى بولاتتىيۇ يەنەبېسىۋېتەتتى. ئۇ بىرەر سائەتچە شۇنداق تۇرغاندىن كىيىن يەنە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى.

- F+ b$ a# Z1 z  X- D/ ?( z
ھەسەن كۆپ ئويلاندى، ئەمدىبۇ ئىشىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى، خەقلەر تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايتتى، گۈلنۇر بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتۇشقا كۆڭۈل ئەسلا كۆتۈرمەيتتى، ئۇ گۈلنۇرنى تاللاپ، ئۆينى بۇزغانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەنغۇ  دەپ ئويلايتتى  . ئۇ ئاجرىشىپ كېتىشىنى قارار قىلدى .
* I4 X# k# `3 C0 x
كەچ كىردى، ھەسەن ئۆيدەيالغۇز ھاراق ئىچىپ گۈلنۇرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى .
' u9 }8 ]: e; M7 A: w, \5 p
شۇ كۈنى كەچتە ھەسەنگۈلنۇرنى يالۋۇرۇشلىرىغا، ئېزىپتىمەن دەپ پۇتىنى قۇچاقلاشلىرىغا قارىماي قاتتىق ئۇردى ۋە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى  .
6 l8 m! Z; H/ O) M0 i
شۇنداق قىلىپ ئۇلارئاجىراشتى، گۈلنۇر ماشىنىنى ئۆزىنىڭ نامىدا تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ شۇنىڭغا تەۋەبولدى، ھەسەن بۇ ئۇنىڭدىن  قۇتۇلغىنى ئۈچۈن ماشىنىغىمۇ تارتىشىپ ئولتۇرمىدى، بىراق ماشىنىنىڭ يۈز نەچچە مىڭ قەرزى ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىلدى .
4 Z/ a1 M6 ]8 b
گۈلنۇرنىڭ بۇ ۋىجدانسىزلىقى ئۇنىڭغا ھار كەلدى، ئۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلەشتى، شۇ يىلى چىلاندىن دېگەندەك مول ھوسۇل ئالالمىدى، چىلان باھاسىمۇ يىلىدىن يىلغا چۈشۈپكېتىۋاتاتتى  .

* V# b; S& w# M5 l- U) X5 x: I
شۇندىن كىيىن ھەسەننىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى باسمىدى، ئۇ كۈندۈزى ئۇخلاپ كەچلىكى چايخانىلارغا قاتىرايتتى. ھەرقانچە قىلسىمۇ قىماردىن قول ئۈزەلمىدى .

. E+ r( u7 Z3 T6 ^$ D1 M) C

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-9 17:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەت تۇسنى ئالغان ياخشى يازما بۇپتۇ ! داۋامىنى تىزرەك يىزىڭ  ..

3

تېما

487

يازما

490

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100225
يازما سانى:
487
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1502
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
460 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 16:16:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى،ياخشى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:52 PM, Processed in 0.134771 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش