قەرىز
…
مۇھەممەد ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
…
…
نىم بولدىكىن دەپتىمەن كەلدىڭ غەمكىن ئاھ ئۇرۇپ،
دەرتلىرىڭنى قۇچاقلاپ ياشلىرىڭنى ئاقتۇرۇپ.
بوسوغامدىن كەتمىدىڭ ئۆتنە سوراپ يالۋۇرۇپ،
ئىزىۋەتتىڭ يۈرەكنى كاللامنىمۇ قايدۇرۇپ،
قەرىز بەردىم ئامالسىز ئەھۋالىڭغا قايغۇرۇپ.
…
…
…
شۇندىن بىرى يوقالدىڭ داپتەك قىلىپ يۈزۈڭنى،
ئىزدەپ بارسام ئۆيۈڭگە كۆرسەتمىدىڭ ئۆزۈڭنى،
ياندىم نەچچە سالپىيىپ ئاڭلىيالماي سۆزۈڭنى،
ئۆتۈپ كەتتىڭ ئالدىمدىن يۇمۇۋىلىپ كۆزۈڭنى،
خوتون، بالام ئالدىدا قويدوڭ ئەجەپ چاندۇرۇپ.
…
…
…
بىلەتتىڭغۇ ئەينى چاغ داۋالىتىپ ئانامنى،
ساتقان ئىدىم قىيالماي توخو كەپتەر كالامنى.
ساقلىغانتىم تىۋىپقا ناندىن قىسىپ بالامنى،
ئەمدىلىكتە ئۇنۇتتۇڭ مىنى كۆرسەڭ سالامنى،
مىجىۋەتتىڭ ۋەدىنى مىنى غەمدە قالدۇرۇپ.
…
…
…
ئۇن-ياغ تۈگەپ ئۆيۈمدە بىر تىيىنمۇ قالمىدى،
پۇل بولمىغاچ ئانامغا ھەتتا ئوكول سالمىدى ،
يوقسۇزلۇقتا يىلىنىپ ئىغىزىممۇ تالمىدى،
جاندىن تويدۇم قىينىلىپ تەڭرى جاننى ئالمىدى.
خوش بۇپ قالاي پۇلۇمنى بەرگىن ماڭا قايتۇرۇپ.
…
2016-2-22