مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2437|ئىنكاس: 1

شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسى چىمپىيۇنلۇقتىن مەھرۇم قالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

333

تېما

415

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98195
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1811
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
809 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-25
ئاخىرقى:
2016-3-30

   
   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 8-مارت  خەۋىرى: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ، 2015- 2016 – يىللىق مۇسابىقە مەزگىلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)نىڭ پەسىلدىن كىيىنكى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4- مەيدان مۇسابىقىسىدە،  شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مىھمان كوماندا سۈپىتىدە بىيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچىمىز دىلارە دىلشات  ئالدىنقى مەيداندا ئىغىر يارلانغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان چەتئەللىك ياردەمچى ماھىرى  تىنا چارلېسنىڭ ئورنىغا مەيدانغا چىقىپ باشتىن-ئاخىرى مۇسابىقە ئوينىدى،  ئىككى كوماندا كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى  63-85 نەتىجە بىلەن بىيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئۇمۇمى نۇمۇردا  1-3 نەتىجە بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى بىيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇپ چىمپىيۇنلۇقتىن مەھرۇم قالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىلاھىي بۇغا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گەرچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ،  كوماندا قۇرۇلغان تۇنجى يىلدىلا WCBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشتەك مۆجىزە ياراتتى. بۇ نەتىجە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ مازىڭيۈ 21 نۇمۇر ئالدى، 2 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم پاس يولىنى ئۈزىۋالدى؛ چىيۇسىيۇ 15 نۇمۇرئالدى، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم پاس يولىنى ئۈزىۋالدى؛ خۇۋالىن 13 نۇمۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم پاس يولىنى ئۈزىۋالدى؛  پېڭ شىچىڭ 8 نۇمۇرئالدى، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. بىز ئۇيغۇر ۋاسكېتبول توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى تەجىربە ساۋاقلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمىز، بىز شىنجاڭ كوماندىسىنى مەڭگۈ قوللايمىز. خەير-خوش شىنجاڭ كوماندىسى كىلەر پەسىللىك مۇسابىقىدە كۈرۈشەيلى.


2345_image_file_copy_1.jpg 2345_image_file_copy_2.jpg 2345_image_file_copy_3.jpg 2345_image_file_copy_4.jpg 2345_image_file_copy_5.jpg 2345_image_file_copy_6.jpg 2345_image_file_copy_7.jpg 2345_image_file_copy_8.jpg 2345_image_file_copy_9.jpg 2345_image_file_copy_10.jpg 2345_image_file_copy_11.jpg 2345_image_file_copy_12.jpg


ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-9 23:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇخادىن چىقىۋاپتۇ، ئۇتتۇرغان بولسىمۇ مەيداندا تۇلۇق ئويناپ

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 09:52 AM, Processed in 0.243173 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش