بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baykuq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-9 10:47 AM " b& A- @8 l& V2 d9 Y8 n# x& v
# u! n) ~& p, q$ _: ?% ]
ئىككى چوڭ مۇھىم خەۋەر نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، پېرىۋوت تۈرلىرىمۇ بۇنىڭغا جۆر بولدى
FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
# _0 D1 n# T5 [0 c6 J; D
دۈشەنبە كۈنى (7-مارت) كوزۇر مەھسۇلاتلارنىڭ قاڭقىش قۇيۇنى داۋاملىق كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ئۈلگە بولدى. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ يىغىن چاقىرماقچى بولغانلىق مۇھىم خەۋىرىنىڭ تەسىرىدە، بازارنىڭ مەھسۇلات كېمەيتىشكە بولغان مۆلچەرى تېخىمۇ ئۆرلىدى، شۇنداقلا نېفىت باھاسىنىڭ %5 ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. برېنت نېفىتى 40 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىنى بۇزدى.
ئاۋسترالىيە دوللىرى، كانادا دوللىرى قاتارلىق كوزۇر مەھسۇلات پۇل تۈرلىرىمۇ ئۆرلەش قەدىمىنى ئالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ ئىپادىسى ھەممىدىن ياخشى بولۇپ، كانادا دوللىرىمۇ ئۆسۈشكە يۈزلەندى، جەنۇبىي ئافرىقا راندى ۋە مېكسىكا پېسوسىمۇ ئۆستى.
تەمىنات ئېشىپ كېتىۋاتقان نېفىت بازىرى مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش ئۈمىدىنىڭ تۈرتكىسىدە OPEC نىڭ نېفىت باھا نىشانى تېخىمۇ يۇقىرىلىشى مۇمكىن، برېنت نېفىتى دۈشەنبە كۈنى (7-مارت) %5 ئۆستى، نېفىت باھاسى 40 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىگە چىققاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار تاۋار پۇل تۈرلىرىگىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇردى.
سانائەت مېتاللىرى باھاسىمۇ ئېقىمغا ماس ھالدا ئۆستى، جۇڭگو پولات تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ قىسقا مەزگىللىك مەھسۇلات ئاشۇرۇش مۆلچەرىنىڭ ئىلھامى بىلەن، تۆمۈر رۇدىسى %20 دىن كۆپرەك ئۆسۈپ 8 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. تۆمۈر رۇدىسى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ قىممىتى بار ئېكىسپورت مەھسۇلاتى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەپتە ئاخىرىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يامانلاشمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى، بۇمۇ نېفىت ۋە مېتال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان بىر سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
Nomura نىڭ نيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق پېرىۋوت ستراتىگىيىچىسى Charles St-Arnaud مۇنداق دېدى: "بازارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان كۆز قارىشى بەكلا ئۈمىدسىز ئىدى، بۇ قېتىم بازارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆردۇق."
AUDUSD ئالدىنقى كۈنى كەچتە0.7469 غا يېتىپ، %0.4 ئۆستى، ئۆتكەن يىل 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش بولدى، 7 ئاي ئاۋالقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە 0.75 گە يېتىشكە ئازلا قالدى. كانادا دوللىرى %0.3 ئۆسۈپ، 1 ئامېرىكا دوللىرى 1.3282 كانادا دوللىرىغا ئايرىباشلىنىپ، ئۆتكەن يىل 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.
: l2 @: j# T; y* p
ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى كوزۇر مەھسۇلاتلار ۋە پۇل تۈرلىرىنىڭ قاڭقىش بېسىمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى، بۇندىن سەل ئاۋالقى %0.4 لىك ئۆسۈشتىن، %0.2 لىك چۈشۈشكە ئۆتتى، دوللار كۆرسەتكۈچى 97.13 بولدى.
2-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ باشقا بارلىق ئاساسلىق پۇل تۈرلىرىگە ئايرىباشلىنىش قىممىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، ئۆتكەن بىر ئايدا AUDUSD پېرىۋوت باھاسىنىڭ يىغىندا ئۆسۈش نىسبىتى %5 دىن ئاشتى.
ئاۋسترالىيە دوللىرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە بلومبېرگ مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى بىر ئايدا %3.7 ئۆستى. MSCI ئاسىيا تىنچ ئوكيان كۆرسەتكۈچى %4.8 ئۆستى، بۇندىن باشقا، ئاۋسترالىيىنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت مەھسۇلاتى بولغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ باھاسىمۇ ئالدىنقى جۈمەگىچە تەخمىنەن %18 ئەتراپىدا ئۆستى.
ئاۋسترالىيە خەلق ئىگىلىكى بانكىسى (NAB) نىڭ سىدنېيدا تۇرۇشلۇق پېرىۋوت ستراتىگىيە بىرلەشمىسىنىڭ باش مەسئۇلى Ray Attrill مۇنداق دېدى: "ئاۋسترالىيە دوللىرى ۋە تۆمۈر رۇدىسى باھاسى كوزۇر مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ قاڭقىش شامىلى تەسىرىدە كۈچەيدى."
مەھسۇلات كېمەيتىش مۆلچەرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، نېفىت بازىرىنىڭ ئۆسۈش كەيپىياتى 2011-يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.
نېفىت باھاسى دۈشەنبە كۈنى %5 ئۆستى، برېنت نېفىت قەرەللىك مېلى باھاسى 40 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىنى بۇزۇپ، بۇ يىلقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. بۇندىن بۇرۇنمۇ ئېكۋاتور جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان لاتىن ئامېرىكىسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا OPEC نىڭ نېفىت باھا نىشانى تېخىمۇ يۇقىرىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
نيۇ يورك مەسلىھەتچىلىك شىركىتى PIRA نىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە باش مۇدىرى Gary Ross نىڭ بىلدۈرۈشىچە، OPEC تىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدە نېفىت باھاسىنى 50 ئامېرىكا دوللىرىلىق تەڭپۇڭ سەۋىيىگە يەتكۈزۈش توغرىلىق سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان، بۇ نېفىت بازىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك زور كۆلەمدە چۈشۈش يۆنىلىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
Gary Ross نېفىت ساھەسىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆلچەرلىگۈچى زات، نېفىت باھاسىنى يۈرەكلىك ھالدا مۆلچەرلەيدۇ، شۇنداقلا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان OPEC ئەزا دۆلەتلىرىنى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
برېنت نېفىتى قەرەللىك مېلى دۈشەنبە كۈنى 2.12 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، 40.84 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، ئۆتكەن يىل 9-دېكابىردىكى يۇقىرى نۇقتا 41.04 ئامېرىكا دوللىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 20-يانۋاردىكى 12 يىللىق تۆۋەن نۇقتا 27.10 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىدىكى باھاغا سېلىشتۇرغاندا، %51 ئۆستى.
برېنت نېفىتىنىڭ كۈندىلىك گرافىكى
ئامېرىكا نېفىت قەرەللىك مېلى 1.98 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، 37.90 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى ھەمدە ئىككى ئايلىق يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى. 11-فېۋرال ئامېرىكا نېفىتى 2003-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 26.05 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىدە ئىدى.
8 f/ q& G: ?" ]( t" G: \
ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدىي قاتارلىق مۇھىم OPEC ئەزا دۆلەتلىرى روسىيە ۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش ئارقىلىق دۇنيا نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن برېنت نېفىت قەرەللىك مېلى باھاسى %10 ئۆستى.
ئامېرىكا WTI نېفىت زاپىسى ئەھۋالىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بىكار تۇرۇۋاتقان بۇرغىلاش قۇدۇقلىرىنىڭ سانى ئېشىپ، ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كېمەيدى.
3 O1 u/ F2 q- X, S ئامېرىكا قەرەللىك مال سودا كومىتېتى (CFTC) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1-مارتقىچە بولغان بىر ھەپتىدە WTI نېفىتىنىڭ چۈشۈش سودىسى %15 كېمەيگەن.
Julius Baer Group Ltd. كوزۇر مەھسۇلاتلار تەتقىقات ئورنىنىڭ باش مەسئۇلى Norbert Ruecker نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە نېفىت زاپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بازار تەمىنلەش ئېشىپ كېتىشىگە ئەمەس بەلكى ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى جەھەتتىكى دەسلەپكى سىگناللارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
كوزۇر مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ قاڭقىشى بەلكىم بازارنىڭ تەگ نۇقتىنى كۆرۈش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
MarketWatch مەخسۇس ستونىنىڭ يازغۇچىسى Mark DeCambre نەچچە كۈن ئاۋالقى ماقالىسىدە يېقىنقى مەزگىلدە كوزۇر مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ قاڭقىشى بەلكىم بازارنىڭ تەگ نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ۋال كوچىسىنىڭ قارىشىچە، كوزۇر مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆسۈشى بەلكىم بازارنىڭ ئەڭ ناچار دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن، ھېچ بولمىغاندا بۇ يېقىندا شۇنداق بولىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن.
نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كوزۇر مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشىدىن ئىبارەت ئۇچۇرنى تارقىتىدۇ. تۆۋەنلىگەن كوزۇر مەھسۇلات باھاسى بولۇپمۇ نېفىت باھاسى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىسقىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرەلىشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم كىشىلەر نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى پەقەت تەمىنلەشنىڭ ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سودا خىزمەتچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن كوزۇر مەھسۇلاتلارنى قاڭقىشقا باشلىدى دەپ قارايدۇ.
. k% D$ U8 }& C7 _; ^ K