مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2672|ئىنكاس: 2

چىلان چېچىكى-پوۋسىت -5

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

126

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 445
يازما سانى:
126
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11142
تۆھپە :
453
باھا :
356
توردا:
3309 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 01:08 PM  $ L9 S0 B4 C7 R8 K6 Q$ O
5 `, F6 T4 {4 x2 F% z* B$ ^: j4 a
ئەمەتبەگ ئۆمەر (بەرداش )
& _/ r0 `; T  h- I  B0 b5 H
& N# D4 M) `7 q! {* N1 y3 K; o

* D, G4 b, N6 A! `' D( ?% `# ?7 c. }
5

* W- ?; d# z1 B1 h0 d1 g/ F( b& m
         ئوبۇل پاناق قىمار بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى، قىماردا نەچچە ئوڭدا قالسىمۇ، يەنە شۇ يەرلەردە يۈرەتتى، يېقىندىن بېرى ئۇ ھەسەننى كۆپ ئىزدەيدىغان بولىۋالغاندى، ئۇ ھە دېگەندە ماڭا چىلانلىق باغ كۆتۈرەئېلىشىپ بەرسەڭ، ماڭا تېخنىكا ئۆگىتىپ قويساڭەي دېگەندەك گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كىرەتتى ۋە ھەسەنگە ئاللىقانداق چوڭ ئىشلارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ھەققىدە مەسلىھەت كۆرسىتەتتى .
- T# ^1 z! J+ Z! W
يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار دېگەندەك ئوبۇل ئاخىرى ھەسەننى قىمارغا باشلاپ كىردى، دەسلەپتە ھەسەن كۆرۈپ باققىلى كىرگەن بولدى، ۋە شۇنچىكىلا قىزىقىپ قاراپ باقتى، قىمارۋازلارئاساسەن قارت بېسىپ ئوينايتتى. ھەسەن قىمار ئوينىمىغىنى بىلەن قارت، شاھمات دېگەنلەرگە ئۇستا ئىدى. ئۇ قولىدىكى قارتلارغا قاراپ قالغان ئۈچەيلەننىڭ قولىداقانداق قارتلارنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ چۈشۈلۈپ بولغان قارتلارنى يادىدا تۇتۇۋېلىپ كىملەرنىڭ قولىدا قانداق قارت قالغانلىقنى بىلىۋالاتتى ۋە پەرىزى ئاساسەن توغراچىقاتتى .

/ M6 I" @' }0 m
ھەسەن سورۇندىكىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قولدىكى قارتىلار بىلەن ھېسابلاشماي قارىسغائويناۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ئىچى پۇشتى ۋە بىر قول ئويناپ سىناپ باقتى ۋە شۇ قولدىلائۇتىۋالدى. ئەمما ئۇتقان پۇلىنمۇ ئالماي كەتمەكچى بولىۋېدى ئوبۇل ئۇنىڭغا كانىدەك چاپلاشتى. ئۇ كۈنى ھەسەن ئارقا-ئارقىدىن ئۇتتى، ئوبۇل بۇنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى .

# H; V6 G; C5 ^
شۇنىڭدىن كىيىن ھەسەن بۇ يەرگە قايتا كەلمەسلىك، قىمارغا ئارىلىشىپ قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ ئوبۇلنىڭ ئۇنى سۈيلەپ كېلىشلىرى ۋە ئۇتىۋېلىشتىن كېلىدىغان خۇشاللىق ئۇنىڭ مەيلىنىتارتىپ تۇراتتى .
  Y; J' `8 L$ e7 M8 _% Q- G% {
شۇنداق قىلىپ ئۇئاز-تولا ئۇتقانمۇ بولدى، بۇنداق چاغلاردا ئوبۇل پاناق ئۇنىڭ ئەتراپىدىن پىرقىراپ كەتمەيتتى، ھەدەپ چوڭراق تىكىشكە قىزىقتۇراتتى. ھەسەن پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا ئازدۇر كۆپتۇر پۇل تىكىپ ئويناش، قىمارغا كىرىشىپ قالماسلىقنى  ئويلىغان  بولسىمۇ خۇددى زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغاندەك خۇمار بولۇپ قالغىننى ئۆزىمۇ تۇيماي قالغاندى .
4 Z1 b! k* t) e' }
ئەمەلىيەتتە ئوبۇل قىمارخانىنىڭ ئادىمى بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى بىلمەيتتى، چايخانا خوجايىنى دەل مانا مۇشۇنداق پىيەنچۈكلەرنى ياللىۋالغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن مەخپىي سودىلىشىپ،ئۇلارنى قىمارخانىغا خېرىدار توپلاشقا، بولۇپمۇ ھەسەنگە ئوخشاش پۇلى كۆپ، تېز بېيىغان ياشلارنى جەلپ قىلىشقا يەمچۈك قىلاتتى. يېڭى پۇلداردىن بىرەرنى چايخانىغاباشلاپ كەلسە ئۇلار ئوينىسۇن ئوينىمىسۇن خوجايىن شۇ كۈنىلا ئۇلارنىڭ كارتىسىغامەلۇم مىقداردا پۇل يۆتكەپ بېرەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا يەنە مۇقىم مائاش بېرىدىغان بولۇپ، ۋەزىپىسى مۇشۇنداق ياشلارنى قىمارغا قىزىقتۇرۇش، داۋاملىق خېرىدار توپلاش ۋە قىمارخاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. ئۇلار دائىم ئۆزلىرى قىمار ئوينىغان بولۇپ، باشقىلار ئوينىشىپ بەرگەن بولۇپ، قىمارخانىغا كېلىپ كەتكەنلەرگە كۆز قۇلاق بولاتتى، ياكى نۆۋەت بويىچە چايخانىدىن بەش ئالتە يۈزمېتىرچە يىراقتىكى يول ئېغىزىغا جايلاشقان بىلىياردخانىدا بىلىيارد ئوينىغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى، ئەگەر ساقچىلارتۇيۇقسىز كەپ قالغۇدەك بولسا ئۇلار خوجايىنغا دەرھال تېلېفون بېرىۋېتەتتى-دە،قىمارۋازلار پۇللىرىنى يىغىشتۇرۇپ قارت، شاھمات ئوينىغان بولۇپ ئولتۇرۋالاتتى،شۇنداق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ باشقا بۇ دەللاللار ئۆزلىرى باشلاپ كەلگەن خېرىدارلاردىن كىرگەن كىرگەن كىرىمگە قاراپيەنە شېرىنكانە ئالاتتى، شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشقا شۇنچىلىك كىرىشىپ كەتكەنكى ئۆزيۇرتدىشى، ئۆز ئەل-ئاغىينىلىرىنىمۇ سېتىۋېتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندى .
5 B, W2 k) o6 _' E( c
شۇنداق قىلىپ بىرقېتىملىق قىماردا ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە كىرىپ قالدى. گۈلنۇرغائېلىپ بەرگەن ماشىنىنىڭ قەرزىنى قوشقاندا ئۆينى ساتسىمۇ چىقىشمايتتى .

) d+ D) x; U* v3 L; b+ u# N
ھەسەن گۈلنۇربىلەن ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر كۈنى ئوبۇل پاناق ھەسەننى يەنە ئىزدەپ كەلدى.ئوزايىدىن بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھەسەن ئوبۇلنىڭ قىلىپيۈرگەن بەزى ئىشلىرىدىن گۇمانلانغاچقا ۋە ئۇ توغرىلىق ئېقىپ يۈرگەن بەزى گەپلەرنىئاڭلاپ يۈرگەچكە ئۇنى ئانچە خالىماس بولۇپ قالغاندى .
4 ?$ ^- s' R. v, W- w
-ئاداش، ساڭاخۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدىم، بۈگۈن زادى بىر بارمىساڭ بولمىدى، بۈگۈن بارغۇ داڭلىق تاشچىدىن ئىككىسى كېلىدۇ، ھەممىسى يېڭى ئۆگەنچى بىر نېمىلەر .

8 x) N# i! c9 @% Q7 l8 Q" I
-قويغىنا شۇخۇشخەۋېرىڭنى، مەن ئوينىمايمەن. ئۆزۈڭ ئوينا .

; A% k8 ?6 I% z2 X
-خەق مەن بىلەن ئوينىمايدىكەن، ھەسەن بايۋەتچە دېسە ھەممەيلەن سىنى تونۇيدۇ، شۇڭا ...
! G- [: Z8 A) M
-بايۋەتچە ؟!  -مەسخرە ئارىلاش كۈلدى ھەسەن، ئۇ ھازىر ئۆزىنىمەسىخىرە قىلىۋاتامدۇ ياكى ئوبۇلغا تەنە قىلىۋاتامدۇ بىلگىلى بولمايتتى-بايۋەتچەدەپ قوي، مەندە ھازىر ھېچنېمە يوق، بەش يۈز مىڭ يۈەنچە قەرزگە كىرىپ بولدۇم، قەرز ئىگىلىرى داچاڭنى سات دەپ قىستاپ يۈرىدۇ، ئۇندىن قالسا شۇ ئونبەش مو يېرىم قالدى، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام ئۆلسەم بولىدۇ .

' ?+ ^. i1 e* w! ]& o
-ئۇنى مەنمۇبىلىمەن ، -دەپ سىپايە سۆزلەشكە تىرىشاتتى ئوبۇل، مەنمۇ شۇ بۇ قېتىم سىنى بەك كۆپ سورىلىپ كەتتى، ئازراق تىرىلىۋالسۇن دەپ ئويلاپ كەلدىم شۇ، ياسىن چولاق سىنى چوقۇم بىر كەلسە دەيدۇ،  پۇلى بولمىسا قەرز بېرىپ تۇرىمەن دېدى .
1 |/ s. F% ~& q+ a- P* l
-يەنە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىزما؟ مېنى مۇشۇ كۈنگە قويغاننىڭ ھەممىسى ئاشۇ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز،ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ئۇتتۇرغىنىم ئىككى يۈز مىڭ يۈەن ئىدى، ئۇتتۇرۋەتكەندە ماڭا قەرزبەرگەنلەر ئالتە ئايلىق مۆھلەتتە قايتۇرىدىغانغا ئۈچيۈزمىڭغا ھۆججەت يازدۇرۇشتى،ئەجەبا سەن بۇنى بىلمەمسەن! ئۇ چولاققا دەپ قوي ئۆزى ئوينىۋالسۇن .

! @) n  D& L: V0 k
-سەن بىلمەيسەن ئاداش، ئا تاشچىلار ياسىن بىلەن ئوينىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چايخاننىڭ ئىگىسى،ھە راست ، ئۇ ھەسەن كەلسە پۇل بېرىپ تۇرىمەن، ئۆسۈمنى ئالمايمەن، ئۇتقاندا مېنىئۇنتۇپ قالمىسىلا بولدى دېگەن .

* J8 g( G; \7 ~* \6 n+ m. W
يېقىنقى چاغلاردائۇتتۇردىغانلار ئۇتتۇرۇپ  ، چىلانچى دېھقانلار سورۇلۇپ ، ساقچىلار بىر نەچچە قېتىم كېلىپ پاراكەندە قىلىپ، ئۇندىن قالسا چايخانا خوجايىنى ئادەم ياللاپ ساختىلىق قىلىدىكەن دېگەندەك گەپلەر ئاۋۇپ قالغاچقا قىمارخانا چۆلدەرەپ قالغاندى، يانچۇقىغا كىرىدىغان پۇلنىڭ ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقنى سەزگەن ياسىن چولاق، ئەمدى  يەنە ئوبۇلدەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ھەسەنگە ئوخشاش كونا قىمارۋازلارغا ئۆسۈمىسز قەرز بېرىدىغان يېڭى كوزىرىنى ئىشقا سېلىۋاتاتتى .
* m, @: o4 `: V8 u
شۇنداق قىلىپ ھەسەن يەنە قانداقتۇر ئۈمىدلەربىلەن ئىككىنچى ئاياق باسمايمەن دېگەن چايخانىغا كەلدى .
% _0 I5 j- a: L; j: N; h; l
راست دېگەندەك تاۋكادا ئىلگىرى چايخانىغا كېلىپ باقمىغان تاشچىلار ئولتۇراتتى، ھەسەن ياسىن چولاق بېرىپ تۇرغان پۇل بىلەنلا بىرنەچچە قول ئۇتتى، ئەمدى ھەسەننىڭ يۈرىكى يوغىناپ بارا بارا چوڭراق تىكىشىكەباشلىدى، ئەمما ئۇتۇشى ئېنىق بولغان بىر نەچچە قېتىمدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇتتۇرۋەتتى،  باشقىلارنىڭ قولىدىكى قارتلار ئۇنىڭغا ئايان ، ئۇ شۇنىڭغا  قاراپ چۈشىۋاتسىمۇ ، قارشى تەرەپ خۇددى ئۇنىڭمۇ قارتىنى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا ئۇنى ئوڭدا قويىۋاتاتتى . ئۇتتۇرغانىسىرى تەن بەرگۈسى كەلمەيتتى، بۇ كېچە قىمار يېرىم كېچىگە سوزۇلدى، ھەسەن ياسىن چولاققا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز قەرزگە بوغۇلدى، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمدى تۈگەشكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىلاتۇرۇپ كەتتى. ھەسەن قىمارخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ياسىن چولاق بىلەن تاشچىلارنىڭ قوللىرىنى سىقىشىپ كۈلىشىۋاتقانلىقىنى، ياسىنىنىڭ ئوبۇل پاناقنىڭ قولىغا پۇلدەك بىر نەرسە تۇتقۇزۋاتقانلىقىنى غىل پال كۆرۈپ قالغاندى، ئۇ بۇكۆرۈنۈشتىن ئۆزىنىڭ قىلتاققا دەسسىگەنلىكىنى، ئوبۇلنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر سېتىۋەتكەنلىكىنى سېزىپ غەزەپتىن تىترەپ كەتتى، كىرىپ بىر نېمە دېيىشەي دېسە ئۆزى يالغۇز ئىدى .
8 y( @) X7 U" y/ @
يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەر ھەسەننى قىستاپ يۈرۈپ ئۆيىنى ساتقۇزدى. ئۇ كۈنى تادان ياسىن چولاق ھەسەننىڭ يەر كىنىشكىنى ئەكەلدۈرۋالغان ۋە يەرنى ھەقىلىق ئۆتۈنۈپ بەردىم دەيدىغانغا ھۆججەت يازدۇرۋالغاندى.ياسىن چولاق ھەسەندىن يەرنى سالدۇرۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا قاقسەنەم بولۇپ كوچىغا چىقىپ قالدى.
' Y2 O$ P9 @4 v, n6 l7 d! J

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-9 19:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى راۋان تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولالىغۇدەك ئەسەر بۇپتۇ بۇ !

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-9 19:36:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى راۋان تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولالىغۇدەك ئەسەر بۇپتۇ بۇ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 09:52 AM, Processed in 0.175788 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش