بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jawhar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 11:47 PM
ئەسكەرىتمە -
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىمدىكى مەلۇم كەچمىشلەرنىڭ مەسۇم تىۋىشلىرىغا ئازاپلىق زەن سېلىپ، ئىلكىمدىكى بوشلۇقتا پىنھان يۈرمەكتە ئىدىم . ئالدنقى كۈنلەردە قەلبى تاتلىق ، لەۋزى ئاچچىق ئۇستازىم . ئاكا ئاغىنەم ۋە ئاتام يېشىدىكى سىردىشىم تالانىتلىق شائىر ۋە ھۆرمەت ۋە ئىززەت ساھىبى ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئۆزىنىڭ ئاتىلارچە تاتلىق لەۋزى بىلەن مېنى مەزكۇر دالاغا جۇشقۇن روھ بىلەن قايتا كىرىشكە دەۋەت قىلدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى يىللاردا يېزىلغان مۇشۇ يازمىنى تۇنجى قەدەمدە ھەر قايسىڭلارنىڭ ھۆزورىغا سۇندۇم . مەزكۇر يازمام ئۇستىدىن بور توزانلىرى كەتمەيدىغان قەلبىدىن ئەۋلاد زوقى ئۆچمەيدىغان بارلىق ئۇستازلارغا ،شۇنداقلا مۇنبەردىكى باشقا ئاق دىللىق ياخشىلارنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىگە مەنزۇر كەلسە دېگەن ئۈمىدتىمەن .
ئەسەردىكى بىر قىسىم سۆزلەر يۇرتۇمنىڭ ئاغزاكى تىل ئىستىمال ئادىتى يول قويغان دائىرىدە تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىندى
قويىۋەت
شىرزاد جەۋھەر
( بىر مۇئەللىمنىڭ ئايالىنىڭ سۆزىدىن )
خەق كىيىپتۇ نوركىنى ئەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت ،
تېلفۇن قىلغان بۇزۇق كىم دەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت.
چاقىرساملا ئىش تاشلاپ كەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت ،
قوشلاپ ئالتۇن قولۇمغا سېپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
مەن بىر دىسەم ئىككى دەپ گەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
مۇئەللىمسەن باي ئەمەس شوڭا ماڭا مالايسەن ،
سۇنى قۇيسام قازانغا ئوتنى ئۆزۈڭ قالايسەن .
سادىق ئىت بول ئاناڭنى تالا دېسەم تالايسەن ،
شەرەت قىلسام داداڭغا ئۆيگە كىرسە قاۋايسەن .
سۇغا چىلاپ قاتتىق نان يەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
ئەينەك تۇتقىن ئالدىمدا قاشلىق ئەتسەم قېشقمغا ،
ئازراق قۇيغىن ئاچچىقسۇ تاماق يىسەم ئېشىمغا.
يامغۇر ياغسا ئۆيدىمۇ كۈنلۈك تۇتقىن بېشىمغا،
قاتلا قەغەز چىرايلىق ھەر يىغلىسام يېشىمغا.
يانچۇقۇمغا مىڭ سوملاپ سېپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
غەيۋەت قىلسام غەيۋەت قىل، غاجاپ دوسىتنى دۈشمەننى ،
تىللا مېنى ئۆچ كۆرۈپ سەندىن كۆڭلى خۇرسەننى .
ئېلىپ داڭگال ئات چەنلەپ ماڭا يامان ئۆچمەننى ،
بەرمە ھەرگىز ئاناڭغا سوراق ئالماي موچەننى .
لېكىن مېنىڭ ئانامغا نەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
كارتاڭنى بەر مەن ئالاي بۇندىن كىيىن مائاشنى ،
ئۇنۇت تىزراق يۈز سوملۇق پۇلنى تۇتۇپ ساناشنى .
تاشلا پۇلسىز، ئەمەلسىز، قاتاردا يوق ئاداشنى ،
سەنمۇ ئۆگەن ئۆسۈشنى، كۆتۈرۈشنى، يالاشنى.
دۇتتىرىڭنى باشلقققا چېپ بەرمىسەپ قويىۋەت .
يېڭىسىنى ئالمايمىز ياماق سېپ كىي ئىشتانغا ،
ئاۋۇ يىرتىق توپلەينى مايلاپ بارغىن مىھمانغا .
سېلىپ قوياي ئاتمىش سوم ئايدا بىر رەت ھەميانغا،
ھال تارتىشنى كىم قويدى << مالىم>> ئاتلىق ئىنسانغا.
تەربىيەمگە زېھنىڭنى خەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
ئۆيدە ئەمدى بولمايدۇ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇق،
يېشىم دەيسەن ئوتتۇزدا بىر يۈزۈڭدە مىڭ قورۇق.
ئىشلىسەڭمۇ كۈن- تۈنلەپ تاپقان پۇلۇڭ مەنچە يوق ،
بۇ مېنىڭدىن ئاخىرقى قېتىم بولسۇن يوليۇرۇق.
خىزمەتنى دەپ كىيمىمنى يۇپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
نېمە مېنىڭ ئالدىمدا ۋەتەن بىلەن مىللەت ئۇ ؟
نېمە ئالماي ماشىنا نامرات تاپقان ھۆرمەت ئۇ ؟
نېمە سېنى ئەۋلاد دەپ جان كۆيدۈرگەن مېھنەت ئۇ ؟
نېمە تەتىل، ھېيىت دېمەي مەكتەپ باققان خىزمەت ئۇ ؟
يۇمشاق قۇلاق بۇ ئۆيدە بوپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
2013- يىلى 12- ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى قىزىم ئايتولۇننىڭ قىرقى توشقان كۈنى شاياردا يېزىلدى تېلفۇن 13899261383 چ چ 2358178066