بۇ يازمىنى ئاخىرىدا borkut- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-14 03:42 PM
/ f0 t% g- z0 x9 s' O
9 D; } T( \( u g- f مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەخپىيىتى
ئالىم ئىلى
ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا تارغاق چىشىدەك تەپتەكشى يارىتىلغان . دېمەككى ئىنساننىڭ تۇغۇمىغا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قىممەتكە ئىگە قىلغۇچى بارلىق ئامىللار يېتەرلىك سىغداپ بېرىلگەن ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراپ باقساق ، بەزىمىز باي ،زەردار ،بەزىمىز نامرات ، قەلەندەر ،بەزىمىز ئىرادىلىك ، گىگانت ، يەنە بەزىمىز چۈشكۈن ، جانباقتى.بەزىمىزنىڭ كۆزىدىن ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ، ئىپتىخارلىق ، ئۈمىد ،ئېتىقاد تۆكۈلۈپ تۇرسا بەزىمىزنىڭ ئەپتى-رەپتىدىن ياغىدىغىنى قاقشاش ،زارلاش ، دۇنيادىن ، جەمئىيەتتىن ئاغرىنىش ،خامۇشلۇق ئىلكىدە سۈلۈكتەك سۆرۈلۈپ ، مېنىڭ تەغدىرىم مۇشۇ ، مۇشۇنداق ياشاش پىشانەمگە پۈتۈلگەن –دەپ ئۆزىدە بار بولغان يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن پايدىلانسۇن دەپ ئاتا قىلغان ، غالىپلاردا بار بولغان بارلىق ئامىللاردىن پايدىلانماي ، كۆك نامرات ئىلكىدە ياشاش خاھىشى بەك ئېغىر .
ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلىم ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى خىرىس بورانلىرى ئالدىدا تىراگىكومىدىك بىر ھالنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ .نەچچە يۈز مىڭ ئوقۇغۇچى ھەر يىلى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىغا كىرىپ –چىقىپ تۇرىدۇ .ئەمما تۈزۈك ئىش تەۋرىتىپ ، نەتىجە قازىنىۋاتقانلار يوقنىڭ ئورنىدا .ھەممىسىلا ئىش ئىزدەپ چىرايى زەپىراندەك سېرىق .ئىختىساسلىقلار خېلى بار ،تالانتلىقلارمۇ بار ، ئەمما كۆپۈنچىسى مۇنەۋۋەر ياللانما خادىم ، مەدىكار ،تالانتى ،ئىقتىدارىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرالماي خوراتقانلار .كۆرمىڭلىغان ئادەم ھېلىھەم باققالچىلىق ، ئالدى-ساتتى تىجارەت بىلەن جېنىنى جان ئېتىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇششاق تىجارەتتىن قۇتۇلالماي يۈرمەكتە .ۋاھالەنكى ،يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا شاپاق-شۈپەك سېتىپ ، كەسكىنلىشىۋاتقان ،سانائەتلىشىۋاتقان ،يۈكسەك دەرىجىدە تېخنىكىلىق تاۋارلىشىۋاتقان سودا-ئىقتىساد رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش مۈمكىنمۇ ؟كۈرمىڭ ئادەم دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى بىلەن پەرۋايى پەلەك ھالدا كۈن ئۆتكۈزۈش ،جان بېقىش كويىغىلا چۈشىۋالغان .كۈن پاتسىلا ئۇخلاپ –قوپۇپ نان يەپ ،قۇرساق توقلاپ كۈننى كەچ قىلساقلا ياشىغانغا ھىساپمۇ ؟ قېنى ھاياتتىكى خۇش مەنە ؟ قېنى ھاياتتىكى ئىزگۈ تىلەك ،غايە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىش، كۈرەش قىلىش ؟ ئاللاھ بىزنى ھايۋاندەك ياشىۋالسۇن دەپلا ياراتمىغان بولغىيتى ؟ يارالمىش-ياراتمىشتىكى ئىمكان-ئىستەكلەرنى ھەلەپ قىلۋەتمەيلى!
ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ، بىلىمى ، ئىقتىدارى ئارقىلىق تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار ، مىللەت سۈيىدە ئېقىۋاتقانلارمۇ بار .بۇ يەردە ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممىگە مەلۇملۇق .قىسقىسى باشقىلار قىلالىغاننى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ،بىلىمى ،ئىقتىدارى ئارقىلىق تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىيەلىگەن ۋە مىللەت سۈيىدە ئاقالىغان يەردە ، ئەلۋەتتە بىزمۇ قىلالايمىز .
دېمەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ھىچقانداق مەخپىيەت يوق .بار دېيىلسە ، بىرىنچى ،ئاخىرىغىچە تىركىشىش ،ۋاز كەچمەسلىك ، مەغلۇپ بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق ؛ ئىككىنچى ۋاز كېچىش خىيالىغا كەپ قالغان چاغلاردا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىرىنچى مەخپىيەتكە قاراش .يەنى ئاخىرىغىچە تىركىشىش ، ۋاز كەچمەسلىك ، مەغلۇپ بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق!
بىز ئۇچىرىغان ، ئۇچىراۋاتقان ،ئۇچىرايدىغان قىيىنچىلىقلارغا .ئاشۇ نەتىجە قازانغۇچىلارمۇ ئۇچىرىغان .لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋاز كەچمىگەن ، قاچقان ئەمەس ، بەلكى داۋاملىق كۈرەش قىلغان .ۋاز كېچىشنى ئەسلا ئويلىمىغان .شۇڭا ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان .خوش ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىدىن سوراپ بېقىڭ ، سىز قانداق قىلدىڭىز ؟ قانداق قىلۋاتىسىز ؟ قانداق قىلماقچى ؟
2016-يىلى3-ئاينىڭ 14-كۈنى