مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Orxun

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇرلار تارىخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8985
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ئاز-تولا مۇناسىۋىتى بار.بەزى مەنبەلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ يازغاندىكىن ۋېنگىرلار(ماجالار)بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلايمەن!!!!!دىكى ۋېنگىرلار(ماجالار)بىلەن نى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن!!!ئەسلى ۋېنگىرلار(ماجارلار) دەپ يازماقچى ئىدىم كەچۈرۈڭلار!!!!!

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالاشمىسام  بىر چاغلاردا ئىمپىريەمۇ بولغان ... ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىريىسى ، ئۇلار بىزدىن ياخشى ئىكەن ھازىرمۇ ئات مىنىپ ، ئوقيا ئېتىپ يۈرگەن بولسا ...

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار ئۆزىنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ..............

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:42:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15757
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8497 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 08:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي ئالدىرماي ئوقۇپ   ئننكاس يازاي ئەجرىڭىزگە تەشەكۈر [s:73]

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:24:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تارىخى ماتېرياللارنىڭ كۆپرەك يوللنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى جىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم رەخمەت ...

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا" دىگەن كىتاپتا ۋىنگىرلار توغرۇلۇق مەلۇماتلار كۆپ.  يازغۇچىسى ھونگىرىيەلىك

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا
يۈسۈپجان ياسىن

كىرىش سۆز

ھونلار بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئېچىش ۋە پارلاق مەدەنيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغاندى.

ئېلىمىز مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھونلار مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ، ھونلار ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، ھۇنلاردا باتۇر تەڭرىقۇت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-174-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) ئىسىملىك بىر مەشھۇر داھى ئوتتۇرىغا چىقتى. باتۇر تەڭرىقۇت قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىدىكى قۇدىرەتلىك دۆلەت-ئاسىيا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇردى، بەزى تارىخشۇناسلار باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ.

باتۇر تەڭرىقۇتتىن 600 يىل كېيىن، ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتتىلا ئۇلۇغ بوۋىسى باتۇرنىڭ روھى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاتتېلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى دانىشمەنلىكى، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى ئەينى دەۋر ياۋروپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى ئاتتىلا دەۋرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدرەت تېپىپ، ياۋروپا خرىستىئان دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن دەھشەتلىك بىر سىياسىي كۈچكە ئايلاندى. ھەتتا، نامى مەشھۇر رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ھۇنلارغا داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئاران ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك بىر سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى ئاتتىلا بولغاچقا، تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى»، ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسى بولسا، «ئاتتىلا ئىمپېرىيىسى» دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا ئىمپىرىيىسىنىڭ زېمىنى غەربتە ئاتلانتىك ئوكياندىن، شەرقتە ئىران، ھەتتا ئالتايغىچە، شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان. ئاتتىلانىڭ ياۋروپا خرىستىئان دۇنياسىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، 1900-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئۇلارغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: «بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھونلارنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مۇقەددەس غەلبىلىرى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە، شېئىر-قوشاق، داستانلىرىدا تەرىپلىنىپ ۋە مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ سىلەر ئارقىلىق بىز ئىگىلىگەن دۆلەتتە داستانغا ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللارغىچە تارقىلىپ يۈرسۇن»[1]. مانا بۇ ھونلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتتىلانىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاتتىلا ھەقىقەتەن ياۋروپا دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ نامى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئاتتىلاغا بېغىشلانغان نۇرغۇن شېئىر، داستان، سەھنە ئەسەرلىرى، رومان، پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر يېزىلدى.

ئىتالىيە ئەدەبىيات تارىخىدا روكودېگلى ئارمىنىس(1583-يىلى) ۋە ئاسكانىئو لوناتى(16-ئەسىردە) نىڭ ئاتتىلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان داستانلىرى ئەينى ۋاقىتتا قايتا-قايتا نەشر قىلىنغان. بېلمونت كاگنولىنىڭمۇ (1625-1628-يىللار) ئاتتىلا توغرۇلۇق بىر قانچە شېئىرلىرى بار. ماتئو نورىس «ئاتتىلا» (1672-يىلى) ناملىق بىر ئوپېرا يازغان. سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدە گېئوسىت ۋېردىنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ئوپىراسى ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ ئەسەر 1846-يىلى، ۋېنىتسىيە سەھنىلىرىدە ئوينالغان.

ئىسپانىيە ئەدەبىيات تارىخىدا كىرىستوبال دى ۋىرۇئېسنىڭ «ئەقىلدىن ئازغان ئاتتىلا» (1609-يىلى)، لۇئىس دى گۇۋارانىڭ «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا» ناملىق تىراگىدىيلىرى بار.

فىرانسىيلىك يازغۇچىلاردىن پىئېر كورنىلنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق بىر تىراگىدىيسى بار. ھېنرى بورنېر «ئاتتىلانىڭ تويى» (1880-يىلى) ناملىق درامىنى يازغان.

ئىنگلىزلاردىن ج. جورج ساين رانسفوردنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھونلار» ناملىق رومانى 1837-يىلى ئېلان قىلىنغان.

نېمىسلاردىن ئەڭ بۇرۇن زاكخارىئاس ۋېرنېر 1808-يىلى «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا» ناملىق رومانتىك تىراگىدىيسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېنرىخ روستى (1853-يىلى)، جون مىخائىل سولتى(1865-يىلى)، ئالبېرت رومانن(1872-يىلى)، ئوتتو كونسېنت(1881-يىلى) ۋە ھېنرىخ ك. س. فون زىمېرمانن(1883-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ دراممىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يوسېف مارنىل(1847-يىلى) ۋە فىلىپ دان(1884-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلا ھەققىدىكى رومانلىرىمۇ خېلى شۆھرەت قازانغان.

ھونلار (ۋىنگىرلار) ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۇنگىرلارنىڭ ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مەشھۇر يازغۇچىلاردىن ئارانىي، گاردونىي، بانفىي، ۋالكاي ئاندراس ۋە گوسار ۋارىي ماتياس قاتارلىقلارنىڭ داستانلىرى ئىنتايىن مەشھۇر. 17- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر داستانچى مىكلوس يازغان «ئاتتىلا» ناملىق ئېپىگراما ناھايىتى شۆھرەت قازانغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن بېسېنىي گېئورگىنىڭ «بۇدانىڭ تراگېدىيسى» (1773-يىلى) ۋە «ئاتتىلا ۋە بۇدانىڭ تراگېدىيسى»(1787-يىلى)، ۋازھداپېتىرنىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» كارولىينىڭ «ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى»(1890-يىلى) دوپسالازھۇسنىڭ «ئاتتىلا ۋە ئىلدىكو» ۋە خارسانىي كالماننىڭ «ئىلەك» (1924-يىلى) ناملىق تىراگېدىيىلىرى، ماركۇس لاسزلونىڭ «ئاتتىلا» (1912-يىلى) ۋە كونت بانفى مىكلوسنىڭ «ئۇلۇغ بەگ» (1912-يىلى) ناملىق درامىلىرى زور شۆھرەتكە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوپسا، ماركوس ۋە خارسانىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن. زھ ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» (1864-يىلى) ناملىق داستانى، تومپا مىخائىلنىڭ «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا ھەققىدە» (1867-يىلى)، فۇلوپ ئاروننىڭ «ئاتتىلا»(1909-يىلى) ۋە «ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى»(ئۈچ توم، 1885-1908-يىللار)، «پادىشاھ ئاتتىلا ھەققىدە داستان» (1909-يىلى) قاتارلىق ھېكايىلىرى زور تەسىر قوزغىغان. ئاتتىلا توغرىسىدا يېزىلغان رومانلاردىن مەشھۇرلىرى بالفىي ئالبېرت يازغان «تەڭرى قىلىچى ئاتتىلا» (1859-يىلىدىن باشلاپ بەش قېتىم نەشر قىلىنغان)، ئۇلۇغ تارىخى رومان يازغۇچىسى گاردونىي گىزا يازغان «كۆرۈلمىگەن ئىنسان» (1914-يىلى) ۋە پىكار گىيۇلانىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق رومانلىرىدىن ئىبارەت.

تۈرك ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىرى پەيامى سافانىڭ «ئاتتىلا» (1931-يىلى) ۋە ئاپتۇللاخ زىيا قازان ئوغلۇنىڭ «ئاتلىخان»(1942-يىلى) قاتارلىق رومانلىرى، ئەنۋەر بېخنان شاپوليونىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ھېكايىسى، سەھنە ئەسەرلىرىدىن س. بەخزاتنىڭ «ئاتتىلانىڭ تويى» (1934-يىلى)، بەخچەت كەمال چاغلارنىڭ «ئاتتىلا»(1935-يىلى)، م. كەمال ئەرگىنەقۇتنىڭ «ئاتتىلا» (1935-يىلى) ۋە ناجى تانسەلنىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق درامىلىرى بار.

ئاتتىلانىڭ پەۋقۇلئاددە ھاياتى يەنە رەسساملارنىڭمۇ كۈچلۈك ئىلھامىنى قوزغىغان. مەسىلەن، ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام رافىللو سانتى (1520-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) پاپا جۇلئۇس ئىىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋاتىكاندىكى ھىلودوروس ساريىغا بېغىشلاپ «س. لېئو بىلەن ئاتتىلانىڭ ئۇچرشىشى»ناملىق داڭلىق تام رەسىمىنى سىزغان.

نېمىسلاردىن پېتىر كورنېلئوس (1867-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، جولىئوس سىكنور فون كارولسىفلد (1872-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلاغا بېغىشلاپ سىزغان بىردىن رەسىمى بار. نېمىس رەسسامى ۋىلھىم فون كالباك (1878-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ «ھۇن ئۇرۇشى» (كاتو لونيا ئۇرۇشى) ناملىق تام رەسىمى ناھايىتى داڭلىق ئاسما رەسىم ھېسابلىنىدۇ. ھۇنگر رەسساملىرىدىن چەممور (1899- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ بۇداپېشتتىكى ۋېگادو سەنئەت سارىيىغا سىزغان «ئاتتىلانىڭ زىياپىتى» ناملىق تام رەسىمى ۋە فاكزكا فېرېنك (1925-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ «ئاتتىلارنىڭ توي كېچىسى»ناملىق تام رەسىمىمۇ زور شۆھرەت قازانغانىدى.

ھازىر ھۇنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئاتتىلانىڭ ئاتلىق ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى.

يېقىندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئاتتىلا ھەققىدە بىر قانچە فىلىم ئىشلەندى.

ئاتتىلا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئېمپىراتور ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھونلار ئاتتىلا دەۋىرىدە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، دۇنيا تارىخىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغاندى. بۇ كىتابتا، ئەنە شۇ دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، قوشنا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا خرىستىئان دۇنياسىدىكى تەسىرى ھەمدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا، ئاتتىلا توغرۇلۇق بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك رىۋايەتلەر، شۇنداقلا ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپا مەدەنيىتىگە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

بىرىنچى باب

ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

1. ھونلارنىڭ ئىرقىي تىپى

ھونلارنىڭ ئەسىلى مەنبەسى بولغان تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپرىقىدا كۆرۈلۈشى تارىخنىڭ ناھايىتى قاراڭغۇ چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. تۈرك ئېتىنىك تۈركۈمى ئاپىرىدە بولغان قەدىم جاي توغرىسىدا، 19-ئەسىردىن بېرى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ كەلدى. س. كىلاپروت، ھاممېر، ۋ. سىموت، ۋىيدىمان، ئا. گاستېرىن، ھ. ۋامبىرىي، ن. ئارستوف ۋە ئى. ن. ھوممېر قاتارلىق شەرقشۇناس تۈركولوگلار خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاينى تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ئانا يۇرتى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، غەرب ئالىملىرى ئارىسىدا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن تارىختا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان مۇڭغۇل-مانجۇ ئېتىنىك توپلىرىنى «ئالتاي مىللەتلىرى»، ئۇلارنىڭ تىلىنى «ئالتاي تىللىرى» دەپ ئاتايدىغان خاس ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئالىملارنىڭ يازما مەنبەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمى، كېيىن ئارخېئولوگىيلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تولۇق ئىسپاتلاندى. رۇس ئارخېئولوگلىرىدىن س. ۋ. كىسېليېۋ ۋە س. س. چىرنىكولارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى، «براكسىفال(يۇمىلاق باش) جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرى تاش دەۋىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن بېرى ئالتاي-سايان تاغلىرىنىڭ غەرىبى شىمال تەرەپلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلقى ئىدى[2]. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئافاناسيېۋا مەدەنىيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2500-1700-يىللار)؛ بولۇپمۇ ئاندىرنوۋا مەدەنىيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1700-1200-يىللار) نىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە، ئەتراپتىكى دولىكوسفال موڭغۇلوئىدلاردىن، ھەتتا، دولىكوسفال «ئاق دېڭىز تىپى»دىكى ئىنسانلاردىن پەرقلىق بولغان، تۈرك نەسلىنىڭ پىروتو تىپى ھېسابلانغان «بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرق» تۈرك نەسلىنىڭ ئاق تەنلىك كىشىلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرق ئىچىدە «ياۋروپىد» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ «تۇران» تىپىدىكى بىراكسىفال تۈركلەرنىڭ دولىكو سىفال موڭغۇلوئىدلاردىن ۋە باشقا ئىرقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئانتوروپولوگىيلىك بەلگىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولغىنىدەك، «تەۋرات»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىمۇ تۈرك نەسلىنىڭ ئاق ئىرقتىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن[3]. تۇران تىپىغا ئۆرنەك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرەئۈننەھىر ۋە يېقىن شەرق تۈركلىرى ئاق تەنلىك، تۈز يۈزلۈك(يۇمىلاققا مايىل)، قوي كۆزلۈك، قوش قاپاقلىق، قاڭشارلىق، قاۋۇل، ساقال-بۇرۇتلۇق، گۈزەل ئىسكەتلىك، ساغلام بەدەنلىك ئەر-ئاياللىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر مەنبەلىرىدە گۈزەلىككە سىمۋول قىلىنغان، ھەتتا ئىران ئەدەبىياتىدا «تۈرك» دېگەن سۆز بەزىدە «گۈزەل» مەنىسىدە ئىشىلتىلگەن.

ئارخېئولوگلار ئالتاينىڭ مالتا دېگەن يېرىدىن پالىئولىد دەۋرى (كونا تاش قورال دەۋرى) گە ئائىت لايدىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ خارابىسىنى تاپتى. بۇ قەدىمدە ئالتايدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىشنىنىڭ خېلىلا دىققىتىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە ئولتۇراق تۇرمۇشلۇق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ[4].
«بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تەڭرىتېغى ئەتىراپلىرىغا يېيىلىپ ماكانلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى قازاقىستانغا قاراپ كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا[5].

سىبىرىيە ۋە بايقالدىن تېپىلغان نىئولىد(يېڭى تاش قورال) دەۋرى ۋە مەدەن دەۋىرىگە ئائىت باش سۆڭەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بۇ يەردە موڭغۇلوئىد ئىنسانلارنىڭ ياشىمىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. جەنۇبى سىبىرىيىدە موڭغۇلوئىد ئىنسانلار ناھايىتى كېيىنكى چاغلاردا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار يىنسەي دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، قىدىرقان تاغلىرى تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەندى. موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا، بىراكسىفال- ئاق تەنلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبى سېبىرىيىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا بىراكسىفاللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرق ساپلىقىنى قوغدىغانلىقى ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولماقتا. يەنە بۇ مەزگىلدە جەنۇبى سىبىرىيەدىكى موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئالتايدىن كەلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن قوغلانغانلىقى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە، بىراكسىفال ئىككىنچى بىر ئېتىنىك توپ ئامۇ ۋە سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار پامىر ۋە ئافغانىستاندا ياشايدىغان ئىنسانلاردىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئالتاي ۋە قازاقىستاندىكى بىراكسىفال ئىنسانلار بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى[6].

ھونلارنىڭ ئىرقى تىپى توغرىسىدا نۇرغۇن ئالىملار ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر ئۇلارنى مانا شۇ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەت دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كەلدى. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھونلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور بولماقتا①.

بۇ توغرىسىدا داڭلىق ھۇنشۇناس لىن گەن ئۆزىنىڭ «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى نۇيان تېغىدىن تېپىلغان 25-نومۇرلۇق ھۇن قەبىرىستانلىقىدىن ھۇنلارغا مەنسۇپ بىر پارچە كەچتە سۈرەت تېپىلغان. سۈرەتتىكى ئادەم چېچى قويۇق، ئارقىسىغا قىلىپ تارالغان، پىشانىسى كەڭ، كۆزلىرى يوغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك قىياپەتتە بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈندۇ. موڭغۇل ئارخېئولوگى س. دورجى بۇ كەشتىدىكى سۈرەت قەبىرە ئىگىسىنىڭ بولۇپ، بۇ ھۇن كىشىسى ئىدى، دەپ قارايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كىشىنىڭ رەسىمدە كۆز گەرچە قارا رەڭدە ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆز قارچۇغى كۆك رەڭدە ئىشلەنگەن. مانا بۇ ھونلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كۈچلۈك ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى»[7].

«تۈركى خەلقلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق بولۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ھۇن قەبىرىسىدىن چىققان ھۇن ئادىمىنىڭ كەشتە سۈرىتى دەل كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق قىياپەتتە ئىشلەنگەن. يەنە بۇ كەشتە سۈرەتتىكى كىشى چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتە بولۇپ، بۇ «خەننامە» 68-جىلد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمىھالى»دىكى: < جىن مىتىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز چى، ئىككى سۇڭ بولۇپ، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك ئىدى > دېگەن بايانلار بىلەن تامامەن بىردەك. جىن مىتى ھۇنلاردىن بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى ۋىنشۇ ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ھۇن شىتۇق خاننىڭ ۋەلىئەھدى ئىدى[8].

«جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى فېڭشى قېدرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى 1955-1957-يىللاردا، شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيىسىنىڭ فېڭشى دېگەن يېرىدىن ئىككى قەبىرە قازغان. بۇ ھونلارنىڭ قەبىرىسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ئېھتىمال ھونلارنىڭ ئەلچىسى ياكى ئەلچىلەرنىڭ ھەمراھى بولسا كېرەك. چۈنكى، قەبرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھونلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئىدى. قەبردىن تېپىلغان ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدىكى ئۇزۇن تۆت چاسا شەكىللىك مىس تاختاي ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا قاڭشارلىق، ئۇزۇن چاچلىق، ئىشتىنىنىڭ ئايىغىنى تۈرۈۋالغان ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرىنىڭ بەل ۋە پاقالچاقلىرىدىن تۇتۇپ چېلىشىۋاتقان قىياپىتى چۈشۈرۈلگەن. قاڭشارلىق بولۇش تۈركلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ ئىككى پارچە مىس تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈرۈلگەن ھونلارنىڭ قاڭشارلىق قىياپەتتە تەسۋىرلىنىشى، ھونلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ماددىي پاكىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ»[9].

ئالتاينىڭ ئانا يۇرت مەسىلىسى يازما مەنبەلەر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلاردا ۋە ئارخېئولوگىيلىك قېزىشلاردا تېپىلغان قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ نۇقتا يەنە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىمۇ ئىسپاتلانماقتا. نۇرغۇن مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان تەبىئىي قورغانلارنىڭ ئالتايدا كۆپلەپ تېپىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە، ئالتاي تېغىنى ناھايىتى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنى قوغدىغۇچى روھ، ھەتتا ئۆزلىرىگە تۆرەلگەن ئانا دەپ تونۇيتتى. ئالتاي تېغىنى، ھەتتا ۋەتەننىڭ سىموۋولى قىلىشقاندى. شۇڭا، شامانىزىم ئېتىقاتىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئالتاي تېغىغا چوقۇنۇپ مۇناجاتلار ئوقۇيتتى. شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار ئۆز ئىبادىتىنى ئېگىز تاغلارغا چىقىپ قىلغان. ئالتاي تاغلىرى ئۇلۇغ تاغ روھلىرىنىڭ توپلانغان يېرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. شۇڭلاشقا، ئالتاي شامانىزمدا يەر روھلىرى «يەر-سۇ» ياكى «ئالتاي» دەپ ئاتىلاتتى①. ئالتاي يەنە شامانىزمنىڭ بۆشۈكى بولغاچقا، ئالتاي مەدەنىيىتى «شامان مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلدۇ.

«ئالتاي» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيسىنىڭ «ئالتۇن» سۆزىگە باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم. مەدەنچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى نىئولىد دەۋرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئالتۇن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بورۇن تونىغان ۋە ئېرىتكەن مەدەنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئىچىدە مەدەن جەھەتتىن ئەڭ باي ۋە مەدەن ئېرىتىش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەر ئالتاي ۋە بايقال كۆلى ئەتىراپلىرى ئىدى[10]. ئالتاينىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلەردە «ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتتىن قارىغاندا، ئالتايدا ئالتۇن قېزش ۋە ئالتۇن ئېرىتىش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.«ئالتۇن تاغ» دېگەن ئىسىممۇ بۇ يەردە ئالتۇن كۆپ چىققانلىقىغا قاراپ قۇيۇلغان. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق مەشھۇر ئەسىرىدىكى بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە: «بىر كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنى تۈرك خاقانىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بىر تۈرۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمىياننى بېلىگە ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر-بىرىدىن بۇ نېمە؟ دەپ سوراشقاندا، ئۇلار«ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا، مۇشۇ يەردىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتىراپىلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى[11]. بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغنى ئالتاي تېغى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزلەنگەن ئۇيغۇر ئېلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىتىلغان. ئالتاي ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ شىمالى چېگرىسىنى تەشكىل قىلغان.

«بۇ تاغنىڭ ئەتراپلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتى» دېيىلىشىمۇ، تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىي پائالىيىتى بىلەن بىردەك. بۇ يەردە ئالىم ئالتاي تېغىنىڭ نامى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، مەدەن بايلىقى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى رىۋايەت شەكلى بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگەن. ئالتاي تېغى «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دا: «ئالتۇن يىش» (ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان ئالتۇنتاغ مەنىسىدە) دەپ يېزىلغان. خەنزۇچە كلاسسىك ئەسەرلەردە مۇشۇ سۆزنىڭ مەنە ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «金山»، «金微山»، «按台山»، «阿勒台山» دەپ يېزىلغان. «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ۋ. ۋ. بارتولد «ئىسلام ئىنىسىكلۇپىدىيسى»، (تۈركچە، 1-توم، 337-بەت) گە يازغان «ئالتاي» ماددىسىدا: «ھازىرقى نامنىڭ ئەسلى ئالتۇن مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان سۆز بولسا، بۇنىڭغا مۇقابىل پەقەت موڭغۇلچىدىكى ›ئالتان‹ ياكى ›ئالتە‹ سۆزى نەزەر-ئېتىبارىغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، ئالتاي سۆزى موغۇللار دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ئالتاي سۆزىنىڭ بۇ مەنىسىدىن خەۋەردار ئەمەس. ھەقىقەتەن، بىر ھېكايىدە خەلق ئېتمولوگىيىسى بۇ سۆزنى «ئالتە ئاي» دېگەن شەكىلدە ئىككى سۆزگە ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئالتاي ›ئېگىز تاغ‹ مەنىسىدە جىنس ئىسىم سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلدۇ» دەپ يازغان. بارتولد ئالتاي دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تۈركى تىلىدىن ئىزدىگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، ئالتايدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغلار ۋە قويۇق ئورمانلىقلار بار. قەدىمكى ئالتايلىقلار قارا قارىغايلار بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغنى «تايگا» دەپ ئاتىسا، قويۇق ئورمانلىقنى «يىش» دەپ ئاتىغان. رادلوف بۇ خىل تىل پاكىتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاي دېگەن نام ئالتۇن ۋە تايگا دېگەن سۆزلەردىكى «ئال» ۋە «تاي» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئالتاينىڭ «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دىكى «ئالتىن يىش» دېگەن شەكىلگىمۇ ماس كېلىدۇ①. غەرب مەنبەلىرىدىمۇ، ئالتايدا ئالتۇننىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى خاتىرىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يازما ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلارغا ئاساسەن، ھۇنلارنى تۇران-تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەت دەپ قاراشقا ھەمدە ئالتاينى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھاياتلىق بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

2. ھونلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى

ئالتايدا ياشايدىغان بىراكسىفال ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ، ئەتىراپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان بىراكسفال سۇمېرلارنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللاردا ئالتاي دالاسىدىن يولغا چىقىپ، غەربى ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تۈرك نەسىللىك ئىدى، دەپ قارايدۇ[12]. بۇ خىل يەكۈن تىل ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاندى.

ھونلارنىڭ ئالتايدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىش تارىخىمۇ مەنبەلەردە ئېنىق ئەمەس. ئېلىمىز مەنبەلىرىدە، ھونلارنىڭ مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بورۇن بۈگۈنكى ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ جايلار قەدىمكى غەرب جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن ئورىئوس ۋە پىتولومىيىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قىستۇرما خەرىتىدە «ھونلار يېرى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ھىندى مەنبەلىرىدە، ھونلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 250-يىللاردا كەشمىر ئەتىراپىلىرىدا كۆرۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن[13]. زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋبىستا»دا ھونلار «ھىيۇن» (ھىيۇن) ۋە «ھىيائونا» (ھيائونا) دەپ يېزىلغان.

ھۇن دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا، ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇد. خەنزۇ ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھۇن دېگەن نام ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىكى «خۇن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارايدۇ.

ھۇنگىر ئالىمى گ. نېمېز ھۇن دېگەن نام تۈركىي تىلىدىكى «ئىنسان، خەلق» دېگەن مەنىدىكى «گۈن» (كۈن) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەيدۇ.
نېمىس ئالىملىرىدىن ئالزىم ھۇن دېگەن نامنى تۈركىي تىلىدىكى «كۈچ-قۇۋۋەت» دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ چۈشەندۈرسە، ئۆمەليان پېرىتساك ھۇن سۆزى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «كۋان»، «گۇن»، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەردە «كۈن» «كھۇن» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، دەيدۇ.

ئورخۇن سېلىنگا دەرياسى بويلىرى بىلەن تۈركى تىللىق مىللەتلەر مۇقەددەس بىلىدىغان ئۆتۈكەن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا خۇئاڭخې ۋە ئوردۇسقىچە كېڭەيگەن ھونلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت بەزىدە نورمال دوستلۇق خاراكتېرىدە داۋاملاشسا، بەزىدە ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىش خاراكتېرىدە داۋاملاشقان. شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈلپەت- ئەلەسلەرگە ئېچىنغان خەنزۇ شائىرلار: «قالدۇق ئۆي-ماكانسىز ھونلارنىڭ بالاسىدىن، ھەر كۈنى ھوشىيار تۇرمىساڭ يېڭىلىسەن ھۇنلاردىن»[14]. دەپ نەزمە پۈتۈشكەن. مانا بۇ پاكىتلار ئەينى دەۋردە ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھونلارنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە جۇ سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈستۈنلۈك، زوراۋانلىق تالىشىش ئۇرۇشى ئەۋج ئالغانىدى. چىن بەگلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەن باشقا بەگلىكلەر، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 318-يىلى ھونلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھونلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئارقىلىق چىن بەگلىكىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن شىخۇئاڭ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بەزىبىر تەدبىرلەرنىمۇ قوللانغان. ئالدى بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ياساتقان سېپىللىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى غەربكە سۈرۈپ ھونلار ھۇجۇم قىلىپ كىرىدىغان جايلاردا سېپىل سوقتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ھۇنلارغا قارىشى مۇداپىئە سىستېمىسى سۈپىتىدە مەشھۇر سەددىچىن سېپىلىنى (چىن تېمى دېگەن مەنىدە) بارلىققا كەلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلارغا قارىشى مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك تۈردىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخىدا ئىككى مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى. ئۇنىڭ بىرى، باتۇرنىڭ ھۇن ئېمپىراتورى بولۇشى، يەنە بىرى خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىدى.

ھۇن مەركىزىدىكى مەلىكىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلانغان خەن سۇلالىسى دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرى ھۇن ئىمپېرىيىسى زېمىندا ئەركىن-ئازادە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ھونلار ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھۇنلارغا قارىشى سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئاستا-ئاستا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇناتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىجارەت مېلى سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىلىپ، ھۇن ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئېتىبارغا ئېرىشكەن يىپەك رەخت، ھونلارنىڭ مەنمەنچىلىك تۇيغۇسىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بوشاڭ-ھۇرۇنلۇقىنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەندى. كۆك تەڭرىقۇت دەۋرىدە ئانچە كۆپ ھېس قىلىنمىغان بۇ خىل يامان ھادېسە، ئۇنىڭ ئوغىلى كۈن-چىن دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-126-يىللار) چوڭ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. يەنە كېلىپ، باتۇر تەڭرىقۇت ۋە كۆك تەڭرىقۇتقا سېلىشتۇرغاندا، كۈن-چىن تەڭرىقۇت ئىقتىدار جەھەتتىن ئاجىزراق بولغاچقا، ھونلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە بەزى مەسىللەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى[15].

ۋۇدى خەن سۇلالىسىدە تەخىتكە چىققان مەزگىلدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 141-89-يىللار)، خەن سۇلالىسى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نەزىرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىلىنمىگەن رايونلارغا ۋە مىللەتلەرگە يۆتكىدى.

خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، تاشقى مەسىلىنى قولغا ئېلىپ، ھەممىدىن ئاۋۋال ھونلارنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشقا قەدەم قويدى. ۋۇدى ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، تەدبىر-چارىلەرنى تۈزۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ مەقسەت-غايىلىرىدىن بىرى، خەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان يىپەك رەخىتكە غەرب تەرەپتىكى رايونلاردا يېڭى بازار ئېچىپ، ئىچكى ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ بارىدىغان يىپەك يولىنىڭ كونتىروللۇق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيادىكى يات مىللەتلەرنىڭ توسالغۇسىنى يوقىتىشقا توغرا كېلەتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تەخمىنەن مىلادىيە 1000-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشقان، ھۇن-خەن ئۇرۇشى، تۈرك-تاڭ ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى، مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەسىلىسىنى تالىشىشى ئىدى. ۋۇدىنىڭ يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەر ۋە مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇلار بىلەن ھۇنلارغا قارىشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە غەربكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چىيەن، يېرىم يولدا ھونلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، جاڭ چىيەننىڭ بۇ تەرەپلەردە تۇرغان ۋاقىتتا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان تەكلىپلىرى ۋۇدىنى چەكسىز شاتلاندۇرغان. بۇ دوكلات كېيىنكى چاغلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرت سىياسىتى ئۈچۈن كۆرسەتمىگە ئايلانغان[16].

ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۇ بولسىمۇ خەن سۇلالىسى ئۆز قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318-يىلىدىكى ئىتتىپاق تۈزۈش كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، ھونلارنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن جاۋ بەگلىكى دەۋرىدە باشلىنىپ، كېيىن شىمالىئىي جۇڭگودىكى فېئودال بەگلىكلەرنى يوقىتىپ، چىن سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان چىن شىخۇئاڭ دەۋرىدە تىز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋەي چىڭ بىلەن خۇ چۈبىڭ تەرىپىدىن زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈلدى.

ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى ۋە 115-يىللاردا ئوردۇستا ھونلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ھونلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ غوبى (گۇبى) دىن شىمالغا، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا سۈرلۈشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھونلار بۇرۇنقى قۇدرەتلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىدى. خەن سۇلالىسى ئوردىسىنى قاپلىغان «ھۇن قوشۇنى يېڭىلمەستۇر» دېگەن قاراشمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.

ھۇنلارغا قۇلقۇ تەڭرىقۇت بولغاندىن باشلاپ، (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-96-يىللار) 40 يىل داۋامىدا غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مۇنبەت ۋە باي تۇپراقلار (جۇڭغارىيە، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى، تۇرپان، كۇچار، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلار) خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەچكە ھونلارنىڭ دۆلەت مالىيىسى ئازلاپ كەتتى. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ھەدىيە ۋە خىراج سۈپىتىدە يوللىنىپ تۇرغان مالىيە كۈچلىرىمۇ ئۈزۈپ تاشلاندى. خەن سۇلالىسى تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىنى كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىچكى زىددىيەتمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇرۇش پارتىلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىسلىق ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى، قوغشار تەڭرىقۇت ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش مەقسىتىدە خەن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتتى[17]. بۇ ۋەقە تۈپەيلى ھونلارنىڭ ۋەزىيتى مۇرەككەپلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھونلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھونلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.

قوغشار تەڭرىقۇت ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، ئۆز ئىنىسى سول قول بىلگە خان چېچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى52-يىلى خەن سۇلالىسىگە بېقىندى. خەن سۇلالىسى پادىشاھى ئۇنىڭغا جاۋجۈن مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھۇن ئىمپېرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى. خەن سۇلالىسى بۇ يول ئارقىلىق ھۇنلارنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن يوقاتماقچى بولدى. چېچى تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ قوغشار تەڭرىقۇتنى قوللىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى. لېكىن، خەن سۇلالىسى بىلەن قوغىشار تەڭرىقۇتنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالدىدا نسبەتەن ئاجىزراق ئورۇندا تۇرغان چېچى تەڭرىقۇت، شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ يەتتە سۇدىكى تالاسقا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ، سەمەرقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قايتىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇدرىتىنى تىكلىدى. چېچى تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 43-يىلى، تالاس دەرياسى بويىدا ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان پايتەخىتنى سالدۇردى. ئەمما، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى قوماندانى چېن تاڭ 70مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ، سەمەرقەندتە چېچى تەڭرىقۇت بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. ئۇرۇشتا چېچى تەڭرىقۇت، شاھزادىلەر، خانىشلار ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ، 1518 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ تالاس دەرياسى بويىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.

قوغشار تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى 70 يىل داۋاملاشتى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە، (مىلادىيە 18-46-يىللار)، ھونلار خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىقنى بىكار قىلىپ، شەرقتە مانجۇرىيدىن، غەربتە قەشقەرگىچە بولغان جايلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە نىزا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرغاقچىلىق ۋە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان چارۋا-ماللار ئۆلۈپ كەتتى. مانا شۇنداق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن، مىلادى 48-يىلى، ھونلار قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھونلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى[18].

ھونلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەنۇبى ھونلار ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدىن ئايرىلىپ، بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى شۇفاڭ، يۈنجۇڭ ۋە ۋۇيەن قاتارلىق رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى كۈچكە ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا قاراشلىق موڭغۇل-تۇڭگۇس قوۋملىرىدىن سىيانپىي (سىبىر) ۋە ئوغانلارمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. جەنۇبىي ھۇنلارمۇ خەن سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. مىلادىيە 89-يىلى، شىمالىي ھونلار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ھونلارنىڭ زور كۆپچىلىكى غەربكە قاراپ كۆچتى. بىر قىسمى ئورخۇن دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قالدى[19]. ئۇلار كېيىن سىيانپىيلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن شىمالىي ھونلار چېچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە، يەتتە سۇ رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان ھۇنلارغا قوشۇلۇپ، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئىمپېرىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى بولسا، ئاچ سېرىق رەڭلىك تۆت چاسا يىپەك بايراق ئىدى. مانا شۇ شىمالىي ھونلار مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋروپادا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ھونلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياۋروپاغا كۆچۈشى مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەردى. مانا بۇ ھونلار تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى، دەپ ئاتىلدۇ.

جەنۇبقا كۆچكەن جەنۇبىي ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولسا گاھىدا خەن سۇلالسىگە قارام بولۇپ، گاھىدا مۇستەقىل ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادىيە 188-يىلىغا كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلى قۇرۇلغان ھۇن ئىمپېرىيىسى يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەنۇبىي ھونلارنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە خەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ھونلار يەنىلا مۇھىم بىر كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردە مانا شۇ ھونلار ئېلىمىز تارىخىدا كېيىنكى خەن (مىلادىيە 304-329-يىللار)، ئالدىنقى جاۋ (مىلادىيە 328-352-يىللار)، كېيىنكى شىيا (مىلادىيە 407-431-يىللار)، شىمالىي لىياڭ (مىلادىيە 401-439-يىللار) قاتارلىق پادىشاھلىقلارنى قۇردى. شىمالىي لىياڭ سۇلالىسى مىلادىيە 439-يىلى تابغاچلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى قۇرغان ھونلار ھازىرقى شەرقىي شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ دۆلەت تارىختا «لوپنۇر خانلىقى» (مىلادىيە 442-460-يىللار) دەپ ئاتالدى. بۇ ھونلار كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان تۈركلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئېتنىك مەنبەگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھونلار بولسا كېيىن خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.

بۇ يەردە ئىككى مەسىلنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرى، غەربنىڭ قەدىمكى جۇغراپىيە ۋە تارىخى ئەسەرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ، تاكى جۇڭگونىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلار «سىكتىيە» دەپ ئاتالغان بولسا، بۇ جايدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن ۋە ئولتۇراق مىللەتلەر قايسى تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىردەك ھالدا «سىكتىلەر» (سېكىفلەر دەپمۇ ئاتىلدۇ) دەپ ئاتالغاندى. شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن ھۇنلارمۇ قەدىمكى غەرب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق نامدا ئاتىلىشتىن خالىي بولالمىدى. شەرقىي رىم ئاپتورلىرى ھۇنلارنى ھېرودوت تىلغا ئالغان قەدىمكى شەرق مىللەتلىرى بىلەن بىر دەپ قارىغان. تودۇرېتۇس ۋە پىرىسكوس قاتارلىقلار ھۇنلارنى «سىكىت» دەپ يازغان. زوسموس بولسا ھۇنلارنى «كىرال سىكىتلىرى» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھۇنلارنى ئاتاشتا ھېرودوت تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سىگۇنناي دېگەن نامنىمۇ ئىشلەتكەندى. پىروكوپئوس ھۇنلارنى «كىممىروي» ۋە «ماسساگىت» دەپ ئاتىغاندى. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردىلا تەتقىقاتلار باشلانغان. لېكىن، غەرب ئىلىم ساھەسىدە ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئاسىيادىن كۆچكەن ھونلار ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئېلىپ ئېيتساق زھ. دېگۇيگەنىس، زھ. كىلاپروت، ك. پ نئومانن، ئا. تىرىي، ۋ. ۋ رادلوف، پ. پېلىئوت، ھى. شىراتورى، ئو. فىرانكى، ر. گىروسېت قاتارلىقلار ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىن، فىن-ئۇغۇر، ئۇيغۇر، موڭغۇل، تۈرك- موڭغۇل ئارىلاشمىسى، تۈرك-موڭغۇل-مانجۇ ئارىلاشمىسى دەپ قارىغان. ۋېنلىن، ئىلىۋايسىكى، زىبىلىن، قاتارلىقلار ھۇنلارنى سلاۋيان مىللىتىگە باغلىغان. موللېنخوف، ئا. فىخ، ر. مۇخ، زھ. خۇپىن قاتارلىقلار ھۇنلارنى گېرمان مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان بولسا، ل. زىلىچ، قاتارلىقلار ھۇنلارنى كاۋكاز قوۋمىگە باغلىغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا بۇنداق كۆپ خىل تالاش-تارتىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەب، ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلغاندى. ئىمپېرىيە ئىچىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى مىللەت ھونلار بولسىمۇ، لېكىن ئىمپېرىيە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان كۈچلەر ئىچىدە ھەر ۋاقىت گوتلار، گىپىدلەر، ۋانداللار، سىكلوۋىنلار، ئانتىلار، چەرەمىشلەر ۋە موردېۋىنلەر قاتارلىق سلاۋيان، گېرمان، ۋە فىن-ئۇغۇر خەلقلىرىنىڭ بولۇشى، يەنە شۇنداقلا ئالانلار ۋە سارماتلار قاتارلىق ئىران نەسىللىك خەلقنىڭ بولۇشى، يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

3. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى

مىلادىيە 350-يىلى ھونلار ھازىرقى قازاقىستان دالىسىدىن ھەيۋەت بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ مەزگىلدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئالان[20] دۆلىتى بار ئىدى. لاتىن تارىخچىسى ماركىللىننوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھونلار مىلادىيە 355-يىلى ئالانلارنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. مىلادىيە 360-370-يىللار ئارىسىدا ھونلار ئاناتولىيىدىكى ئۇفراغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ بارغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھونلار كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. ھونلارنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈش قىلىشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولغاچقا، بۇ ھەرىكەت شۇ جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان[21]. بەزى مەنبەلەردە ھونلار ياۋروپاغا قاراپ كۆچكەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ[22]. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھونلار مائۇتىس دەرياسىدىن بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كېسىپ ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ[23].

مىلادىيە 374-يىلى كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە ھونلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا بېسىپ كەلگەن. لاتىن تارىخچىسى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدىكى ھونلارنىڭ داھىيسى بالامبەر (بەزىلەر بالامىر دەپمۇ يازىدۇ. بالامبەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 15-نەۋرىسى، چېچى تەڭرىقۇتنىڭ 9- نەۋرىسى ئىدى) دېگەن كىشى ئىدى.

تارىخ سەھنىسىگە مىلادىيە 372-يىلى چىققان بالامبەر ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېتىشكەن سىياسىيون، ھەربىي تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە جەسۇر ۋە ماھىر قوماندان ئىدى. بالامبەر ئالدى بىلەن بۇ ئەتراپتىكى سارمات ۋە سىكىت قوۋمىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالامبەر شەرقىي گوتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. بۇ چاغدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى جايلار گېرمان نەسىللىك گوتلارنىڭ ئىشغالىيتى ئاستدا بولۇپ، دون-دىنپىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى جايلاردا شەرقى گوتلار (ئوستگوتلار)، ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا بولسا غەربىي گوتلار (ۋېستىگوتلار) ياشايتى. غەربىي گوتلارنىڭ غەربىدىكى ترانسىلۋانىيە ۋە گالچىيىيىدە گىپىدلار، بۈگۈنكى ھۇنگرىيىدە ۋانداللار ياشايتتى. بۇ تۆت گېرمان قوۋمىدىن باشقا، يەنە بۇ ئەتراپتا ئىران ۋە سلاۋيان خەلقلىرىمۇ بار ئىدى.

بالامبەر شەرقىي گوتلارنى مەغلۇپ قىلىشتا بىر تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھونلارنىڭ دەھشەتلىك ھەيۋىسىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى روھى جەھەتتىنمۇ ئاجىزلاشتۇرغان. شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى ئەرمانارىك ھونلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئەرمانارىكنىڭ تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغاچقا، گوتلار خانلىقىنىڭ باشقا بىر جەمەتىدىن بولغان ۋىتخىمىرنى ئۆزىگە خان قىلىپ تىكلىگەن. ۋىتخىمىر تەخىتكە چىققاندىن كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قوشنا مىللەتلەر ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولغان. شەرقىي گوتلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى خالىمىغان تاكتىكىلىق بالامبەر شەرقىي گوتلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ۋىتخىمىرگە قارىشى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ ئارقىلىق ۋىتخىمىرنىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىگەن. مىلادىيە 375 – يىلى ۋىتخىمىر نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ۋىتخىمىرنىڭ قىسقىغىنا ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. ۋىتخىمىرنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ھونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، دىنىستىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى غەربىي گوتلار ئىچىگە قېچىپ بارغان. شەرقىي گوتلارنىڭ كۆپچىلىكى بولسا، ئەسلى جايلىرىدا قېلىپ، ھۇنلارغا بويسۇنغان①. ھونلار شەرقىي گوتلارنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھۇنىمۇد دېگەن كىشىنى خان قىلىپ سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي رۇسىيە دالىسى ھونلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن. ھونلار بۇ جاينى بازا قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپقا قاراپ كېڭەيگەن.

شەرقىي گوتلارنىڭ ھونلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغانلىق خەۋىرى غەربىي گوتلار ئىچىگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار قورقۇپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. ھونلارنىڭ ئەمدى ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزلىرىگە قاراتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن غەربىي گوتلار، دىنىستىر دەرياسىنىڭ غەربىي تەرپىگە مۇستەھكەم قورغانلارنى سېلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھونلارنىڭ دەريادىن ئۆتىشىنى توسىماقچى بولغان. غەربىي گوتلارنىڭ پۇختا تەييارلىقىنى كۆرگەن بالامبەر ئايلانما ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، غەربىي گوتلار مۇداپىئەسىز قالدۇرغان دىنىستىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئايدىڭ كېچىدە كېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ ئۈستىگە يان تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇرۇشتا غەربىي گوتلار قاتتىق مەغلۇپ بولغان. پادىشاھ ئاتخانارىك مەغلۇپ بولغان غەربىي گوتلارنى باشلاپ، رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراپ قاچقان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھونلار ناھايىتى كۆپ ئولجىغا ئېرىشكەن. غەربىي گوتلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دىنىستىر دەرياسى بىلەن ئىسپانىيە ئارىلىقىدىكى جايلاردا ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ھونلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ئارقا-ئارقىدىن رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. مانا بۇ تارىختا ناھايىتى زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان مىللەتلەر چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتى ئىدى[24]. شۇنداق قىلىپ گوتلار پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بالامبەر مىلادىيە 375-يىلى زېمىنى ئېتىل (ۋولگا) دەرياسىدىن، دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئېمپىرىيىنىڭ پايتەختى دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن بويىدا ئىدى. بۇ جاي ھەر قايسى تەرەپلەرگە بارىدىغان يوللارنى ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى كونترول قىلىپ تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جاي ھېسابلىناتتى.

4. شەرقىي ۋە غەربىي سەپتىكى يۈرۈش

مىلادىيە 375-يىلى بالامبەر ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ھۇنلارغا بېقىنغان گوتلار، ئالانلار ۋە تەيفاللاردىن ياردەمچى قىسىم تەشكىل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھونلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، ياۋروپادىكى ھەيۋىسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارغان ۋە ياۋروپا ئۈچۈن قورقۇنچىلىق كۈچكە ئايلانغان.

مىلادىيە 378 – يىلى ھۇن قوشۇنى دوناي دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، رىم ئېمپىرىيسىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىقىغا ئۇچىرىماستىن (ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۇنلارغا قارىشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان)، ھۇنگىرىيە تۈزلەڭلىكىگىچە ئىلگىرىلەپ بارغان. ئەمما، ھونلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھېچقانداق بىر ئىشغالىيەت مەقسىتى يوق ئىدى. ئۇلار پەقەت يېڭى زېمىن ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشنى تىزلا ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقان. ئەسلىدە ھونلار ئۆزى ئىگىلىمەكچى بولغان جايلارنى ئالدىن كۆزىتىپ تەتقىق قىلاتتى. بۇ خىل ماھىيەتتىكى يۈرۈشلەرنىڭ بەزىلىرى، ھەتتا بىر قانچە يىل داۋاملىشاتتى. بۇ ھونلارنىڭ ھەربىي ئىشلار سەنئىتىدىكى بىر تاكتىكا ئىدى.

ھۇنلاردىن قاتتىق چۆچۈگەن ماركومانلار ۋە كوئادلار (ئۇلار ئاۋىستىرىيىدە ياشايتتى) مىلادىيە 381-يىلى رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، سارماتلار ۋە گوتلارمۇ چېگرىدىن ئۆتۈپ رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا بەزى گېرمان ۋە ئىران نەسىللىك خەلقلەرمۇ غەربىي ھۇنگىرىيىدىن يولغا چىقىپ، ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە تەھدىت سالغان. ھۇنلارمۇ مىلادىيە 381-يىلىدىن باشلاپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.

ھونلار ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلانغان رىم ئىمپېرىيىسىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تېگىش قىلمىغان، ئەمما رىم ئىمپېرىيىسىگە قارىتا ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرگەن. مىلادىيە 391-يىلى ھونلار تىسسا دەرياسى بويىدىكى سارماتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ يىلى يەنە چېخىيە تەۋەسىدىكى مىللەتلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىم ئېمپىرىيسىگە قارشى كۈچلەرنى ئۇلغايتقان.

مىلادىيە 395 – يىلى رىم ئېمپىراتورى تىئودو سىئوس ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن تەڭلا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ، بىر پۈتۈن رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى دەپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى كونىستانتېنىپول (ئىستانبول) نى پايتەخت قىلغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى يەنىلا رىم شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. بىر پۈتۈن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەنىدى. بۇ ئەھۋال ھونلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇڭا، ھونلار مىلادىيە395-يىلى ئىككى سەپ بويىچە رىم ئېمپىرىيىسگە يۈرۈش قىلغان. شەرقىي سەپتىكى يۈرۈشكە باسىق بىلەن قۇرسىق قوماندانلىق قىلغان. بۇ سەپتىكى ھۇن قوشۇنلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن ئاتلىنىپ، داريال دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، فىرات دەرياسىنى بويلاپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق قارىشى كۈچنى تارمار قىلىپ، ئاناتولىيىدىكى ئەرزىروم، مالاتىيا، ئادانا، ئوفرا، ئانتاكيا، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى ئەتراپلىرىغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىدىكى سۇر ۋە قۇددۇس شېرىپ شەھەرلىرىگىمۇ ئىلگىرىلەپ بېرىپ، ئەزەربەيجان ئارقىلىق قايتقان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھونلار نۇرغۇن ئولجىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە 18مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئېلىپ يانغان. قايتىش جەريانىدا ھونلار ئىرانغىمۇ تېگىش قىلغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردە ھونلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئولجا ۋە ئەسىرلەرنى ئىرانلىقلارغا تارتقۇزۇپ قويغان[25].

شەرقىي سەپتىكى يۈرۈش ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن چۆچىگەنىدى. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتا ھونلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى توغرىسىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارقالغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ھەر كۈنى بىرى پەيدا بولۇپ تۇرغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈش ھونلارنىڭ ئاناتولىيىگە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ئىدى. مىلادىيە 398-يىلى ھونلار ئاناتولىيىگە ئۈچىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىممۇ شەرقىي رىمنىڭ ياش ئېمپىراتورى ئاركادى ھۇنلارغا قارىتا ھېچقانداق بىر جىددىي چارە-تەدبىر يۈرگۈزەلمىگەن. ھونلار بۇ يۈرۈشتە نۇرغۇن ئولجىنى غەنىيمەت ئالغان.

غەربىي سەپتە بولسا ھۇن قوشۇنى تىراكياغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. لېكىن، بۇ سەپتىكى يۈرۈشكە قاتناشقان ھۇن قوشۇنى سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ۋاقتى مىلادىيە 400-يىلى ئىدى. بۇ چاغدا بالامبەر ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئوغلى (بەزى مەنبەلەردە نەۋرىسى دېيىلدۇ) يىلدىز (ئۇلدىز-يۇلتۇز) ھۇن تەختىگە چىققان ۋاقىت ئىدى. يىلدىز قوماندانلىق قىلغان غەربىي سەپتىكى بۇ ھۇن قوشۇنىنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە پەيدا بولىشى، شەرقىي ياۋروپادا مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆچۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان ۋانداللار بىلەن غەربىي گوتلار يەنە بىر قېتىم غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. ئەمما، ئالارىك غەربىي گوتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ مىلادىيە 401-يىلى رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ شەھەرنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز بۇلاپ-تالىغان. گوتلارنىڭ بۇ تەھدىتى ئاتاقلىق رىم قوماندانى سىلىكخۇ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئەگەر، سىلىكخۇ بۇ بۇلاڭچىلىقنى باستۇرالمىغان بولسا، رىم شەھىرىدىن ھېچقانداق بىر ئەسەر قالمىغان بولاتتى.

غەربىي گوتلارنىڭ تەھدىتى ئەمدىلا ئاياغلىشىپ تۇرۇشىغا، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى يەنە بىر چوڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. بۇ بولسا راداگاسنىڭ ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان سوئىپ، كوئاد، بۇرگۇند، ساكسۇن، ئالمان (نېمىس) قاتارلىق قوۋمىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، رىم شەھىرىگە دەھشەتلىك ھالدا بېسىپ كېلىشى ئىدى. راداگاس رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋىتىشنى ئېلان قىلغان. غەربىي رىمنىڭ ئاتاقلىق قوماندانى سىلىكخۇ پاۋىيا ئۇرۇشىدا راداگاس بىلەن قاتتىق تۇتۇشقان بولسىمۇ، ئۇنى توسۇپ قالالمىغانىدى. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى يېقىنلىشىپ قالغان بۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، ھۇنلارغا باش ئۇرۇپ ئۇلاردىن ياردەم سوراشتىن باشقا ھېچقانداق بىر چىقىش يولى تاپالمىغان. يىلدىز قوماندانلىقىدىكى ھۇن ۋە غەربىي رىمنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى مىلادىيە 406-يىلى 8-ئايدا، فىلورسادا راداگاسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن شۇنداق قىلىپ يىلدىز غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان[26].

بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھۇنلارغا بولۇپمۇ، ھونلارنىڭ مەشھۇر داھىيسى-ئاتتىلاغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە قەلەم تەۋرەتكەن غەرب ئاپتورلىرى، رىم شەھىرىنى بۇلاپ-تالىغان ئالارىك ئۈچۈن بولسۇن ياكى رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋەتمەكچى بولغان راداگاس ئۈچۈن بولسۇن، ئۇلارغا سەلبىي پوزىتسىيە قوللانمىغان. بولۇپمۇ غەرب ئاپتورلىرى رىم شەھىرىنى ھونلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك سۆز ئويۇنلىرىنى ئىشىلتىشتىن باش تارتمىغان.

ھونلارنىڭ غەربىي رىمغا ياردەم بېرىشى، ھۇن ئېمپىراتورى يىلدىزنىڭ مىلادىيە 400 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن بىر تۈرلۈك ماددا ئىدى. يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتى شەرقىي رىمغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش، بۇنىڭ ئەكسىچە غەربىي رىم بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. چۈنكى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا يەنە ھۇنلارنىڭمۇ دۈشمىنى بولغاچقا، غەربىي رىم بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. يىلدىزنىڭ بۇ سىياسىتى تاكى ئاتتىلا دەۋرىگىچە داۋاملاشقان.

5. شەرقىي رىمنىڭ ھۇنلارغا قارام بولۇشى

يىلدىز مىلادىيە 409-يىلى دوناي دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى شەرقىي رىمنىڭ بەزى ئىستىراتېگىيلىك جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەرقىي رىم ھۆكۈمىتىگە ھونلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويغان. گرېك مەنبەلىرىگە قارىغاندا، يىلدىز شەرقى رىمنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ۋەكىلگە: «مەن كۈن پېتىشقىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيمەن» دەپ ھەيۋە قىلغانىدى. يىلدىز مىلادىيە 410-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. يىلدىزنىڭ دەۋرىدە ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى شەرقتە بالقاش كۆلىگە قەدەر سوزۇلغانىدى[27].

يىلدىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا قاراتون تەخىتكە چىققان. قاراتون توغرىسىدا مەنبەلەردە كۆپ مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. پەقەت بىزگە مىلادىيە 412-يىلى شەرقىي رىم ئەلچىسى ئولۇمپىئودوروسنىڭ قاراتوننىڭ ئوردىسىغا بارغانلىقى ھەققىدىكى مەنبەلەر مەلۇم. قاراتوننىڭ ئايبارىس، مۇنجۇق، رۇگا ۋە ئوكتار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنجۇق بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن.

مىلادىيە 422-يىلى قاراتون ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا چوڭ ئوغلى رۇگا ئېمپىراتور بولغان. رۇگا ئىنىسى ئايبارىسنى «سول قول بىلگە خان» ۋە ئوكتارنى «ئوڭ قول بىلگە خان» ئەمىلىگە قويۇپ، ئۇلارنى ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىغا خان قىلىپ سايلىغان.

رۇگا تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، شەرقىي رىم ھۇن ئىمپېرىيىسىگە مەخسۇس تەيىنلەنگەن جاسۇسلارنى ۋە تەشۋىقاتچىلارنى ئەۋەتىپ، ھۇن قوشۇنىنى ئىسىيان كۆتۈرۈشكە ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۇن ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا كۈچكۈرتكەن. شەرقىي رىم بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنى ئىچكى قىئىسىمدىن غۇلىتىپ تاشلىماقچى بولغان. شەرقىي رىمنىڭ بۇ سۇيقەستىنى سېزىپ قېلىپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن رۇگا مىلادىيە 422-يىلى ھۇن قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي رىمنىڭ بالقاندىكى ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جايلارنى بېسىۋالغان. شەرقىي رىم ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەي تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. رۇگامۇ شەرقىي رىمنىڭ تەلپىگە قوشۇلغان. نەتىجىدە، شەرقىي رىم ھونلارنىڭ تەلپىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ، ھەر يىلى ھۇنلارغا باج سۈپىتىدە 350 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇشقا قوشۇلغان.

ھۇنلاردىن قاتتىق دەككىسىنى يەپ ناھايىتى كۆپ باج تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولغان شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى، مىلادىيە 423-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋېئىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتكەن. غەربىي رىم ئېمپىرىيسى بۇ قېتىم يەنە ھۇنلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. رۇگانىڭ 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن شەرقىي رىم قوشۇنى، ئۇرۇشقا كىرمەستىنلا ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىپ كەتكەن. گەرچە، بۇ قېتىم زور ئۇرۇش پارتلمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇگا شەرقىي رىمدىن بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى تولۇق تۆلىتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ھونلار غەربىي رىمنى يەنە بىر قېتىم ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. شەرقىي رىم بولسا ھۇنلارغا قارام دۆلەتكە ئايلانغان.

شەرقىي رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئېمپىراتورى تىئودوروس ھونلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، يىللىق باجنى ۋاقتى-ۋاقتىدا، بەلگىلەنگەن مىقداردا تاپشۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى ئاستىرىتتىن كۈچكۈرتۈش ھەرىكىتىنى زادىلا توختاتمىغان. شۇڭا رۇگا تىئودوروسنىڭ بۇ يامان نىيىتىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي رىمنىڭ ھۇن ئېمپرىيىسى تەۋەسىدىكى مىللەتلەردىن مۇئاشلىق ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى ۋە شەرقىي رىم سودىگەرلىرىنىڭ ھۇن تۇپرىقىدا ئەركىن سودا قىلىشنى چەكلىگەن. رۇگا يەنە تىئودوروس نى شەرقىي رىمغا قېچىپ بارغان ھۇن دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن ئاتاقام بىلەن مامانىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە باشقا ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە زورلىغان. ئىلاجسىز ئەھۋلدا قالغان تىئودوروس ھونلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن، مىلادىيە 434-يىلى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ھۇن ئىمپېرىيىسىگە ئەۋەتكەن. ئەلچىلەر ئۆمىكى يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ ئورنىغا مۇنجۇقنىڭ ئوغلى ئاتتىلا ھۇن تەختىگە چىققانىدى. شەرقىي رىم رۇگادىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك رەقىبىدىن قۇتۇلغىنىغا ناھايىتى خوش بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى خرىستىئان دىنىي ئېپىسكوپى پىروكۇلۇس چېركاۋدا «تەڭرى تەقۋادار تىئودوروسنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىدىكى تەھدىتنى يوقاتتى»[28]، دەپ ۋەز ئېيتقان. لېكىن، بۇ چاغدا تىئودوروس يېڭىدىن تەخىتكە چىققان ئاتتىلانىڭ، شەرقىي رىم ئۈچۈن رۇگادىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئىككىنچى باب

ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھۇن ئىمپېرىيىسى

1. «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى

«تەڭرى قامچىسى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ ئىسمى، شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە «ئاتتىلاس»، «ئاتىلاس»، «ئاتىللاس»، « ئاتتېلاس»، لاتىنچە مەنبەلەردە «ئاتتىلا»، «ئاتتيلا»، «ئاتتلا»، سلاۋيان مەنبەلىرىدە «ئاتېلا»، «ئاتىلا»، يىراق قەدىمكى گېرمانچە مەنبەلەردە «ئەرزىلو»، ئوتتۇرا قەدىمكى گىرمانچە مەنبەلەردە «ئەتزەل». كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر گېرمانچە مەنبەلەردە «ئەتتەل»، «ھەتتەل»، «ئەتخەلە»، ئىنگلىزچە مەنبەلەردە «ئائەتلا»، شىمالى گېرمانچە مەنبەلەردە «ئاتلى»، ھۇنگرىيە مەنبەلىرىدە «ئەتخەلە»، «ئەتەلە»، «ئاتخىلا»، «ئاتتىلا» ۋە «ئاتىلا» دېگەن شەكىللەردە يېزىلغان[29].

«ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى توغرىسىدا ھۇنگر تۈركولوگى گ. نېمېزنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھونلار» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىم گوتچە «دادا» دېگەن مەنىدىكى «ئاتتا» (بۇ سۆز ئەسىلدە تۈركى تىللىق مىللەتلەردىن گوتلارغا ئۆتكەن سۆز ئىدى) سۆزى بىلەن يەنە گوتچە ئەكىلەتمە سۆزى بولغان «ئىلا» قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «كىچىك دادا» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قارىشى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە ئانچە نەزەر ئېتىبارىغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ ئېتىل دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراش بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە.

ۋولگا دەرياسىنىڭ تۈركچە نامى «ئېتىل» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ نام ھەر قايسى تۈركىي تىل شىۋىلىرىدە يەنە «ئاتال»، «ئەتىل»، «ئادەل»، «ئەدىل» ۋە «ئىدىل» دەپمۇ ئاتىلاتتى. شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە بولسا «ئاتىلا» ۋە «ئاتىل» دەپ يېزىلغان. «ئېتىل» سۆزىنىڭ مەنىسى «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەنلىك بولاتتى. ۋولگا سۆزى بولسا فىن-ئۇغۇر تىلىدىن كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئېتىل دەرياسىنى «ئەدىل» دەپ ئاتاپ، ئۇنى قىپچاق دالىسىدىكى بىر دەريانىڭ نامى، دەپ كۆرسەتكەن ھەم بۇ دەرياغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى شېئىرنى قۇشۇمچە قىلغان:

ئېتىل «ئەدىل» سۈيى ئېقىپ تۇرار،

قىيا تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار.

بېلىق-پاقا تولۇپ تۇرار،

كۆلچەك ئىچى تېشىپ تۇرار[30].

«ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنى تۇنجى قېتىم پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا ئالغان. گېرىك تىلدا «ئاس» سۆزى قوشۇمچە ھېسابلىناتتى. گېرىكلار تۈركىي تىلدا «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى ئۈچۈن «ئوچ» بەلگىسىنى قوللانغان. شۇڭا، پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا ئالغان ئىسىمنى «ئاتتىل» ياكى «ئەتتىل» دەپ ئوقۇشقا ھەم بۇ ئىسىمنىڭ دەل ۋولگا دەرياسىنىڭ تۈركچە ئىسىمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشنىشكە بولىدۇ.

ئاتتىلا ئېتىل دەرياسى بويىدا تۇغۇلغاچقا، ئۇنىڭغا بۇ دەريانىڭ ئىسمى قۇيۇلغان. بۇ خىل ئادەت تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدۇ[31]. دېمەك، ئاتتىلاغا «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەن مەنىلەردىكى ئاتىل دېگەن ئىسىم قۇيۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىسىم «ئاتتىلا» دېگەن شەكىلدە ئومۇملىشىپ كەتكەن.

2. ئاتتىلا ۋە بىلەدا

ئاتتىلا مىلادىيە 400-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇنجۇق بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئاتتىلا تاغىسى رۇگانىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. ئاتتىلا كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئەقىلىق، ھوشيار ھەم جاسارەتلىك بولغاچقا، رۇگا ئاتتىلانى ئۆزى بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەربىي ماھارەت ئۆگەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ھونلارنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسەتلىرىنى پىششىق تونۇتقانىدى. ئاتتىلا ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل رىم ئىمپېرىيىسىدە گۆرەدە تۇرغان. ئاتتىلا گۆرەدە تۇرغان مەزگىلدە، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئاجىزلىق ۋە زىددىيەتلىرىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن. كېيىن ئاتتىلا شەرقىي رىمگە قوللانغان سىياسىتىدە ئۆز ۋاقتىدا ئېرىشكەن تەجىرىبىلىرىگە ئاساسلانغان. دېمەك، ئاتتىلا تەخىتكە چىققان مەزگىلدە ئۇ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىپ بولغاندى.

مىلادىيە 434-يىلى رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەدا «بۇدا» بىرلىكتە ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ تەختىگە چىققان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جايلار، بىلەدانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى جايلار ئىدى.

بىلەدا ئويۇن تاماشىغا ئامراق، دۆلەت ئىشى بلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. شۇڭا، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى ئاتتىلا ئۆزى باشقۇرغان. شۇنداقتىمۇ، ئاتتىلا يەنىلا ئاكىسىنىڭ نامىدا بولسىمۇ خان دەپ ئاتىلىشنى خالىمىغان. ئاخىرى بىلەدا مىلادىيە 445 يىلى ئاتتىلا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. قەدىمكى مەنبەلەردە بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. مەسىلەن جوردانىس: «ئاتتىلا ئاكىسى بىلەدا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىلەدانى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا ھۇن ئىمپىئېريىسىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن» دەيدۇ.

ماركىللىننوسمۇ بۇ ھەقتە: «ھونلارنىڭ خانى بىلەدانى ئاتتىلا ھىيلە بىلەن يوق قىلدى» دەپ يازغان. لېكىن، مىلادىيە 448-يىلى ئاتتىلانىڭ قېشىغا كەلگەن شەرقىي رىم ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاللىرىدىن بىرى بولغان تارىخچى پىرىسكوس، بىلادانىڭ ئىسمىنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىلەدانىڭ بىر خانىشنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىلەدا پاجئەسى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا ھايات ۋاقتىدا ئاتتىلانىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ھونلارنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارلاشقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، مىلادىيە 441-يىلى بىلەدا ئۆز نامىدا كۈمۈش تەڭگە پۇل قۇيدۇرغانىدى. بۇ پۇلنىڭ ئالدى تەرپىدە بۇدا(بىلەدا) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئارقا تەرپىگە «بۇدا، 441-يىل» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا ئويۇن-تاماشىغا ئامراق كىشى بولۇپ، ھەر ۋاقىت خوشال-خۇرام، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە ئۆتۈشنى خالايتتى. شۇڭا، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئېغىر يۈك دەپ بىلەتتى. ئاتتىلانىڭ بىلەدانى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئانچە كۆپ ئارلاشتۇرماسلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىرىسكوس مۇنداق دەپ مەلۇمات بەرگەن: «ھونلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەسىرلەر ئىچىدە زەركۇن ئىسىملىك بىر ئەرەب قىزىقچىسى بار ئىدى. ئۇ ئاتتىلانىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئاتتىلا ئۇنى زادىلا ياقتۇرمىغان. بىلەدا بولسا ئۇنىڭ ئەرەبچە، گوتچە، لاتىنچە ۋە ھىندىچە سۆزلەر بىلەن ئارىلاشقان قىزىقارلىق سۆزىلىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالغان. بىر كۈنى بۇ ئەرەپ قىزىقچىسى قېچىپ كەتكەن. بىلەدانىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، بىلەداغا تاپشۇرغان. بىلەدا ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزنىڭ توي قىلىش نىيتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلاپ بىلەدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ھەمدە دەرھال چوڭ خانىشنىڭ كېنىزىكىدىن بىرنى تاللاپ چىقىپ، زەركۇننى ئۆيلەپ قويغان. بىلەدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتتىلا ئۇنى غەربىي رىم ئېمپىرىيسىنىڭ قوماندانى ئائىتوسقا بېرىۋەتكەن». مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىلەدا بىلەن ئاتتىلانىڭ خاراكتېرى، قىزىقىشى ۋە سىياسىي-ھەربىي ئىشلارغا بولغان قارىشى تۈپتىن ئوخشىمايتتى.
بىلەدا ياۋروپا مىللەتلىرىنڭ رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلادەك كەڭ ئورۇن ئالالمىغان. نېمىسلارنىڭ «نىبۇڭلار ھەققىدە قوشاق» ناملىق ئىپوسىدا بىلەدانىڭ ئىسمى «بىلۆدەل» دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىپوستا ئېيتىلىشچە، كىريمخىلد ئەتزەل بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇلۇندىكى سارىيىغا سالامغا بېرىش ئۈچۈن، ئەتزەل تەرەپتىن 24 نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلۆدەلمۇ بار ئىدى. توي مەرىكىسى دەسلەپ ۋىنادا، كېيىن، ئەتزەلنىڭ پايتەختى ئەتزەلبورگدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كريمخىلىد ئۆزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئېرى سيگفىردنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، نىبۇلۇڭلار (بۇرگۇندلار) نى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئەتزەلنىڭ سارىيىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. خانىشنىڭ بۇ پىلانىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئەتزەل ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سيگفىردنىڭ قاتىلى خاگىن دېگەن كىشىمۇ بار ئىدى. كريمخىلىد ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىلۆدەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھونلار بىلەن نىبۇلۇڭلار ئوتتۇرىسىدا ئورۇش پارتىلايدۇ. بۇ ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ، بىلۆدە جېنىدىن ئايرىلدۇ[32].

بىلەدا ھەققىدە ھۇنگىرلار ئارىسىدىمۇ بەزى رىۋايەتلەر تارقالغان. ئەرد رىۋايىتى ياكى باشقا رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، قادار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇدا بەندەگۆزنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتەلە(ئاتتىلا) ۋە كەۋە (رۇۋا) دەيدىغان ئىككى ئىنىسى بولغان. بۇدا ھۇنلائارنىڭ يەتتە چوڭ قوماندانلىرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. رىملىقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جەسۇمائۇر (ئاۋىستىرىيىدىكى زىسەلمائۇر) ئۇرۇشىدا ھۇن قۇماندانلىرى ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت بۇدا ھايات قالىدۇ. بۇدا بىلەن ئەتەلە ھۇن ئىمپېرىيىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ باشقۇردۇ. تىسسا دەرياسىغىچە بولغان شەرقىي قىسىمدىكى جايلار بۇداغا، تىسسا دەرياسىنىڭ غەربى قىسىمدىكى جايلار بولسا، ئەتەلەگە قارايدۇ. ئەتەلە بىر قېتىم غەرب مىللەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، بۇدا ئەتەلەگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ پايتەختى سىچامبىرا (ئوكۋېنكوم بوداپشېتتىكى بۇدا شەھىرى) غا كۆچىدۇ ھەمدە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئىسمى بلەن باغلاپ «بۇداۋارا»(بۇدا قەلئەسى) دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئەتەلە دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ بۇدانى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى دوناي دەرياسىغا تاشىلىۋېتىدۇ. ئارقىدىن بۇداۋارانى «ئەتەلە ۋارا» (ئاتتىلا قەلئەسى) دەپ ئاتاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. نېمىسلار بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ،«ئەتزەلبورگ» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ھۇنگرلار بۇ شەھەرنى يەنىلا «بۇداۋارا»دەپ ئاتاۋېرىدۇ.

ھۇنگر رىۋايەتلىردە يەنە بىلەدانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە باشقا سەۋەبلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىندۇ. بىر رىۋايەتتە مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەتەلەنىڭ كۈندىن كۈنىگە يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان نام-ئابرويى ۋە كۈچ قۇدىرىتى بۇدادا قاتتىق ئۆچىمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇدا ئىنىسى ئەتەلە بىر قېتىم دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، ئەتەلەنىڭ سارىيىدىن ئۇنىڭغا دۇنيانى ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئاتا قىلغان سېھىرلىك قېلىچىنى ئوغرىلاپ قاچىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەتەلە ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەمىلىكىتىگە قايتىپ، بۇدانىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇدا قۇلىغا سېھىرلىك قېلىچنى ئېلىپ، ئەتەلەگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، بۇدانىڭ قولىدا بۇ قىلىچ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئادەتتىكى قېلىچقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇرۇشتا ئەتەلە بۇدانى ئۆلتۈرۈپ، تەڭرى تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ مۇقەددەس قېلىچنى قايتۇرۋالىدۇ[33].

بىلەدانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە بىلەدا ۋە ئاتتىلانىڭ پايتەختىنىڭ بۈگۈنكى ھۇنگىريىنڭ پايتەختى بۇداپېشت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەنگەن. مەلۇمكى، بۇداپېشت شەھىرى بۇدا ۋە پېشت شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن تەشكىل تاپقان. پېشت شەھىرى مىلادىيە 13 ئەسىردىن كېيىن بىنا قىلىنغان. بۇدا شەھىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2 ئەسىردىن باشلاپ ئوكۋېنكوم(سىچامبىرا) دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا دەۋرىدە بىلەدا ئوكۋېنكومنى پايتەخت قىلغان. ھونلار بىلەدا (بۇ شەرقىي رىم مەنبەلىرىدىكى ئاتىلىشى) نى بۇدا دەپ ئاتايتتى. شۇڭا بۇ شەھەر «بۇدا قەلئەسى » دەپ ئاتالغان. ھۇنگىر تارىخچىسى ئانونىموس ئاتتىلانىڭ ئوكۋېنكومنى ئۆزگەرتىپ پايتەخت قىلغانلىقىنى، ھۇنگىرلارنىڭ بۇ يەرنى بۇدانىڭ نامىغا باغلاپ، «بۇدا قەلئەسى»[34] دەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمەك، يۇقىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئاتتىلا ھازىرقى بۇداپېشتنى پايتەخت قىلغان.

شەرقى رىم تارىخچىسى پىرسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ پايتەختى چوڭ بىر يېزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتتىلانىڭ ئوردىسى ئېگىز بىر دۆڭلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كەينىگە ئاتتىلانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىگۇس (تۈرۈكچە ئون ئىككى دېگەنلىك بولىدۇ) نىڭ سارىيى جايلاشقان. ئاتتىلانىڭ پايتەختىدە چوڭ-كىچىك سارايلار، خەلقنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى، ھەربىي بازىلار، قورال-ياراق ۋە يېمەك-ئىچمەك ساقلايدىغان ئامبارلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن سېلىنغان. ئاتتلانىڭ پايتەختىدىكى بىردىن-بىر تاش قۇرۇلۇش بولسا، ئۇنگۇسنىڭ مۇنچىخانىسى ئىدى. ھونلار بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىشتا ئەسىر ئالغان ياكى تەكلىپ بويىچە ئېلىپ كەلگەن رىم ئۇستىكارلىرىنى ئىشلەتكەن. ئاتتىلانىڭ ئوردىسىدىكى تامنىڭ ھەممە يېرىگە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان، يەرگە گىلەم سېلىنغان. ئوردا ئىچىنىڭ بېزىلىشى گېرىك-رىم ئۇسلۇبىدا ئىدى[35].

3. ئاتتىلا ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى

مىلادىيە 434-يىلى شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئاتتىلا تەخىتكە چىققان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ئاتتىلا بىلەن كۆرۈشكەن. ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرىنى مارگۇس شەھىرىدە (ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيەدە) ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارشى ئالغان ھەم ئۇلار بىلەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تىنىچلىق سۆھبىتىدە ئاتتىلا رىم ئەلچىلىرىگە تاغىسى رۇگادىنمۇ بەكرەك قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. شەرقىي رىم ئەلچىلىرى ئۇنىڭ شەرتلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى كېلىشىم تارىختا «مارگۇس كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

1. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان باجنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ 700 لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتىش.

2. ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرگۈزمەسلىك، ھازىرغا قەدەر قېچىپ بارغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش.

3. ھۇنلار تۇتۇپ تۇرۋاتقان مەزگىلدە، قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ھەر بىرى ئۈچۈن سەككىز لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.

4. شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى ھۇنلارغا قارايدىغان مىللەتلەر بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئىتىتىپاق تۈزمەسلىك.

5. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىنى چېگىرا رايۇندىكى بەلگىلەنگەن رايۇندا ئېلىپ بېرىش①.

ئاتتىلارنىڭ شەرتىنى رەت قىلالمىغان تىئودورۇس ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال ئاتتىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاتتىلا ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم تەۋەسىدىكى، فارسوس (بۈگۈنكى بۇلغاريىدىكى خىرسوۋا) تا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەرقىي ۋە غەرىبي رىم ئېمپىريىسىئى دائىرسىدە ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئاتتىلانىڭ نامى تىلغا ئېلىنسلا، كىشلەر چۆچۈپ تىتىرەپ كېتىدىغان ھالەت كۆرۈلگەن.

مىلادىيە 434-يىلى ئىمزالانغان مارگۇس كېلىشىمىدىن كېيىن، ئاتتىلا ئېمپىريىسىدكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۆزى مەخسۇس ئاتلىق ھالدا ئېمىپىرىيىنىڭ شەرقىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا ئاتتىلا مىلادىيە 435-يىلى ئىتىل (ۋولگا) دەرياسى بويىدىكى ساراغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. مىلادىيە 436-يىلى ئوكتارنىڭ قوماندانلىقىدا رىيىن دەرياسىنىڭ بويىدا بۇرگۇندلارنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خانى گۇندىكارنى ئۆلتۈرگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا گۇندىكار بىلەن بىرگە ئۆلگەن بورگوندىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكەن.②مۇشۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا بويسۇنغان مىللەتنىڭ سانى 45 كە يەتكەن. قەدىمكى غەرپ تارىخچىلىرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇشۇ مەزگىللەردە ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ غەربى قىسىم مەركىزى بولغان دۇناي دەرياسى بويىدا ۋە شەرقىي قىسىم مەركىزى بولغان دىنپىر دەرياسى بويىدا تۆۋەندىكىدەك مىللەتلەر جايلارشقان.
1. گېرمانلار: (شەرىقتىن غەربكە) شەرقى گوتلار، گىپىدىلەر، تۈركىڭلەر،سۇبلەر، ماركومانلار، كۇئادىلار، ھبروللار، رۇگىلەر، ۋە سىكىرلەر.

2. سىلاۋىيانلار: (ئوتتۇرا ۋە غەربىي روسىيەدە) ۋېنېدلار، ئانتلار ۋە سكلاۋىنلەر.

3. پارىسلار-ئىرانلىقلار: (كاۋكازدىن دونايغا قەدەر تارقاق ھالدا تارقالغان) ئالانلار، سارماتلار، باشتانارلار، نىيۇرلار ۋە روشۇلانلار.

4. فىن-ئۇغۇرلار: (ئورالدىن-بالتىق دېڭىزىغا قەدەر) چەرەمىشلەر، موردېۋىنلەر، مەريالار، ۋېشلەر، چۇدلار، ئىستىلەر ۋە ۋىدىۋارىلەر.

5.تۈركىي تىللىق مىللەتلەر: (ئىتىل دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە) ھۇنلار، بىتتۇرلار، بۇئىسكلەر، بىتتىغۇرلار، قۇتۇرغۇرلار، ئالتىغۇرلار، ساراغۇرلار، ئوغۇزلار، سابارلار، (سابىرلار)، ئاكاتىرلار (ئاق ھازارلار) ۋە باشقىلار. ئاتتىلا مىلادىيە 434-440-يىللاردا شەرقىي رىمگە ھېچقانداق بىر تىگىش قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن بەنىت بولغاندى. مىلادىيە 440-يىلىدىن كېيىن، ئاتتىلا نىشانىنى شەرقىي رىمگە قاراتتى. ئاتتىلانىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبى بولسا، شەرقىي رىم ئېمپىراتورى تىئودورۇس كېيىنكى چاغلاردا مارگۇس كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ھۇن ئېمپرىيىسىدىن قېچىپ بارغان قاچاقلارنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە قويغان. ئىككى دۆلەتنىڭ چىگىراسىدىكى ئورتاق بازاردا رىم سودىگەرلىرى ھۇن سودىگەرلىرىنى ئالداپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىۋالغان، يەنە بىر تەرەپتىن مارگۇس ئېپىسكوپى ھۇنلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقىنى ئېچىپ بولىغان. بۇ قەبرىستانلىق ھۇنلارنىڭ ئولۇغ كىشىلىرى دەپنە قىلىنغان ھەم قىممەتلىك مەدەنلەردىن ياسالغان قورال-ياراقلار ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قۇشۇپ كۆمۈلگەن قەبرىستانلىق ئىدى. بۇ ۋەقە ھۇنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. چۈنكى، قەبرىستانلىقنى ئېچىپ ئۇنى بولاپ-تالاش ھۇنلارنىڭ روھى دۇنياسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ قاتتىق ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن، مىلادىيە 441-يىلى بىلگىراد شەھىرىدىن ئاتلىنىپ، رىمنىڭ سوفىيا قاتارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل پايتەخىت كونسىتانتىنىپولغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. شەرقىي رىم يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ھالقىلىق پەيىتتە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئاتتىلاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنى توختىتىۋالغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئائىتوس تىئودوروسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، شەرتنامىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىپ، ئۆز ئوغلىنى ھۇنلارغا گۆرەگە قويغان③.

ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرشىدە شەرقىي رىمنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلىرىنى ئۆزىگە قۇشىۋالغان ھەم بۇ جايلاردىكى ھۇنلارغا قارشى ئىستېھكاملارنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. مىلادىيە 442-يىلى ئاتتىلا گىلىپولى يېرىم ئارىلدا شەرقىي رىم قۇشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. تىئودۇرۇس بۇ قېتىم يەنىلاھۇنلار بىلەن تىنىچىلىق كېلىشىمى ئورنىتىشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، تىئودۇرۇس مىلادىيە 443-يىلى ئاتتىلا بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشمىدە ئاتتىلا شەرقىي رىم ئۆتەيدىغان مەجبۇريەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. كېلىشمىنىڭ مەزمونى مۇنداق ئىدى:

1. شەرقي رىم ھۇنلارغ تاپشۇرمىغان باجنىڭ ھېسابىغا 6000 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.

2. يىللىق باجنى 2100 لىرا ئالتۇنغا ئۆستۈرۈش.

3. ھۇنلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىدىن قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسكەرلىرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 12 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش.

4. ھۇن قاچاقلىرنى شەرىقي رىم تەۋەسىگە كىرگۈزمەسلىك ①«ھۇن تارىخىغا دائىرماقالىلەرتوپلىمى»خەنزۇچە، 137-بەت.

تىئودۇرۇس بۇ شەرتلەرنىمۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا قۇبۇل قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئاتتىلاغا قارشى چىققۇدەك كۈچ-قۇدىرەت يوق ئىدى. لېكىن، بۇ كېلىشىم ھۇنلار ئۈچۈن يەنىلا ۋاقىتلىق ئىدى. چۈنكى باشتا ئېيتىپ ئۆتكىمىمىزدەك، ھۇنلارنىڭ تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي رىمگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ ۋە زەئىپلەشتۈرۈپ، ئاخىرى يوقىتىش بەلگىلەندى. شۇڭىلاشقا، ھۇنلار بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە بولغان ئارلىقتا شەرقىي رىمدىن كۆپىرەك نەپ شىلىۋېلىپ، ئۇنى ھالسىرتىپ، ئاخىرى ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەيلا يوقىتىشنى كۆڭىلىگە پۈكۈپ قويغانىدى.
شەرقىي رىم بۇنچىلىك ئېغىر باجنى تاپشۇرۇشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىيە 447-يىلى شەرقىي رىم تەۋەسىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىقلار كېلىپ چىقان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ تۆت ئاي داۋاملاشقان. شۇڭا، مىلادىيە 447-يىلى تىئودۇرۇس ھۇنلارغا تاپشۇردىغان ئالتۇننى تاپشۇرالماي قالىغان. بۇنى باھانە قىلغان ئاتتىلا شۇ يىلى بالقانغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىم ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ 70 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئارقىدىن كونسىتانتىنىپولنى قاتمۇقات مۇھاسىرگە ئالغان. مۇشۇ چاغدا ئاتتىلا مۇھاسىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلا بولسا، شەرقىي رىم شۇ ھامان شەرتسىز تەسلىم بولغان بولاتتى. لېكىن، ئاتتىلا ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ يەنە تىئودۇرۇس نىڭ كېلىشىم تۈزۈپ تىنىچلىق ئورنىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىمگە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى. تىئودۇرۇس ئاتتىلانىڭ دېگىنى بويىچە، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بەش كۈنلۈك مۇساپىدە كېلىدىغان كەڭرى بىر جاينى ھۇنلارغا بۆلۈپ بەردى. ھۇنلارنىڭ ھەربىي چىقىمى ئۈچۈن 600 لىرا ئالتۇن تۆلىدى ھەمدە يىللىق باجنى 2100 لىرا ئالتۇندىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىشكە قوشۇلدى①.
ئىبراھىم كافەس ئوغلو: «12-ئەسىرگە قەدەر ئىستانبۇلنىڭ تۈركلەر تەرپىدىن مۇھاسىرە قىلىنىشى»، «ئىستامبۇل ئىنىستېتوتى زھۇرنىلى»، تۈركچە، 1957-يىلى 3-سان1-، 6-بەتلەر
شەرقىي رىم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ھۇنلارغا يىللىق باجنى تاپشۇرۇش بولدى. بۇنچىلىك كۆپ ئالتۇننىڭ چىقىم قىلىنىشى دۆلەت مالىيىسىنى قۇرۇقداپ قوياتتى. ئېمپېراتور تىئودۇرۇس بېشى قېتىپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان بىر پەيىتتە، باش ساراي خادىمى كىرساپخىئوس ئاتتىلادىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىئىسىنى ئويلاپ تاپقان. يەنى ئۇ ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. كىرساپخىئوس ئاتتىلانىڭ ئەلچىسى ئەدەقۇنغا پارە بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. ئەدەقۇن ئۇنىڭغا يالغاندىن سېتىلغان. بۇ سۇيقەستنى ئورۇنداش ئۈچۈن، كىرساپخىئوس ئاتتىلاغا تۇنۇشلۇق بولغان ماكسىمىنوسنىڭ باشچىلىقىدا، تارخچى پىرسكوسمۇ قاتناشقان بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە 448-يىلى ھۇنلانىڭ پايتەختىگە ئەۋەتكەن. ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىگىلا ئىسىملىك بىر ئۈستىگە ئالغان. بۇنى پەقەت تەرجىمان ۋىگىلاس بىلەتتى. قالغانلارنىڭ بۇ ئىشتىن زادى خەۋىرى يوق ئىدى. ئەلچىلەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئەدەقۇن سۇيقەست پىلانىنى ئاتتىلاغا مەلۇم قىلغان. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئاتتىلا بىگىلانى ھۇن ئەدىليە ھەيئىتىنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىپ، جىنايىتىنى ئىقىرار قىلدۇرغان. ئاتتىلا شۇ مەيداندا ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن: «ئەگەر كەچۈرمەيدىغان بولسام سىلەرنى ھۇنلانىڭ ئادىتى (قانۇنى) بويىچە دالىغا ئېگىز موما ياغىچى تىكىپ، موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا يالىڭاچ باغلاپ قۇيۇپ، ياۋايى يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم قىلىپ بېرىپ جازالايتىم.» دەپ ئەلچىلەرگە ھۇنلارنىڭ قانۇنىنى تۇنۇتۇپ، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغان.

شەرقىي رىمنىڭ سۇيقەسىت پىلانى بەربات بولغاندىن كېيىن، ئاتتىلا دەرھال ئۆزىنىڭ ئىككى ئەلچىسى ئارقىلىق تىئودۇرۇس گە ناھايتى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنڭدىن كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ھۇنلارنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قورقۇپ كەتكەن تىئودۇرۇس مىلادىيە 449-يىلى كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئاتتىلاغا ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، كىرساپخىئوسنىڭ ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى، ئەكسىنچە ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرلۈشىدەك ئېچىنىشلىق پاجئە بىلەن ئاخىرلاشقان.

بىر ئۆمۈر ھۇنلار ئۈچۈن ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەپ خورلۇق ئىچىدە ياشىغان تىئودۇرۇس مىلادىيە 450-يىلى ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. تىئودۇرۇس مىلادىيە 422-يىلى تۆت ياش ۋاقتىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە چىققان. ئۇدا ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ھۇنلارغا قارام بولۇپ قېلىپ، نۇمۇسلۇق كۈنلەرگە دۇچار بولغانىدى. بولۇپمۇ ئاتتىلا ھۇن ئېمپىراتورى بولغاندىن كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئاھانەتلىك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن زىمىنىنى ھۇنلارغا تارتقۇزۇپ قويغان ھەتتا، تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشۈشكە تاس قالغان. پەقەت نۇرغۇن بەدەل تۆلەش ھېسابىغا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان.

تىئودۇرۇس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماركىنوس تەخىتكە چىققان. ئاتتىلا بۇ يېڭى ئېمپىراتورنى تىنىچلىق كېلىشىمى بويىچە تېگىشلىك باجنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. ماركىنوس باج تاپشۇرۇش ئورنىغا قولىغا قورال ئېلىپ، ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماركىنوسنىڭ بۇ قىلمىشىدىن غەزەبلەنگەن ئاتتىلا شەرقىي رىمنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى قارار قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىگە جىددى يۈرۈش قىلۋاتقان چاغدا، ئۇ ماركىنوسنى چوڭ سۆزلەتكەن كۈچنىڭ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا شەرقىي رىم بىلەن غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي كېلىشىم تۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، نىشانىنى بىردىنلا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە يۆتكىگەن. شەرقىي رىم بىلەن كېيىن ھېسابلاشماقچى بولغان[36].

4. ئاتتىلا ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى

باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھۇنلارنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئىدى. لېكىن، ئاتتىلا دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئىتتىپاق نامدا بار، ئەمەلدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ دەۋرىدىكى ياۋروپا دۇنياسىدا ئاتتىلا «تەڭرى قامچىسى»، ئۇ گۇناھقا تولغان خىرىستىئان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن، تەڭرى تەرپىدىن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەن، ئاتتىلانىڭ قولىدىكى قىلىچ ئۇرۇش تەڭرىسى ئارس(«يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى»دىكى جەڭ تەڭرىسى-م.) قىلىچى بولۇپ، تەڭرى ئۇنى ئاتتىلانىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنڭغا بەرگەن، دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغانىدى. ھەتتا، بۇ رىۋايەتلەرگە ئاتتىلانىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنگەن. شۇڭا، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدىغان ئاتتىلا ئۆزىنىڭ يېنىدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ بولىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ،بۇ دۆلەتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش كېرەك،دەپ قارايتتى. ئاتتىلا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىيە 439-يىلىدىن باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراتقان تاشقىي سىياسىتىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ياردەمنىمۇ كېمەيتكەن. ئاتتىلا يەنە مىلادىيە 443-يىلى گاللىيە (ھازىرقى پولشا، فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىمى)دىن، تاكى ئىسپانىيىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ غەربى رىم ئىمپېريىسىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرنى پاناھىغا ئالغان. ئاتتىلا شەرقىي رىمگە قانداق ئېغىر شەرتلەرنى قويغان بولسا، غەربىي رىمگىمۇ شۇ خىلدىكى شەرتلەرنى تاڭغان. مەسىلەن، سىلۋانۇس ئىسىملىك بىر رىملىق ئالتۇن- كۆمۈش سودىگىرى ھۇنلار ئىشغال قىلغان سىرىئوم شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى ئارقىلىق ئاتتىلانىڭ كاتىپى كونستانتىنوستىن دىنىي مۇراسىملاردا ئىشىلتىدىغان ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئارىيەتكە ئالغان. كېيىن، قايتۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، ئۇ بۇ ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئىتالىيلىك بىر سودىگەرگە سېتىۋەتكەن. ئاتتىلا سىلۋانوسنى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ قاراپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى، بولمىسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئاتتىلا يەن بىر تەرەپتىن ھۇنارىيا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويغان. غەربىي رىمنىڭ ھۇنارىيا ئىسىملىك بىر مەلىكىسى بار بولۇپ، ئۇ ئېمپىراتور ۋالىنتىنوس نىڭ سىڭلىسى ئىدى. كېيىن ھۇنارىيانىڭ باللىرى بىلەن ۋالىنتىنوس نىڭ ئوتتۇرسىدا تەخىت تالىشىش داۋاسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھۇنارىيانىڭ توي قىلىشىنى چەكلىگەن. ھۇنارىيا ئاتتىلا يېڭىدىن تەخىتكە چىققان چاغدا، ئاتتىلانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر توي ئۈزۈكى ئەۋەتىپ ئۆزنىڭ ئاتتىلا بىلەن توي قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، ئاتتىلا مەلىكە ھۇنارىيانىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالغان. كېيىن ھۇنارىيانىڭ سارايدىكى بىر ئەمەلدار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى سېزىلىپ قېلىپ، ئانىسى پىلاكىرىيا ھۇنارىيانى ئاۋال شەرقىي رىم ئوردىسىدا، كېيىن غەربىي رىمنىڭ ئوردىسدا نەزەربەند قىلغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئاتتىلا، ھۇنارىيانى ئۆزىنىڭ ئالماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بولغۇسى بۇ خانىشنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، غەربىي رىمگە ئەلچى ئەۋەتكەن. ئاتتىلا ئەلچىلەر ئارقىلىق ھۇنارىيانىڭ مىراسى سۈپىتىدە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى زىمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاتتىلانىڭ بۇ تەلپىنى رەت قىلىپ، ھۇنارىيانى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتكەن①. ئاتتىلانىڭ مانا مۇشۇنداق ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، غەربىي رىمگە قارىتا قوراللىق ھەرىكەت قوزغاشقا باھانە ئىزدەۋاتقانلىقى غەربىي رىم ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم ئىدى.

ھۇنلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى بىر قانچە قېتىم خەتەرلىك كۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولغاچقا، بۇنىڭ بەدىلگە غەربىي رىم ئېمپرىيىسى ھۇنلارغا يىللىق باج تاپشۇراتتى. ئاتتىلا بىلەن دەۋرداش بولغان غەربىي رىم قوماندانى ئائىتوس ھەر ۋاقىت بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايتتى. ئۇ ھامان بىر كۈنى ئاتتىلانىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىردىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ غەربلىكلەر تەرپىدىن ئاتالمىش ۋار-ۋار②دەپ ئاتالغان مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلاردىن تەشكىل قىلغان مۇئاشلىق ئەسكەرلەر ئارقىلق، ھۇن ئۇسلۇبىدا ئاتلىق قۇشۇن تەربىيلىگەن ھەمدە ھۇن ئىمپىئېرىيىسى تەۋەسىدىكى بەزى مىللەتلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى ئاتتىلاغا قارشى ئېسىيان كۆتۈرۈشكەن كۈچكۈرتكەن. دېمەك، ھۇنلار بىلەن غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىر- بىرگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشقا خېلىدىن بېرى تەيارلىق قىلىشقانىدى.

مۇشۇ چاغدا غەربىي رىم قۇشۇنىنىڭ تەركىبىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. غەربىي رىم قۇشۇنى ئىچىدىكى غەربىي گوتلار يالغۇز ئۆز ئالدىغا ھۇنلار بلەن تىركىشەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. ئاتتىلا غەربىي گوت قۇشۇنىنى پاچاقلاپ تاشلىغاندىلا، غەربىي رىم قۇشۇنىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن رىم قۇشۇنى بىلەن غەربىي گوتلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، رىملىقلار بىلەن غەربىي گوتلانى بىر-بىردىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولغان. ئۇ پىلانىنى سەزدۈرۈپ قويماسىلىقى ئۈچۈن، غەربىي رىم ئىمپېراتورى ۋالىنتىنوسقا غەربىي گوتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى، غەربىي گوتلارغا بولسا گاللىيەدىكى رىم بۇيۇنتۇرۇقىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھەقىقەتەن ئاتتىلا مىلادىيە 451-يىلى 1-ئايدا، 200 مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈش قلغان. يۈرۈش جەريانىدا ئۇ دوناي دەرياسى بويىدىكى غەربىي رىم شەھەرلىرى ۋە ئىستېھكاملىرىنى ۋەيران قىلىپ ئۆتكەن ھەم بۇ ئەتىراپتا ياشايدىغان ھەر قايسى گېرمان قوۋملىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ،قۇشۇنىنىڭ سانىنى 500 مىڭغا يەتكۈزگەن③ئاتتىلا مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشكە ئاتلىندىغان چاغدا ناھايتى تەنتەنىلىك نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز يات مىللەتلەر ئۈستىگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمىز. مىللىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك نامى ئۇلارنى قۇرقۇتۇپ تىتىرتىدۇ. ئېھتىمال بىز ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئاسمان-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئىشىمىز مەڭگۈ ياشنايدۇ. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.»

شۇ يىلى 3-ئايدا ئاتتىلا رەھبەرلىكىدە ھۇن قۇشۇنى رىيىن دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، فىرانسىيىدىكى مىتزى ۋە رىيمسى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىن پارىزھنىڭ يېنىدىكى ئورلېئان شەھىرگە قىستاپ كەلگەن. ئاتتىلا مۇشۇ جايدا غەربىي گوتلارنى مەغلۇب قلىپ، ئاندىن غەربىي رىم قۇشۇنىنى يوقاتماقچى. لېكن، ئائىتوس قوماندانلىقىدىكى 600 مىڭ كىشلىك غەربىي رىم قۇشۇنى ئاتتىلانىڭ كەينىدىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن، ئاتتىلار دەرھال كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (گوت –ئالان تۈزلەڭلىكى)گە چېكىنىپ، ئەسكەرلەرنى سەپكە ئۇرۇنلاشتۇرغان. غەربىي گوتلار دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كېيىن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، غەربىي رىم تەرەپتە تۇرغان.

كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (فىرانسىيە)دە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قۇشۇنىنى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۈچ سەپ بويىچە ئۇرۇنلارشتۇرغان.

ئائىتوسنىڭ باش قوماندانلىقىدىكى غەربىي رىمنىڭ ئەسىلى قۇشۇنى فىرانىك پادىشاھى مىروۋىخ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى بىلەن شىمالىي سەپ بۇلۇپ ئۇيۇشقان. شىمالىي سەپنىڭ يېنىدا مۇداپىئەلىنىشكە ئەپىلىك بىر ئىگىزلىك بار ئىدى. ئوتتۇرا سەپنى سانگىيان قوماندانلىقىدىكى ئالان قۇشۇنى تەشكىل قىلغان. جەنۇبىي سەپكە تىئودورۇك قۇماندانلىقىدىكى غەربىي گوت قۇشۇنى قۇيۇلغان.

ئاتتىلانىڭ قۇشۇنى تەرەپتە بولسا، غەربىي رىم ئۇرۇش سېپىنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسى بولغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالان قۇشۇنىغا، ئاتتىلا ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلغان ھۇن ئاتلىق قىسىمى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. شىمالىي سەپكە ھېرۇللار، كۇئادلار قاتارلىق گىرمان قۇۋىملىردىن تەشكىل قىلغان قىسىم قۇيۇلغان. جەنۇبىي سەپتە غەربىي گوتلارغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ، ۋالامىر رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي گوت قۇشۇنى قۇيۇلغان. مانا بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان كاتالونيا ئۇرۇشىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى④.

كاتالونىيە ئۇرۇشى مىلادىيە 451-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن. ئۇرۇش ساق بىر سوتكا داۋاملاشقان. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئاتتىلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي سەپنى مۇداپىئەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى غەربىي رىمنىڭ ئاجىز نوقتىسى بولغان ئوتتۇرا سەپكە- ئالانلار ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇب قىلغان. غەربىي رىمنىڭ جەنۇبىي سەپ قۇشۇنىمۇ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ، قۇماندان تىئودورۇك ئۆلگەن. كەچ كىرگەن چاغدا غەربىي رىمنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي سەپتىكى قوشۇنى چېكىنىپ كەتكەن. بۇ چاغدا باش قوماندان ئائىتوسمۇ ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ناھايتى تەسلىكتە قۇتۇلۇپ چىققان. ئائىتوس ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە غەربىي رىم قوشۇنىنى باشلاپ چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي رىم قوشۇنىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى كۆرگەن ئاتتىلامۇ قىسىملىرىنى باشلاپ، 20 كۈن ئىچىدە ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش شۇنداق دەھشەتلىك بولغانكى، سىنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئادەمنڭ مەيدىسىگە كەلگۈدەك چوڭقۇرلۇقتا قانغا تولۇپ ئاققان. ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن 300 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ روھى ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇرۇشقانمىش⑤. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا غەلبە ئاتتىلاغا مەنسۇپ بولغان. مىلادىيە 5-ئەسىردە ياشىغان پىروستىرپىرونىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئائىتوس ئېمپىراتور ۋالېنتىنوسقا ئۆزىنىڭ ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ بەدىلگە ئىتالىيدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى ھۇنلارغا بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋالېنتىنوس بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سالغان. ئائىتوس ئۇرۇشتا ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈچلۈك ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمگەن.

كاتالونىيا ئۇرىشىدا ئائىتوس مەغلۇپ بۇلۇپ چېكىنگەن. ئاتتىلامۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن قۇشۇنىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي غەربىي رىم بىلەن قايتا بىر قېتىم ھېسابىلىشىشنى ئويلاپ، ئۆز پايتەختىگە قايتقان.

مىلادىيە 452-يىلى ئاتتىلا100مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن ئىككىنچى قېتىم غەربىي رىم ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرۈشىدە ئالدىغا ئۇچىرغان تۇنجى شەھەرئاچىئويلانى قاتتىق ۋەيران قىلپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋەتكەن. ئارقىدىن ئىتالىيىدىكى مىلان ۋە پاۋىيان قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىگەلەپ، ئۇدۇل رىم شەھىرگە قىستىپ بارغان. قاتتىق قورقۇپ كەتكەن رىم ئىمپېرىيىسى، ئەينى ۋاقىتىكى خىرىستىئان دىنىي دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي داھىيسى پاپا لېئو 1 باشچىلىقدا، ئۈچ كىشلىك بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. پاپا لېئو1 غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋە پۈتكۈل خرىستىئان دىنىي دۇنياسى نامىدىن ئاتتىلا بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھەرقانداق شەرتىنى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن. بۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ يېقىن كىشلىرمۇ رىمنىڭ قەدىمى مەدىنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ئاتتىلانىڭ مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلغۇچى كىشى بولغاچقا، بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي بۇ شەھەرنى ساقلىپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئاتىلامۇ بۇ پىكىرنى توغىرا تاپقان. شۇڭا ئاتتىلا غەربىي رىمنىڭ تەسىلىم بولغانلىقىنى پاپا لىئو 1 گە ئېتىراپ قىلدۇرۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىم بويىچە، غەربىي رىم ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان 700 لىرا ئالتۇننى، 2100 لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتكەن.شۇنداق قلىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ھۇنلارغا قارام بۇلۇش ھالىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان.

5. ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى

ئاتتىلا مىلادىيە 453-يىلى ئىراندىكى ساسانىيلار سۇلالىسى ئۈستىگە يۈرۈش قلىماقچى بولغان. ئاتتىلا ئىرانغا يۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن غەربىي رىمنىڭ بىر مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن. پىرىسكوس ۋە جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا، ئاتتىلا توي كېچىسى بۇرنى قاناپ ئالەمدىن ئۆتكەن[37]. ئاتتىلادىن يۈز يىلى كېيىن ياشىغان جوردانىسنىڭ خاتىرلىشچە، ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھۇنلار كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزگەن. بۇ ھەقتە جوردانىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاتتىلانىڭ جىنازىسى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىكى يىپەك چىدىر ئىچىگە قويۇلغاندى. ماتەم مۇراسىمى ھۇنلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ باتۇ يىگىتلەرنىڭ قېلىچۋازلىق قلىشى بىلەن باشلاندى. ھۇن شائىرلىرنىڭ ئاتتىلاغا ئاتاپ قايغۇلۇق مەرسىيەلەرنى ئوقۇدى.»جوردانىس ھۇن شائىرلىرىنڭ مەرسىيەلىرىنى مۇنداق بايان قىلغاندى:«ھۇنلانىڭ ئەڭ بۈيۈك خانى، مۇنجۇقنىڭ ئوغلى، ئەڭ جەسۇر مىللەتنىڭ ھۆكۇمدارى ئاتتىلا ئۆزىدىن بۇرۇم ھېچكىمدە كۆرۈلۇپ باقىمىغان كۈچ- قۇدىرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆز ئالدىغا پۇتۇن سىكتىيە ۋە گىرمان دۆلىتىنى بويسۇندۇردى. بىر قانچە يۇز شەھەرنى ئىگەلىدى. ھەر ئىككى تىم ئىمپېرىيسىنى قاتتىق قورقىتىپ، ئۆزىگە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدى. مانا بۇ غەلبىلەرنىڭ ھەمىسى بەخىت- تەلەينىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ئىدى. ئاتتىلا دۈشمەنىڭ زەربىسى ياكى ئۆز ئادەملىرنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى توي كېچىسىدە گىگانت مىللەتنىڭ ئىچىدە ئاغىرىق ئازابىغا گىرىپتار بولماسىتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ھەممە ئادەم قايغۇغا چومگەن بۇ ئۈلۈمنى كىممۇ ئۈلۈم ھېسابلىسۇن[38].

ئاتتىلانىڭ ماتەم مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىدى ئالتىئۇن، كۆمۇش ۋە تۆمۇردىن ئۈچ قات قىلىپ ياسالغان ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىنغان. ھۇنلار بىردەريانىڭ (قايسى دەريا ئىكەنلىكى نامەلۇم) سۈيىنى ۋاقتىنچە باشقا يۆنىلىشىگە ئاققۇزۇپ، ئۇنىڭ ئاستىنى چوڭقۇر كولاپ، ئۇ يەرگە ئاتتىلانىڭ جەسىدى سېلىنغان ساندۇقنى كۆمگەن. ئاتتىلا كۆمۈلگەن جاينى مەڭگۈ مەخپىي قىلىش ئۈچۈن، ئاتتىلانى يەركىكىنى كولىغان كىشلەر ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئولتۈرلۈپ، ئاتىلانىڭ يېنىغان كۆمۇۋېتىلىگەن. ئۇنىڭدن كېيىن ھۇنلار دەريانى ئەسىلى قېنى بويىچە ئاققۇزغان[39].

كېيىنىكى كىشلەر ئاتتىلا كۆمۇلگەن جاينى ھۇنگىريە، رۇمىنيە، ئاۋستىريە، پولشا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىزدىدى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۇشكە توغىرا كېلىدۇكى، مىلادىيە 1799-يىلى رومىنىيىنىڭ بانا رايۇنىدىن ئېقىپ ئۆتۇدىغان تىمىس دەريانىڭ ئارانكو دەرياسىغا قۇشۇلدىغان يېرىدىكى نود سەنتىمىكلوس دېگە جايدىن قەدىمكى بىر دەپنە بۇيۇملىرى تېپىلغان. بۇ دەپنە بۇيۇملىرى ئالتۇن- كۆمۇشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇ نەرسىلەر تۆمۈر ساندۇقنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان. ئالتۇق قاچا- قۇچۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقى»دا خەت ئۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ دەپنە بۇيۇمىلىرىنى رىملىق ئىككى سودىگەر ھۇنگىريەگە ئېلىپ كەلگەندى. ھازىر بۇ بۇيۇيۇملار ۋىنا موزىئېيىدا ساقلانماقتا. ھۇنگىرلار ھازىرغا قەدەر بۇ بۇيۇملارنى ئاتتىلا بىلەن بىرگە كۆمۇلگەن دەپنە بۇيىمىلىرى، بۇ نەرسە تېپىلغان جاينى ئاتتىلانىڭ مازىرى، دەپ قاراپ كەلمەكتە[40]. لېكىن يەنى بەزى ئالىملار بۇ دەپنە بۇيۇملىرىنى پەچىنەكلەرگە مال قىلىدۇ.

6.ئاتتىلا قانداق كىشى؟

ياۋرۇپا ھۇن ئىمپىرىيسىنى بالەمبەر قورغان، يىلدىز ۋە رۇگا ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. ئاتتىلا ئۇنى مىسىلىسىز دەرىجىدە قۇدىرەت تاپقۇزغان. شۇڭا، ياۋرۇپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى» دەپ ئاتالسا، ياۋرۇپا ھۇن ئىپېرىيسى«ئاتتىلا ئىمپېرىيسى دەپ ئاتىغان. ئاتتىلا دەۋىردە بۇ ئىمپېرىيىئىنىڭ زېمىنى شىمالدا بالىتىق دېڭىزدىن، جەنۇپتا دۇناي دەرياسىغىچە، غەرىپتە ئاتلارنتىك ئوكياندن، شەرىقتە بالقىش كۆلى ھەتتا، ئالتاي تاغلىرغىچە سۇرۇلغان بۇلۇپ. ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتەسىگە كەڭەيگەن ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندى.
قەدىمكى بىر خىرىستىئان دىنى ھۆججىتىدە ئاتتىلانىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتۇرسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ سۈرۈتى چۈشۈرۈلگەن،ئاق رەڭلىك توت چاسا يىپەك بايراق ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.①

ھۇن ئىمپىئېرىيىسى تۇركى تىلىق مىللەتنىڭ ياۋرۇپادا قۇرغان تۇنجى ئىمپېرىيسى بۇلۇپ ھېسابىلىندۇ. بۇ مەزگىلدە ھۇنلار ئۆزىنىڭ ئىلغار مەدەيىيىتى ۋە مۇكەمەل ھەربىي تەشكىلى تۇزۇمىنى ياۋرۇپاغا تۇنۇتتى ۋ تارقاتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن رىملىقلا ئۆز قۇشۇنىنى ھۇن ئۇسۇلى بۇيۇچە يەنى «ئونلۇق سىستېئىمىسى» بۇيىچە تەشكىلاتلاندۇرىدىغان بولدى ھەمدە ئوقيا رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرالىغا ئايلاندى.رىملىقلار كۆڭلەك كىيىشنى شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلاردىن ئۆگەندى. بۇ ھەقتە ف.گىرىناد:«ئاسىيانىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە چۈشكۈلىكى»دېگەن ئەسىرنىڭ 12-بېتىدە:«شۇ زامانغىچە، ياۋرۇپالىقلارغا مامەلۇم بولغان كۆڭلەك، ئات جابدۇقلىرى، ھۇنلارنىڭ ئاتنى ئىگەرلەش ئۇسۇلى،ھەربىي ۋە ئاتلىق قۇشۇنغا دائىر نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلار، كۆپلىگەن جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ھۇنلاردىن قۇبۇل قىلىنغاندى»، دەپ كۆرسەتكەن.
ھۇنلار ئاسىيادا قاتىق قۇرغاقچىلىق، سىياسى ۋە ھەربىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ، چىقىش يولى ئىزدىگەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 900 يىلى داۋامىدا ئاۋارلار، ئوغۇرلار (ئۇيغۇرلار) ھازارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، ئوغۇزلار ۋە قۇمان- قىپچاق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزلىرنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ياۋرۇپانىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.

ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادا پەيدا بۇلۇشى، ياۋرۇپادا ياشايدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ئۆزگەرتىۋەتكەن. بالەمبەر ۋە يىلدىزنىڭ ئېلىپ بارغان ھەربىي يۇرۇشلىرى، ياۋرۇپادا مىللەتنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا مىللەتلىرنىڭ ئۆز- ئارا قۇشۇلۇشى تېزلىشپ، ھازىرقى نۇرغۇن مىللەتنىڭ ئېتنىك ئاساسى شەكىلەنگەن.

ئاتتىلا ئەينى ۋاقىتتاشەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپىئېرىيسىگە كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسى ۋەھەربىي جەھەتە قاتتىق ھالسىرتىۋەتتى. ئۇلارنى يۇقىرى نىسبەتە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، مالىيە جەھەتە ئېغىر كىرزىسقا دۇچار قىلىدى. رىم ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ مالىيە چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قارام خەلقلىرى ئۈستىدىكى ھۆكىمرانلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپېرىيسگە قارشى ھەر قايسى جايلاردا كەينى-كەينىدىن قوزغىلاڭ پاتىلىدى. ئاتتىلا بۇ قوزغىلاڭنى قولىدى. ئاتتىلارنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى ئاستىدا ھالسىرغان غەربىي رىم ئىمپېرىيسى قارام خەلق ۋە قۇللا قوئازغىلىڭنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە، مىلادىيە 476-يىلى ھالەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرۇپادا قۇللۇق تۈزۈم يىمىرلىپ، فېئوداللىق تۈزۈم تىكلىنىشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ئىككى خىلئىجىمائىي پورماتسىيىنىڭ ئۇرۇن ئالمىششدا ئاتتىلار ۋە ھۇنلارنىڭ سىياسى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتكى ئوينىغان رولى ناھايتى زور بولدى.

ئاتتىلا 53 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا، ئاتتىلا ئوتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۈڭلۈك، گۈرەنلىك،كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان، توختىماستىن ئەتىراپقا نەزەر تاشلاپ تۇردىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كىشى ئىدى. ئاتىتلا ئېرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل- پاراسەتكە تايىنىپ قولغا كەلتۈرەتى. تارىخچىلار ئاتتىلانى چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ دۇنياۋى ھاكىميەت چۈشەنچىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئىمپېراتۇر، تەشكىلاتچى ۋە ھەربىي قۇماندان،دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ نامى توغىرسىدا ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەلەردە بارلىققا كەلگەن رىۋايەتلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا كوچۈپ مانا ھازىرغىچە تارقىلپ كەلمەكتە. ئاتتىلانىڭ ھاياتى، يازغۇچىلار،رەساملار، ھەيكەلتىراشلار، مۇزىكانىتلار ۋە سىنارستلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تېما بۇلۇپ كەلدى.

ئاتتىلانىڭ بىۋاستە زىيارەت قىلىغان شەرقى رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بېرىشچە، ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئاتتىلانى كىشلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايتى. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ ئالدىدا ھەرقانداق كىشى قورقوپ تىترەپ تۇراتى. ھەتا ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغىلى ئىلەكمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشقىمۇ جۇرەت قىلالمايتتى.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

سۆيۇملۇك ئىيىقل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2029
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9023
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 03:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىللانىڭ  قەبرىسىنى ھونگا(گونگا)دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەپ تۇرۇپ دەريا ئاستىغا كۆمىۋەتكەن دەيدىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش