سىزنىڭ قايسى يولدا مېڭىشىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىشى . سىزدەك كاتەكنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ قاقىلدايدىغانلارنى ئۇچراتمىغانمىز .
مەن ئۈزۈمنى بىلىملىك دىيەلمىسەممۇ ، ھەرگىز دۆت دەپ قارىمايمەن . مېنىڭ مۇسۇلمانلار تورىنى قۇرغانلار بىلەن تونۇشلۇقۇممۇ ، ئالاقەممۇ يوق ، سىزنىڭ مۇسۇلمانلار تور بېتىنى خەتەرلىك دەپ ھەممە مۇنبەرلەردە جار سېلىشىڭىز سىزنىڭ تولىمۇ كۆزى كىچىك ، كۆرەلمەس ئىكەنلەردىن ئىكەنلىگىڭىزنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ . تورداشلار مۇشۇ تور بەتكە كىرىپ دىنى ساۋاتلارنى ، پەتىۋالارنى ئوقۇپ كۆرسىلا ھەممىنى چۈشىنەلەيدۇ .
سىزگە شۇنى يەنە ئەسكەرتىپ قۇياي : تور تاقىلىپ قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئىسلام تور بەتلىرى ئەسلىگە كېلەلمەي ، پەقەت مۇشۇ مۇسۇلمانلار تور بېتىلا ئىسلام دىنىدىن ساۋات بېرىپ ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتا دۈچ كەلگەن مەسىللەردىن سورىغان پەتىۋالىرىغا ھەر ھالدا قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بېرىپ كەلمەكتە . كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇ مۇسۇلمانلار تورىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىدىن شۇنچە خوشال . لېكىن بۇلار سىزگە نىمىشقا ياقمىدى ؟ سىزنىڭ مەقسىدىڭىز مۇشۇ تور بەتنى تاقىغۇزۇشما ؟ ھەدىسلەردە سىزنى تورخانىدەك تاماكا ئىسلىرى لەيلەپ تۇرغان مۇھىتتا ، تورغا كىرسۇن دەپ ئېيتمىغاندىن كېيىن ئۈزىڭىزنىڭ نامىزىڭىزنى جايىدا ئوقۇپ ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ غېمىنى قىلسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ ! ياكى سىز بىلگەن ھەدىسلەردە مۇشۇنداق كومپىيوتىر ، تورغا كىرىش توغرىسىدا سۆزلەر بارمىكەن ؟ تور بەت قۇرۇش ، ئۇنى يولغا قۇيۇش شۇنچە ئاسانما ، رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشنىڭ تەسلىگىچۇ تېخى . سىز نوچى بولسىڭىزئۆز يانچۇقىڭىزدىن چىقىرىپ تور بەتتىن بىرنى قۇرۇپ بېقىڭە .
مەن سىزگە يەنە ئەسكەرتىپ قوياي ، ئۇيغۇر تورى ئىچىدىكى بىر تور بەتنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سېسىتىشنىڭ ئۈزى بەك نۇمۇسسىزلىق ، پەسكەشلىك . بىڭسىڭىز بولسا مۇشۇ سېسىتىشلىرىڭىزنى باشقا مىللەتنىڭ تور بەتلىرىدە جار سېلىڭە ، ئۇلار سىزگە نىمە دەپ باھا بېرىدىكىن .
سىزنىڭ يازغان تېما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن چۈشىنىشىمچە سىز بىرەر مەسچىتنىڭ يۈگۈر - يېتىم ئىشلىرىنى قىلىپ ، شۇ مەسچىتنىڭ سەدىقە تاماقلىرىنى يەپ ، رىئال تۇرمۇش ، ئورپ ئادىتىمىزدىن تولىمۇ يىراق ھالدا ياشاۋاتقان بىر بەندەكەنسىز .
قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى ياخشىلىققا ، پاكلىققا ئۇندەيدۇ . سىزدەك بىزنىڭ ئورىپ - ئادەتلىرىمىزنى ھەدىسكە باغلاپلا يوققا چىقىرىۋېتىش ھوقۇقىڭىز يوق .
ئەگەر مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مېنى دوۋزاققا باشلىسا سىز تېزراق جەننەتكە كىرىۋالارسىز ، ئاللادىن سىزگە جەننەت ئاتا قىلىشنى ھەر زامان تىلەيمەن .
سەمىمى ئەسكەرتىش : تورداشلار ئىنكاسىمغا ئىنكاس يېزىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار تورىنى كۈرۈپ ، چۈشۈنۈپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭلار . تور ئادرىسى :
www.musulmanlar.com