بۇ چىن مۇھاببەت ئەمەس
ھېجران دەردى قىينىسا، زارلىغان چىن يار ئەمەس،
يار باشىغا كەلسە كۈلپەت چىدىغان چىن يار ئەمەس.
كۆرسە گۈزەل نازىنىن ياكى بەردەم بىر يىگىت،
يار يانىدا تۇرسىمۇ مارىغان چىن يار ئەمەس.
سۆيگۈ يولى ئېگىز پەس، سىناقلىرى ئاندىن كۆپ،
شۇ سىناقتىن ئۆتەلمەي خورلىغان چىن يار ئەمەس.
كۆرسە يارنى چۈشۈرمەي «سۆيىمەن»نى مىڭ قېتىم،
كۆرمىگەندە يارىنى ئۇنتىغان چىن يار ئەمەس.
مەيلى يىراق، يېقىندا بولسا سۆيگەن سۆيگىنى،
سۆيگۈسىگە گۇمانلىق قارىغان چىن يار ئەمەس.
ۋەدە بولسۇن يۈرەكتە، ئەقىدىمۇ چىن بولسۇن،
ۋەدىسىنى قەغەزگە بويىغان چىن يار ئەمەس.
ۋەدە بېرىپ تىلىدا، خۇددى سېغىز بەرگەندەك،
ۋېسال تاپماي تەڭ يولدا توختىغان چىن يار ئەمەس.
سۆيگۈ مەخسەت ۋېسالدۇر، ۋاپا ئەيلەش بىر ئۆمۈر،
ۋاپا بىلمەي سۆيگىنى ئوينىغان چىن يار ئەمەس.
مەنبە: نۇر (كېرەمجان نۇردۇن) 2010-يىلى 14-ئوكتەبر كورلا
سۆيگۈ مۇھەببەت ھەققىدە يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەر كۆپ، ھەر بىر ئادەم قولىغا قەلەم ئالسا، سۆيگۈ ھەققىدە قىلىدىغان پىكرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق، سۆيگۈنىڭ مەخسىدى ۋېسال تېپىش، ۋېسال تېپىپ مۇرات مەخسەتكە يىتىش يولىدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە، سىناقلارغا دۇچار بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر مۇئەللىپنىڭ سۆيگۈ يولىدا ئۇچرايدىغان ياكى رىيال تۇرمۇشتا كۆرگەن ھېس قىلغان كۆز قاراش تۇيغۇلىرى مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر ئوقۇرمەن قەلەمكەشلەر ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەكلىپ پىكىر بىلەن بىرگە قوشۇپ، شېئىر ياكى باشقا ژانېردا يوللاپ، بۇ تولۇق بولمىغان ئەسەرگە تولۇقلىما بېرىشىنى ياكى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاپادارلىق، ئەقىدە، بۇزۇلماس ۋەدە، ۋېسال،