ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت qartikin كە 2010-10-16 08:52 PMئەۋەتىلدى :
تۇنجىرەت رەنجىدى سەندىن ئەقىدەم،
ۋە لېكىن تىللاشقا بارمايدۇ تىلىم.
سەن يەنە باغرىمغا قايتىدىغاندەك ،
شېرىن بىر ۋېسالىنى كۈتەر ئۈمۈدۈم.
شىرىن بىر ۋىسالنى كۈتەر ئۈمۈدۈم
ئەمما مەن ھەسىرەتتە،سەندىن يىراقتا
ئايرىلىش سۆزىنى قىلما سەن ئەبەد
يا ئۆلسۈن دىدىڭمۇ مىنى پىراقتا.
سەن ماڭا ئىشەنمەمسەن ياكى ئۆزۈڭگە
كۆرۈنمىگەچ كۆز ياشلىرىم سىنىڭ كۆزۈڭگە
ھەر بىر رەت ئايرىلايلى دىگەن چىغىڭدا
قان ئارلاش كۆز يىشىم جاۋاپ سۆزۈڭگە
قاملاشمىسىمۇ چارتىكىننىڭ ئاخىرقى مىسىراسىنى ئارىيەت ئىلىپ قاپىيە كەلتۈرۈپ قويدۇم،مەسخىرە قىلماڭ ھە ئاپپاق ئۇكام،بەكلا تەسىرلىك يىزىپسىز،ئاشىقنىڭ يۈرۈگىنى ھامان مەشۇغى بىلىپ تۇردۇ،سىز پەقەت ئۇنى ئىشەنىچ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالىسىڭىزلا.سىزنىڭ ئىنتايىن بىر پاك مۇھەببەت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە زوقلىنىمەن، ئاشىق يۈرىگىڭىز مەشۇغىڭىزنىڭ يۈرەك تارىنى چۇقۇم چىكىدۇ.ھەسىرەتلەنمەي ياخشى ئوقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.