مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 6

ئىش ھەققى ئاز بولسىمۇ ،ماھارىتىڭىزنى ئۆست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 01:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چياۋ يىن



    بىر خۇسۇسىي كارخانىچى ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى:
    ئۇنىڭ سىڭلىسى ئاۋسترالىيەگە چىقىپ ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئوقۇۋېتىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادىي بېسىمنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، تەجرىبە توپلاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىشقا پۇختا ئاساس سېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
    نۇرغۇن ئوقۇغۇچى رېستورانلاردا كۈنلۈك ئىشلەيدىكەن، بەزىلىرى ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىشى جاپالىق بولسىمۇ، كىرىمى يامان ئەمەس ئىكەن.

    ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ ئىشلىمەكچى بولۇپ، بۇ ئويىنى ئاكىسىغا ئېيتىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ سىڭلىسىغا: چوقۇم ئىشلىمەكچى بولسىڭىز، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە بېرىپ بېقىڭ، مائاش بەرمىسىمۇ، ئۆزىڭىز سەل ئىقتىسادچىل بولسىڭىزلا بولىدۇ. لېكىن تاماق توشۇيدىغان، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ، بۇ دېگىنىم، ئۇ ئىشلارنى پەس كۆرگەنلىكىم ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىشلارنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپىي ھاياتىڭىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى، دەپتۇ.
    كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى فىرانسىيەنىڭ بىر شىركىتىدىن سائەتلىك ئىش تېپىپتۇ. بۇ شىركەتتە ئىش ئالدىراش ۋاقتىدا، ئۇ كونۋېرتلارنى ئايرىپ، خەتلەرنى بۆلۈملەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، ئىش ھەققى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شۇ ساھەدىكى داڭلىق شىركەت ئىكەن.
    ئۇ يەنە سىڭلىسىغا كونۋېرتلارنى ئايرىغاندىمۇ ئەستايىل بولۇڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ كۆزىتىڭ، شىركەتنىڭ خىزمەت ئىستىلى ۋە كەسپىي ئىستىلىنى كۆپ ئۆگىنىڭ، بۆلۈملەرنى كۆزەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى بۆلۈمنىڭ خىزمىتىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز، دەپتۇ.
    ئۇنىڭ سىڭلىسى خىزمەتتە ئاكتىپ، ئەستايىدىل بولغانلىقتىن، ئۇزاق ئۆتمەي شىركەت ئۇنىڭغا مائاش قوشۇپ بېرىپتۇ، شۇنداقلا خىزمەت ئورنىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ.
    ئۇنىڭ سىڭلىسى باشقا بىر داڭلىق شىركەتتىمۇ سائەتلىك ئىشچى بولۇپ ئىشلەپ، بۇ يەردىمۇ قارشى ئېلىنىپتۇ.
    ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراپ يۈرگەندە، ئۇنىڭ سىڭلىسى قىلچە جىددىيلەشمەپتۇ، چۈنكى ئىككىلا داڭلىق شىركەت ئۇنىڭغا يامان ئەمەس خىزمەت ئورنى ئېلىپ قويغان بولۇپ، ئىككىلىسى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت ئىكەن. بۇ ئىككى شىركەت ئۇنىڭ شىركەتتە ئىشلىگىلى ئۇزاق بولغانلىقى، خىزمەتتە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، خىزمەت ئىستىلىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، خىزمەتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كونا خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش مائاش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

    كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى فىرانسىيەنىڭ شىركىتىنى تاللاپتۇ، ئۇ بىر قانچە يىلدىن كېيىن، شىركەتنىڭ جۇڭگودىكى باش ۋەكىلى سۈپىتىدە دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئېچىپتۇ.


مەنبە : http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_105182.htm

مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 01:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى ياخشى پىكىر بەرگىنى بىلەن گىپىنىڭ تىگىدە گەپ بار
ئۇمۇ بىر شىركەتنىڭ باشلىقى تۈۋەن مۇئاشلىق خىزمەتچىلەرنى ئىزدەۋەتقەن بولىشى مومكىن
لېكىن ھەممە خوجايىنلار قول ئاستىدىكىلەرگە ھەرۋاقىت ئەسكەرتىدىغىنى شۇ شىركەتنىڭ نىزامى ...

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 02:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ بىرىپتۇ،،،،،بەك توغرا بۇ پىكىر،مەن قوشۇلىمەن،جۇڭگودىكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۇرەەن بالىلارمۇ شۇنداق قىلىپ باقسا بۇلىدۇ...........مېنىڭچە ئۈنۈمى بۇلىدۇ.
ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە ! [s:79]  [s:79]  [s:79]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 1286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24489
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6820 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 02:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن [s:79]  [s:79]

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22111
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10093 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 06:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا تەكلىپ ئىكەن .بىلىم بىلەن تەجىربە، جۇرئەت بىرلەشكەندە غايەت زور كۇچ-قۇدرەتكە ئايلىندۇ

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13323
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 08:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچكە جان قايغۇسىدا قاسساپ مال قايغۇسىدا .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 1183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2372 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-3 10:41:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكىسى ياخشى تەكلىپ بىرىپتۇ،لېكىن ئۇنداق تەلەي ھەممە كىشىگە نىسىپ بولمايدۇ،دە

[ھازىر بىچارە ئوقۇتقۇچىلار بىلىمنى بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئەمەس بەلكى خاتىرە دەپتەر ۋە ئاخىپ خالتىللىرىنىڭ ئېچىگە يېزىۋاتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش