2010–يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەلىرى
كېنىيەدىكى پۇتبول مەيدانىدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدىكى ئېنيايۇ تەنتەربىيە مەيدانىدا 23–ئۆكتەبىر كەچ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان .
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ، شۇ كۈنى تەنتەربىيە مەيدانىدا كېنىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، مەيداندا تەخمىنەن 30 مىڭ پۇتبول مەستانىسى بار ئىكەن . پۇتبول مەستانىلىرى كېنىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى پۇتبول كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا تالاش–تارتىش قىلغاندا دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .
ھىندىستاندىكى دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، بومباي 14–يانۋار تېلېگراممىسى : ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 14–يانۋار ئېيتىشىچە ، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدە شۇ كۈنى سەھەردە دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقان كىشلەر كېمىگە چىقىۋاتقاندا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ ، 17 ئادەم يارىلانغان .
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، بومباي 3–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ھىندىستان ئاسىيا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى بىھار ئۆلكىسىدىكى بىر بۇتخانىدا 3–سېنتەبىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەم قازا قىلغان . 50 ئادەم يارىلانغان .
ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم بىھار ئۆلكىسىدىكى بىر بۇتخانىدا دۇئا تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز بىر قورقۇنچلىق پىتنە–ئىغۋا كىشلەر توپىغا تارقالغان ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشلەر ئالاقزادىلىكتە تەرەپ–تەرەپكە قاچقاندا ئۆز ئارا قىستىلىشىپ دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .
مالىدىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، داكار 26–فېۋرال تېلېگراممىسى : مالى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ 26–فېۋرال دەلىللىشىچە ، مالىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر مەسچىتتە 25–فېۋرال كەچ دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 15 ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇنلىغان ئادەم يارىلانغان .
ئىگىلىنىشچە ، دەسسىلىش ۋەقەسى مالىدىكى دىنىي مۇقەددەس شەھەر تومبۇكتۇدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتە يۈز بەرگەن بولۇپ ، شۇ چاغدا مىڭلىغان مۇسۇلمان ئاممىسى مەسچىتتە دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان ئىكەن . مۇراسىمغا قاتناشقان كىشلەر كۆپ بولغانلىقتىن ، بەزى ئادەملەر ئورۇن يۆتكەلمەكچى بولغاندا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان .
ئۇگاندادا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، كامپالا 27–مارت تېلېگراممىسى : ئۇگاندا ساقچى تەرەپنىڭ 27–مارت دەلىللىشىچە ، 26–مارت ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالانىڭ شەھەر سىرتىدىكى كاسۇبى خان قەبرىسىدە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، بىر ئادەم قازا قىلغان ، 146 ئادەم يارىلانغان .
16–مارت كەچ يۈز بەرگەن ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئوت ئاپىتىدە ئۇگاندادىكى بىردىنبىر دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنىڭ بىرى بولغان كاسۇبى خان قەبرىسىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشى ۋەيران بولغان . كاسۇبى خان قەبرىسى ئۇگاندادىكى تۆت چوڭ پادىشاھلارنىڭ بىرى بولغان بۇگاندا پادىشاھلىقىنىڭ خان ئوردىسى بولۇپ ، 1882–يىلى سېلىنغان، كېيىن خان جەمەتى قەبرىستانلىقى قىلىنىپ ، بۇگاندالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەس جايغا ئايلانغان .
ھىندىستان يېڭى دېھلىدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، يېڭى دېھلى 16–ماي تېلېگراممىسى : ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 16–ماي ئېيتىشىچە ، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا شۇ كۈنى دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان ، 15 ئادەم يارىلانغان .
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر يېڭى دېھلىدىن بىھار ئۆلكىسىگە بارىدىغان پويىزغا چىقماقچى بولغاندا ، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .
گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
24–ئىيۇل ، گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى دۇيسبۇرگ شەھىرىدە ، كارنىۋال بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان كىشلەر
خەۋەر قىلىنىشىچە ، گېرمانىيە زۇڭلىسى موكېر شۇ جاي ۋاقتى 26–ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان رۇر رايونىدىكى دۇيسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كارنىۋال بايرىمىنى تەبرىكلەش چوڭ نامايىشىدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ . ساقچى تەرەپ چوقۇم بۇ ۋەقەنىڭ تېگى–تەكىتىنى ئېنىقلىشى زۆرۈر .
گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىمقى دەسسىلىش ۋەقەسىدە 15 ئادەم قازا قىلغان ، 45 ئادەم يارىلانغان .
ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، بومباي 17–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 17–ئۆكتەبىر ئېيتىشىچە ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بىخار ئۆلكىسىدىكى بىر بۇتخانىدا ، 16–ئۆكتەبىر كەچ كىشلەر ناۋاراترا بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقاندا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان .
كامبودژادا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى
شىنخۇا تورى ، فنوم پېن 23–نويابىر تېلېگراممىسى : 22–نويابىر كەچ كامبودژانىڭ پايتەختى فنوم پېندىكى ئالماس ئارىلىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 339 ئادەم قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
ئەسلى مەنبە:
http://news.xinhuanet.com/world/2010-07/25/c_12370058.htm
تەرجىمە مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى