مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1062|ئىنكاس: 6

يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى ھازىر ئىستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ئۇلار مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى دۇردانىلەر سۈپىتىدە مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا ياشلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە توپلىغانلىرىمنى جامائەتچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم:
چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇساپىلەرنى ئۆلچەشتە‹‹ يىغاچ››، ‹‹تاش››، ‹‹پەرسەخ››، ‹‹چاقىرىم››، ‹‹يول›› قاتارلىق بىرلىكلەر قوللىنىلغان.
1. يىغاچ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر يىغاچ سەككىز كىلومېتىر(16يول) غا تەڭ. (‹‹بابۇرنامە›› 3 – بەت)
2. تاش. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلىنىڭ 1985 – يىلى 1 – سانىدا بىر تاش 8.5 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. قەدىمكى كىتابلاردا بىر تاش سەككىز چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم ياكى سەككىز رۇس مىلى كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
3. پەرسەخ. قەشقەرلىك ھامۇت ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى مۇھىددىن مەخدۇم مىرزا 18 – ئەسىرنىڭ يېرىمىنىڭ بېشىدا قەشقەردىن تۇرپانغىچە بولغان مۇساپىنى پەرسەخ بويىچە ئۆلچەپ، ھەر پەرسەخكە بىردىن تاش بەلگە قويغان. شۇڭا ئۇ كىشى ‹‹مىرزا پەرسەخ›› دەپ ئاتالغان.(‹‹تارىخى ئەمىنىيە›› 370 – بەت) شۇ چاغلاردا ھەر پەرسەخكە بىردىن كونۇس شەكىللىك تاش ئورنىتىلىپ، تاشقا مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ‹‹قەشقەرىيە›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئا. ن. كروپاتكىن كىتابىدا قەشقەر بىلەن كورلىنىڭ ئارىلىقىدا بۇنداق تاش بەلگىلەرنى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلغان. (‹‹شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى›› 54 – بەت)
4. پوتەي. يۇقىرىقىلاردىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇساپە ئۆلچەشتە ‹‹پوتەي››(تۇر) ئۆلچىمىمۇ قوللىنىلغان. ئەينى چاغدا ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلى مۇھىم يوللارنى بويلاپ نۇرغۇن تۇر(پوتەي)لەر ياسالغان بولۇپ، مۇساپە مۇشۇ تۇرلار بويىچىمۇ ھېسابلىناتتى. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە 453 كىلومېتىر(967 يول – چاقىرىم) بولۇپ، جەمئىي 166 تۇر (پوتەي) بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىلىقى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىككى تۇر ( پوتەي)نىڭ ئارىلىقى 2.73 چاقىرىم بولغان. ‹‹تارىخىي ئەمىنىيە››دە ئىككى تۇرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. (‹‹تارىخىي ئەمىنىيە›› 117 – بەت)
5. شەرئى. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر شەرئى ئۈچ كىلومېتىردىن ئۇزۇنراق.
6. چاقىرىم. ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندىنىڭ ئىلمىي كۆرسىتىشىچە، ‹‹چاقىرىم›› (‹‹ۋىرىستا››俄里 رۇس مىلى) بىلەن بىردەك بولۇپ، ‹‹ئۆزبېك ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن، رۇسچە كىتابلاردا بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر، يەنى 1500 قەدەمگە تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن؛ قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ‹‹قازاق ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.07 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى تۈزگەن ‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››نىڭ 2 – تومىدا ‹‹چاقىرىم مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر چاقىرىم ئادەتتە 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ›› دېيىلگەن (‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› 2 – توم 651 – بەت).
7. تاناب. بۇ يەر – كۆلەم ئۆلچەيدىغان بىرلىك بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانچىلىق بېجى ئېلىشتا بىر تاناب يەر بىرلىك قىلىناتتى. بىر تاناب 40 قەدەمگە توغرا كېلىدۇ، مېتىر ھېسابىدا بىر قەدەم 71.5 سانتىمېتىر بولىدۇ.
8. جارىپ. بۇمۇ كۆلەم ئۆلچىمى بولۇپ، بىر جارىپ 966 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.
9. يول. بۇ ئېلىمىزدە قەدىمدىن قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ ‹‹里›› بىلەن ئوخشاش. يەنى بىر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، قەدەم ھېسابىدا 700 قەدەمگە تەڭ.
10. نەيزە بويى. بۇ ئېگىزلىك ئۆلچىمى بولۇپ، بىر نەيزە بويى ئىككى مېتىرغا تەڭ.
11. قېرى. بۇ گەزلىمە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قېرى 64.04 71.12 سانتىمېتىرغا تەڭ. (‹‹تارىخىي رەشىدى›› 191 – ، 192 – بەتلەر)
12. گوڭ. ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى. بىر گوڭ 1.66 مېتىرغا تەڭ(‹‹تاشيول قاتنىشى تارىخى›› 207 – بەت).
13. پاتمان. بىر پاتمان 57.3 كىلوگرامغا تەڭ.
14. فوت. بىر فوت 0.3048 ياكى 30.48 سانتىمېتىرغا باراۋەر.
15. سارژىن. بىر سارژىننىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە فوت، يەنى 2.336 مېتىرغا تەڭ.
16. قاداق. بۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قاداق 0.4564 كىلوگرام بولىدۇ.
17. پۇت. بۇمۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت 16.3 كىلوگرامغا تەڭ.
18. چارەك. بىر چارەك ئادەتتە 24 قاداق بولىدۇ.

 بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://tarix.blogbus.com/logs/74245011.html

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىڭمۇ پايدىسى تېگىدۇ
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=39217

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 06:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1- ئېغىرلىق بىرلىكلىرىدىن: مىسقال، سەر، جىڭ، چارەك، ... ، يەكەندە 8 كىلو بىر چارەك بولىدۇ، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن خوشنا ناھىيىلەردە  10 كىلو بىرچارەك بولىدۇ، قەشقەرنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىمۇ يەنە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، غۇلجا تەرەپلەردە چارەك ئىشلىتىلمەستىن پۇت بىرلىكى ئىشلىتىلەرمىش، ئۇنىڭ ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن مۇناسىبىتى قانداق بىلمەيمەن.

2- ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىدىن: گەز، پوتەي، چاقىرىملار ئىشلىتىلگەن ئىكەن، بىرگەز ئادەتتە 70 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇققا تەڭ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، پوتەي، چاقىرىملارنى بىلمەيمەن.

3- تىزلىك سۈرئەت بىرلىكلىرىدىن، چەپەر، چاپسان، شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17453
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8092
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 08:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ھېيىتنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋېتىپتىمىز، يەنە بىر ھېيتقىچە كىملەر بار، كىملەر يوق ئاللاھقا ئامانەت، شۇڭا بىلگەنلەر كەتمەنلەنگىچە بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇپ كەتمەنلەنسەك، بىلمىگەنلەر بۇ يادىكارلىقنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرغۇچىلاردىن بولۇپ قالساق دېگەن ئۈمىت بىلەن، بۇ يازمىنى يوللاپ قالدىم.

يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا مىللىتىمىز قەشقەرلىق، خوتەنلىك، كۇچارلىق، ئەنجانلىق، سەمەرقەندلىك، بۇخارالىق، دېگەندەك تار يۇرتناملىرى بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئۆلچەم بىرلىكلىرىمىزمۇ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بىرلىكىدە بولماستىن، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولغان ئىكەن، بۇ بىرلىلەرنى قوللانغان بوۋىلىرىمىز، دادىلىرىمىز ئاللاقاچان ئالەمدىن ئۆتۈپ بولدى(بەلكىم ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر بەرگەن ئازساندىكى ئۆمۈر چولپانلىرىمىز ھېلىمۇ ھايات بولىشى مۇمكىن)، ئەمما بۇ بىرلىكلەرنى قوللانغانلاردىن بىۋاستە ئاڭلىغانلار ھېلىمۇ ھايات، بۇلارمۇ دۇنيادىن كەتسە بۇ ھەقتە بىزدە ھىچقانداق بىر بىلگۈ ئىزسىز يوقۇلۇپ كەتكىدەك، چۈنكى يازۇرمەنلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ قەلىمىدە بۇ ھەقتە ئۇچۇر كۆرمىدىم.

خوش گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى:

1- ئېغىرلىق بىرلىكلىرىدىن: مىسقال، سەر، جىڭ، چارەك، ... ، يەكەندە 8 كىلو بىر چارەك بولىدۇ، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن خوشنا ناھىيىلەردە  10 كىلو بىرچارەك بولىدۇ، قەشقەرنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىمۇ يەنە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، غۇلجا تەرەپلەردە چارەك ئىشلىتىلمەستىن پۇت بىرلىكى ئىشلىتىلەرمىش، ئۇنىڭ ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن مۇناسىبىتى قانداق بىلمەيمەن.

2- ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىدىن: گەز، پوتەي، چاقىرىملار ئىشلىتىلگەن ئىكەن، بىرگەز ئادەتتە 70 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇققا تەڭ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، پوتەي، چاقىرىملارنى بىلمەيمەن.

3- تىزلىك سۈرئەت بىرلىكلىرىدىن، چەپەر، چاپسان، شامال.

يۇقۇرىدىكىلەر مېنىڭ دادامدىن ياكى چوڭ دادام(بوۋام)دىن  ئاڭلاپ قالغانلىرىم، مۇشۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى دوستلاردىن كۈتۈدىغىنىم:  تورنىڭ ئەبزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ھەرخىل يەرلىك ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى بىرلىك بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى بىلگىنىمىز بويىچە مۇشۇ تېما ئاستىغا تۆكۈپ، ئاخىرىدا بۇنى بىر خۇلاسىلاپ، ئىزدىنىشنىڭ بىر بايلىقى سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە بىلدۈرگۈ قالدۇرساق دېگەن ئارزۇدا مەن، كونىلار دەپتۇلەركى: نۇرۇڭ بولسا زەررىچە، چاچقىن ئاخىرغىچە.


مەنبە :   ئىزدىنىش تورىدى

پۇتبۇل مۇنداقلا نەرسە ئەمەس ، ئۇنڭدا نۇرغۇن نەرسە بار ،  بىلسە !~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29930
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6232
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 02:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرت رومانىدا خو دەپ ناھايىتى كوپ يەردە چىقىدىكەن بىلىدىغانلار بولساڭلار تەلىم بەرسەڭلار بىلىۋالسام
يەنى بىر خو ئاشلىق، بىر خو يەر دىگەندەك

كۆڭۇل كۆڭىلدىن سۇ ئىچەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71006
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3174
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 11:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ بەك كۆپ ئۆلچەم بىرلىكلىرى بار ئىكەن، لېكىن ھازىرغا كەلگەندە  ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىشلىتىش ھەقىقەتەن بەك قىسقىراپ كېتىپتۇ. ھەم بار بولغانلىرىمۇ ئاساسەن خەنزۇتىلدىن ياكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلغانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش