ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت anwar0997 كە 2010-12-06 06:57 PMئەۋەتىلدى :
بۇ رەسىمگە تەپسىلى قاراڭ . ئوڭ تەرەپتىكى مۇنار بىلەن سول تەرەپتىكى مۇنار ئارلىقى نىمىشقا ئوخشاش چىقمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ بۇنىڭ تارىخى ۋەقەلىكىنى كىم تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيدۇ ؟
مۇشۇ مەسجىتنى سالغان ۋاقىتتا ئوڭ تەرەپتىكى مۇنارنىڭ يىنىدا بىر موماينىڭ ئۆيى بار ئىكەن، شۇ موماي كۆچكىلى ئۇنۇماپتۇ، مەسجىت سالىدىغانلار خىلى كۆپ پۇل بىرەيلى، دىسىمۇ ئۇنىماپتۇ، ئاخىرىدا مەسجىت سالىدىغانلار مومايغا: ئۆيلىرىنىڭ ھەممە يىرىگە تىللا قويايلا، قانچىلىك تىللا بىلەن ئۆيلىرىنى ياپالىساق، شۇ تىللانىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بولسۇن، دىسىمۇ ئۇنىمايدىكەن، ئەڭ ئاخىرى قازىنىڭ يىنىغا بارىدىكەن، قازى ئويلىنىپ بىقىپ: موماي قۇشۇلمىغان بوسا بوپتۇ، بىراۋنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ساۋابلىق ئىش قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق، دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەرەپتىكى مۇنارنىڭ ئورنىغا لايىق كىچىكرەك ياساپتۇ، موماي بولسا ئۆيىنى قوغداپ قاپتۇ.
بۇلارنى مەن ئەخەت تۇردىنىڭ يىڭى چىققان رومانى<<كونا كوچا>> دىن ئوقۇغان.