مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 5

سەكراتتا ياتقىنىمدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 08:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        

سەكراتتا ياتقىنىمدا

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
يېغلاپ ھەرگىز تۆكۈلمىسۇن يېشىڭلار .
پەريات ئۇرۇپ مۇسىبەتتە بىمەھەل ،
قايغۇ بىلەن ئىگىلمىسۇن بېشىڭلار .

ئەگەر مېنى رازى بولسۇن دېسەڭلار ،
ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار لەۋزىمنى .
ئىشىنىڭلار ھاياتىمدا بالىلىرىم ،
ئادا قىلدىم چىن ئىنسانلىق قەرزىمنى .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
خان تەڭرىگە قارىتىڭلار يۈزۇمنى .
ئانام كەبى بۇيۈك تاغقا ھۆرمەتتە ،
تىكىۋالاي ئاخىرقى رەت كۆزۇمنى .

ئاشۇ بولغاچ قانات چىقتى تېنىمگە ،
قۇۋۋەت ئالدى جىسمىم ئۇنىڭ جىسمىدىن .
تەلىم بەردى بۈركۇت كەبى ياشاشقا ،
ئۇلۇغلىقى نامايەندۇر ئىسىمدىن .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
ئاغزىمغا تۇرۇڭلار سۇ تېمىتىپ .
ئانا يۇرتنىڭ زۇمرەت سۈيى_شەربىتى ،
يۈرىكىمگە لەززەت بەرسۇن ئىللىتىپ.

ئەجەپ ئەمەس ئانا يۇرتنىڭ زەمزىمى ،
شىپا بولسا ۋۇجۇدۇمغا، دىلىمغا.
ھەر قەترىسى تومۇرلارغا قان بۇلۇپ ،
جان قوشىدۇ ھاياتىمغا، جېنىمغا .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
نالە قىلىپ ئولاشماڭلار قېشىمغا .
كۆرۈپ ياتاي ئانا يۇرتنىڭ ھۆسنىنى ،
قويۇپ بېرىڭلار ئېگىز تەكى بېشىمغا .

ۋەتەن مېھرى يۈرىكىمگە تۇتاشقان ،
ئۈزۇلمەيدۇ توختىغىچە نەپەستىن .
جىسمىم مۇشۇ پاك تۇپراقتىن جاي ئالار ،
كۆز يۇمۇلۇپ ئايرىلسا جان قەپەزدىن .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
قاراپ ياتاي چەكسىز يىراق ئۇپۇققا .
سەجدە قىلاي ئۇلۇغلاپ بۇ زېمىننى ،
ئىنتىلگەندەك پەرۋانىلەر يورۇققا .

قايسى ئىنسان يارالمىغان زېمىندىن ،
ئادەم ئاتا، ھاۋا ئانا ھەممىسى .
قايسى شۆھرەت تارالمىغان ئۇنىڭدىن ،
دېمەك زېمىن مەۋجۇتلىقنىڭ تەڭرىسى .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
پۇراپ ياتاي ئانا يۇرتنىڭ ھىدىنى .
ئابى ھاۋا بەرگەن ماڭا ئېزىز جان ،
ئايرىمىسۇن مەندىن ئۇنىڭ مېھرىنى .

نۇمۇس ماڭا جان ئۈزەردە زارلىنىش ،
ئەلگە تۆھپە قىلدىم نەۋرە ،چەۋرەمنى .
كېرەك ئەمەس ماڭا بۈيۈك ئابىدە ،
ھەشەمەتلىك ياسىماڭلار قەبرەمنى .

سەكراتتا ياتقىنىمدا بالىلىرىم ،
كەپتۇ دەڭلار دادىمىزنىڭ ئۇيقۇسى .
ئۆلسەم مېنى شۇ تۇپراققا كۆمۈڭلار ،
ئۇچۇپ تۇرسۇن شاماللاردا توپىسى .

ئاتاقلىق شائىر ھەسەن تېلىۋالدىنىڭ <ياشلىقىمنى بەرگىن قايتۇرۇپ >دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

                                                                           

                                           
                                           
                                            
                                              

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.
turk娃娃 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 10:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 10:53:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرنى ئۇقۇپ مەرھۇم  ئاتا- ئانام ئىسىمگە كىلىپ قالدى

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

دوستۇم ئالدىڭغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19947
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7020
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 11:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى بەك چوڭقۇرلقدىن مىنىڭ ئانا يۇرتۇمغا بولغان سىغنشىمنى كۇچەيتېۋەتتى

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 06:34:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىم  شېئردا ئېنىق قىلىپ .. سەكراتتا ياتقىنىمدا ..دەپ تۇرسا   ئۆلگەندە  قىبلىگە قاراتماتماسلىق توغرىمۇ دەپسىز ...بۇ  كوپلىت شېئرنىڭ قىسقىچە مەنىسىنى ەەپ بېرەي...
  بۇ كوپلىت شېئىردا قانداقتۇر ئۆلگەن ۋاقتىمدا يۇزۇمنى خان تەڭرىگە قارىتىڭلار ئەمەس ،ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە بولسىمۇ ئانا يۇرتىمدىكى مۇقەددەس تاغنى كۆرۇپ ياتاي دىگەنلىكتەك ئاپتورنىڭ ئانا يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مېھىر _مۇھەببىتى ئىلگىرى سۈرۇلگەن ..ئەمدى  ھازىر بىلمىدىم يېڭى قائىدە چىققان بولسا ئۆلمەي تۇرۇپ  سەكراتتىكى ۋاقتىدىلا  يۈزىنى قىبلىگە قارىتىپ قويامدۇ يا...

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.
turk娃娃 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 09:59:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش