[align=justify]مىليارد يىللاردىن بۇيان ئاسماندا تۇرۇپ، يەرشارىنى پۈتمەس-تۈگۈمەس يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بىلەن ھەققىسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتقان قۇياشنىڭ يېقىندا ئىگىسى چىقىپ قالدى. يېقىندا ئىسپانىيەلىك بىر ئايال ئۆزىنىڭ قۇياشنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلاردىن «قۇياش ئىشلىتىش ھەققى» ئالىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، چوڭ گەپ قىلغان بۇ ئايال 49 ياشلىق ئەنجىلىس. دۇلەن بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇياشنى ئۆز مۈلكىگە ئايلاندۇرغانلىغىنى ئېيتقان ھەمدە شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنى بەرگەن ھۆججەتنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئيېتىشىچە، قۇياشقا ئىگە بولۇش ـ ھەرگىز خام خىيال ئەمەسكەن. ئۇ بىر ئامېرىكىلىقتىن ئىلھام ئالغان. ئۇ ئامىرىكىلىق ئاي ۋە قۇياش سىستېمىسىدىكى زور كۆپ قىسىم پىلانىتانى رويخەتكە ئالدۇرىۋالغان. گەرچە ئالاقىدار خەلقئارالىق كىلىشىملەردە، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى جاكالاشقا بولمايدىغانلىغى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شەخىسلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، مۇناسىپ چەكلىمە قويۇلمىغان. شۇڭا دۇلەن بۇ يىل 9-ئايدا، شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، قۇياشنىڭ ئىگىسى بولىۋالغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلمايمەن، مەن بۇ جەھەتتىكى قانۇنلارنى ئاللا-قاچان تەپسىلى كۆرۈپ چىققان. ئەمەلىيەتتە باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قىلسا بولىۋېرەتتى، پەقەت مەن ئۇلاردىن بىر قەدەم چاققان چىققتىم خالاس.
دۇلەننىڭ بۇ «قۇياشنىڭ ئىگىسى» گۇۋاھلىق ھۆججىتىگە: ” دۇلەن قۇياشنىڭ ئىگىسى، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سپېكتىر تۈرى G2، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 149 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر “ دەپ يېزىلغان.
دۇلەن ھازىردىن باشلاپ، قۇياش نۇرى ئىشلىتىدىغان بارلىق كىشىدىن ھەق ئالىدىغانلىغىنى، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغانلىغىنى، %20نى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىسپانىيە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىغا بېرىدىغانلىقىنى، %10نى تەتقىقات راسخوتى قىلىدىغانلىغىنى، %10نى چىقىرىپ يەر شارىدىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىغىنى، ئەڭ ئاخىرىقى%10نى ئۆزى خىراجەت قىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ھازىرچە تېخى كونكرىت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ۋە بۇ ھەقنى قانداق يىغىۋېلىشنى بېكىتمىگەن.
ۋاھالەنكى، قۇياشنى ئىشلىتىش ھەققى يىغىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغان ئوخشايدۇ. ھازىر دۇلەن تېخى كىرىم قىلماي تۇرۇپلا، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى گور بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، دەرھال دۇلەننى سوتقا ئەرز قىلغان، گور دۇلەندىن قۇياشنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. گور 27-نويابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دىگەن: مەن ھازىر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ جاۋاپكار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمەن. دۇلەن قۇياش نۇرى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەق ئالىمەن ھەمدە كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىمەن، دەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئۇنداق ئاسانلا يانچۇقىغا سالالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر قىسىم تورداشلارمۇ سۆز قالدۇرۇپ، تېرىمىزنى ئاپتاپ زەخمىلەندۈرگەن، ھەتتا تېرە راكى بولۇپ قالغان، بۇنى كىمگە تۆلىتىشنى ئەمدى بىلىۋالدۇق، دېيىشتى.
---------
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى