بېيجىڭ شەھرى توڭشىيەن ناھىيىسى خۇوجېن بازىرى ماۋۇ كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا سۆھبەت بۇلۋاتاتتى . ئۆي ئىگىسى ۋۇيۈلۈ مۇخبىرنىڭ سورىغان سۇئالىغا تېرىككەن ھالدا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى :< ھەركۈنى ئوخشاش بولمىغان خەۋەر ۋاستىلىرى مىنى زىيارەت قىلغىلى كېلىدۇ . ئەڭ كۆپ بولغاندا بۇ ھويلىغا 10نەچچە جاينىڭ كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامىركىنىڭ ، ئەنگىلىيەنىڭ ، گوللاندىيەنىڭ ، گىرمانىيەنىڭ ..... سىز مىنىڭ قايسى ئەھۋالىمنى ئېگەللىمەكچى ؟ سىز تورغا چىقىپ بىرلا تەكشۈرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز ...>
ۋۇيۈلۈ مۇخبىرنى مېھمانخانا ئۆيگە باشلاپ كىردى . ئۆيدە ئىككى پارچە پاتنىت كىنىشكىسى ۋە نۇرغۇنلىغان شەرەپنامىلەر تۇراتتى ، ئۇ مۇخبىرغا <ئالدىراشلىقتا رەتلەپ قۇيۇشقا چولا تەگمىدى > دەپ غۇدۇڭىشىدى ۋە <17ياش چېغىمدا مەن بىرىنجى ماشنا ئادەمنى ياساپ چىقتىم ، ئۇنى "ۋۇ چوڭام " دەپ چاقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالدىم ، كىيىنكىلىرىنى بولسا "ۋۇ...." دەپ ئاتىدىم . ھازىر يېشى ئەڭ كىچىكى " ۋۇ 34 "
<ۋۇ چوڭام> نى ياسىغاندا ، ۋۇيۈلۈ ساپمۇساق بىريىل ۋاقىت سەرىپ قىلغانىدى ، ھەربىر ماشنا ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشى بار ، <ۋۇچوڭام > ھۆرمەت قەدەمدە ماڭالايدۇ ، < ۋۇ 3- > تاشنى يەنچىيەلەيدۇ ، <ۋۇ 5-> تاماكا تۇتاشتۇرالايدۇ ، چاي قۇيالايدۇ ، < ۋۇ7 -> بولسا ئالتە پۇتلۇق غەيرى مەخلۇق ، ئۇ مۇرەككەپ يوللاردا بىمالال ماڭالايدۇ ، < ۋۇ 8-> سەكرىيەلەيدۇ ، موللاق ئاتالايدۇ ، ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى بولسا < ۋۇ 25- > بۇلۇپ ، ئۇ ھارۋا سۆرەشنى بىلىپ قالماستىن ، يەنە كۇنۇپكىنى بىرلا باسسا < ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك ، مەن رېكشا سۆرىيەلەيدىغان ماشنا ئادەم ، ۋۇ يۈلۈ مىنىڭ دادام ، مەن ھازىر دادامنى سۆرەپ كوچا ئايلاندۇرغىلى ماڭدىم . رەھمەت .> دەيدۇ ، يەنە بىر كۇنۇپكىنى باسسا ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالدىغا ماڭىدۇ ...
ئۇ ھازىرغىچە جەمئى 35 خىل ماشنا ئادەم ياساپ چىقتى ، ئۇنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان ماشنا ئادىمى < ۋۇ 5- > 2002- يىلى مەملىكەتلىك دېھقانلار پەن-تېخنىكا يۇلتۇزى مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ 10000(ئون مىڭ) يۈەن بىلەن موكاپاتلاندى ، < دەرىجىدىن تاشقىرى ۋۇ 5- > 30نەچچە مىڭ يۈەنگە سېتىلدى ، يېقىندا يەنە سىچۈەنلىك بىر خوجايىن ئۇنى ئىزدەپ يۇقىرى قەۋەت بېنالارنىڭ ئەينىكىنى سۈرتىدىغان ماشنا ئادەمدىن بىرنى ياساپ بېرىشنى زاكاس قىلدى ....
ئۇنىڭ ياسىغان ماشنا ئادەملىرىنىڭ بىر قىسىمى :
خەۋەر مەنبەسى : تېڭشۈن خەۋەر تورى
ئادرىس :
http://news.qq.com/a/20090428/000545.htm?