مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nasrulla

WIN7دە كومپىيۇتىرغا مەخپىي نۇمۇر ئورنۇتۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 10:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگىچە قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا ئايرىشى دىتالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن،

__________________________________________
يېڭىدىن خاتىرە كومپيۇتېر ياكى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سېتىۋالغىنىمىزدا، كۆپىنچە قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىلىپ تەييار سېستىما قاچىلاپ بېرىلىدۇ، Windows 7 ۋە Vista غا ئوخشاش سېستىمىلارنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قاچىلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن C رايوننىڭ سىغىمىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، ئېھتىياجىمىزدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمىز، بۇ چاغدا قاتتىق دېسكىنى قايتا رايونغا ئايرىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بىراق بۇ سەۋەپلىك قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ماتېرىياللارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ قويۇشقا ياكى ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، ناۋادا قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتماي تۇرۇپ، خالىغان بىر رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىغان بىر دانە يۇمشاق دېتال بولغان بولسا، ھەقىقەتەن ئۇسسىغان يەرگە بارغان بولاتتىدە؟

EASEUS Partition Master نى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىمىز؟
Windows 7 نىڭ MSDN ھەقىقى نەشىرىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغاندىن بېرى، نۇرغۇن تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە ناھايىتى ياقتۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، بىراق كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن C رايوننىڭ ئۆزىدىنلا 8GB تىن ئارتۇقراق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بىر قىسىم ئىلگىرى Windows XP ئىشلىتىۋاتقان ۋە C رايوننى كىچىك بۆلۈپ ئىشلىتىۋاتقان دوستلار Windows 7 گە كۆچكەندىن كېيىن، باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلىنىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، C رايونىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ھەتتا C رايونغا باشقا نەرسە قاچىلاشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. EASEUS Partition Master بولسا دەل مۇشۇنداق چاغدا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، قاتتىق دېسكىنىڭ باشقا رايونىدىكى ئارتۇقچە رايوننى بۆلۈپ C رايونغا قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى Windows مەشغۇلات سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.



بۇ خىلدىكى قوراللار ئەلۋەتتە بار، بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم مۇشۇ تۈردىكى ھەقسىز يۇمشاق دېتال EASEUS Partition Master بولۇپ، ھەقسىز، XP/Vista/Win7 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، قاتتىق دېسكىدىكى رايونلارنى يۆتكەش، سىغىمىنى ئۆزگەرتىش، يوشۇرۇش، فورماتلاش، ئۆچۈرۈش ۋە يېڭىدىن رايون قۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىش يۇمشاق دېتاللىرى قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىزمەت قىلىدۇ، EASEUS Partition Master بولسا ئۇنداق ئەمەس، بىۋاستە Windows 2000, XP, Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىدا تۇرۇپلا قاتتىق دېسكىغا نىسبەتەن زەخمىسىز ھالەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىزگە ئەڭ نان تېگىدىغان يېرىنىڭ بىرى.

EASEUS Partition Master نىڭ نۆۋەتتە تېخى خەنچىلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى يوق بولۇپ، خەنچە يۇمشاق دېتاللارنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان تورداشلار ئۈچۈن سەل قىيىنغا توختىشى مۇمكىن، بىراق كەمىنە نەسرۇللانىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، زۆرۈر مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى نەچچە كۇنۇپكا بىلەنلا پۈتىدىغان بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، شۇڭا بەك كۆپ تەسكە توختاپ كېتىشىمۇ ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار باشقا تىلغا ئۆرۈلۈش جەريانىدا، ئەسلى ئىقتىدارلىرى زىيان-زەخمىگە ئۇچرايدىغان، مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، ناۋادا شۇ سەۋەپتىن ئۇچۇرلىرىمىزغا زەخمە يېتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز، شۇڭا كۆپچىلىككە يەنىلا ئەسلى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش