سىمفونىيە سىزنى بىر تەستەك سالغۇم كەلدى
سىمفونىيە كەچۈرۈڭ تورداش!سىزنى بىر تەستەك سالغۇم كەلدى.
شۇنداق بئارامچىلىق قاپلىدى يۇقارقى دۆتلەرچە يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ؟
دۇنيادا مۇھەببەتتىن باشقا نەرسە يوقمۇ سىز ئۈچۈن؟
سىز بىلەن توي قىلغان يىگىت سىز ئۈچۈن ئاچچىق چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقما؟شۇ يىگىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،سىزدىن يىرگەندىم!
ئۆزىڭىزنىڭ سۆيگۈنى سىزنى باشقا ئادەم بىلەن توي قىلىۋالغۇدەك دەرىجىدە رەنجىتكەن تۇرسا يەنە شۇنىڭدىن ئۈمۈت ئۈزمىدىڭىزما؟
ئۆزىڭىزچە ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ تىگەي دىگەنمۇ يىگىتىڭىزگە؟
مەن ئوغۇل بالا بولسام سىزنى نەچچە دۆۋە بايلىق بىلەن بەرسىمۇ كۆز قىرىمنى سالمايمەن،سىزدە ۋاپا يوق،سىزدە مەسۇلىيەت يوق!سىز بەك شەخسىيەتچى!
ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام ياكى كەڭ قورساقلىق بىلەن يىگىتىمىنى كەچۈرۈپ توي قىلغان بولاتتىم!
ئەگەر كەچۈرەلمىسەم توي قىلغان يىگىتىم بىلەن ئۆمۈرلۈك ئەر خوتۇن بولۇش يولىنى تۇتاتتىم.
دۇنيادا ئارىسىدە مۇھەببەت يوق ئەر -ئايال يوقما؟
بار !
كۈرمىڭ!
ئۇلار پەقەت مەسۇلىيەتنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلىپ،ئىمانى بىلەن مىھرى مۇھەببەت بىلەن شۈكرى قانائەت ئىچىدە بۇ دۇنيادىن تىنىچ ياشاپ كۆز يۇمۇدۇ!
ئاران 22 ياشقا كىردىم دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىپ ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ!يىگىتڭىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ ،مۇۋاپىق بىرسىنى تىپىپ توي قىلىڭ!
يىگىتىڭىز سىنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولسا ئىدى،ئۇ سەۋەپلىك توي قىلىپ،ئۇ سەۋەپلىك ئاجراشقىنىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ سىز بىلەن توي قىلغان بولاتتى!
ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمەن دەپسىز،يەنە چەكسىز پۇشايمان ئىچىدە قاپسىز،ئىنىقكى ئۇ سىزنىڭ توي قىلغىنىڭىزنى كەچۈرەلمىگەن گەپ.سىز بىلەن توي قىلىشقۇ مومكىن ئەمەستەكلا؟
مىنىڭ بىر خوشنام بار ئىدى،ئۇ قىز سىزدىن سەل چوڭراق،ئۇ قىزمۇ دەسلەپ بىرسى بىلەن توي قىلىپ ئاجرىشىپ بۇرۇنقى سۆيگۈنى بىلەن توي قىلغان.
دەسلەپ سۆيگۈنى بەك نامرات بولغاچقا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى توي قىلىشقا قوشۇلمىغان،باشقا ئادەم بىلەن توي قىلىپ سىزدەك يىگىتدىن ئۈمۈدىنى ئۈزەلمىگەن بولغاچقا،چوكان قىزىنى نامرات يىگىت بىلەن توي قىلشقا ئاندىن قوشۇلغان چۇ ئاتا-ئانىسى.
ئۇلار شۇنداق ماسلاشقان،يىگىت شۇنداق قاملاشقان،قىز شۇنداق چىرايلىق،ئوماق بىر قىزى بار....
لىكىن نەچچە قىتىم قاتتىق شاپىلاق سالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم...دائىم قىزنىڭ يۈز كۆزى كۆك!
دىمەك يىگىت مۇھەببەتنى دەپ توي قىلغان بىلەن،قىزنى چوكان ئالغانلىغى ئۈچۈن ئازاپ چىكىۋاتقان گەپ!
مەنمۇ تاياق تەپ باققان.....
تەستەك خىلى كەڭىرچىلىك بىزنىڭ يىگىتتە...
ئاچچىغىم بەك يامان بولغاچقا ......
لىكىن ئەزەلدىن يۈزۈمنىڭ كۆكەرگىنىنى ئۇقمايمەن.
مۇھەببەت بىلەن ئۇرغان دا ئاغرىمايدۇ،ئۇرغان يەر كۆكۈرۈپ قالمايدۇ،ئاچچىق بىلەن ئۇرغاندا ئەشۇنداق كۆكۈرۈپ قالىدىغان گەپ!
يىگىتكە تاپشۇرىدىغان ئامانەتنى باشقا ئادەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپسىز!مەنچە دۇنيادا ئۇنداق كەڭ قورساق ئەر يوقتۇ؟
شۇڭا ئۆزىڭىزنى بىلىپ مۇۋاپىق ئادەم بىلەن توي قىلىپ....بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەيسىز.
2010.12.20