مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوت

كېرىيە دەريا بويىدىكى يەر ناملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 06:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن چىرايلىق يەر جاي ناملىرى بۇ؟ ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنداق ساپ ئۇيغۇرچە يەر جاي ناملىرى ناھايىتى ئاز ئشلىتىلدۇ. مەسلەن :ئۈرۈمچىدە.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئىنساپ تىلەيمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2382
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7165
تۆھپە نۇمۇرى: 728
توردا: 1845 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2010-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت kokyal كە 2010-12-29 05:08 PMئەۋەتىلدى :
مەن تەشكىللەيمىكى ساياھەت ئۆمىكىنى ، بىر ئايدىن كېيىن بارىدىغانلار بارمۇ؟  [s:163]

غوجام سوغۇقتا توڭلاپ قالامىز.........
6-7-8-9ئەڭ پەيزى ۋاقىتتۇ؟
ھازىر دەريا بويىدىكى يۇلغۇن تايىغىغا لاي چاپلاپ قوپۇرغان تاملاردىن سوغۇق كۆرمىدىم دەپلا ئۆتۈپ كىتە؟
يازدا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلۈپ كىلەمىز.ھى...........ھى......

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  Tomoquk كە 2010-12-29 04:57 PMئەۋەتىلدى  :
مەنمۇ شۇ توغۇرلۇق كىتاپنى ئوقىغاندىن كىيىن ،يۈرىگىمگە ئوت چۈشكەن........
بەك بەك بارغۇم بار.....
ساياھەت ئۆمىگى بارمىكىنا شۇ ياققا؟
ئۆزىمىز بىرىپ بولالمايمىز ھەقاچان [s:143]
كىلىڭە تۇمۇچۇق ئۇزۇملا باشلاپ بارىمەن سىزنى .... ۋوي راست مەنمۇ بېرىپ باقمىغانتىم .ئۇنىڭغىچە بېرىپ تىزراق يۇلىنى بىلىۋالاييا....

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

دوستۇم ئالدىڭغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19947
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7020
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:07:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر بارمسان خەپ، لىكىن مىنى مىسرانمدىكى تورداشلاردىن قايسسىڭلار  باشلاپ بارسىلەر ؟   [s:127]  [s:127]  [s:127]

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت  kmran كە 2010-12-29 10:07 PMئەۋەتىلدى  :
مەنمۇ بىر بارمسان خەپ، لىكىن مىنى مىسرانمدىكى تورداشلاردىن قايسسىڭلار  باشلاپ بارسىلەر ؟   [s:127]  [s:127]  [s:127]
ئەلبەتتە مەندە، يەنە كىم بۇلاتتى ؟؟؟؟   ھى ھى ھى ھى

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 05:56:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

  


كىچىك تەلپەك كىچىك تەلپەك ئەسلىدە كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلەتتى. يەنى كۇچا قويىنىڭ بىر – ئىككى كۈنلۈك بولغان قوزىسىنىڭ ئەڭ نېپىز، مۇيلىرى ئەڭ گۈلدار بولغان ئاشلانغان كۆرپىسى كىچىك تەكپەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىناتتى(بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خىلدىكى كۆرپىلەر يېتىشمەسلىكتىن، سۈنئىي توقۇلغان كۆرپىلەر ماتېرىيال قىلىنىپ تىكىلىدىغان بولدى).
تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تىرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنە مىخ بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ. ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ. كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ. كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق. كۈمۈش رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ. جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.

  



  

پەرىجە پەرىجە گۈللۈك ۋە سىدام تاۋار ( يىپەك) رەختلەردىن تىكىلىدىغان تاشقى كىيىم. بۇرۇن باپكارلار چاق بىلەن ئىگىرىگەن يىپتا توقۇغان يەرلىك چەكمەن (بوز چەكمەن) ۋە مەجنۇن چەكمەنلەر قارا رەڭدە بۇياپ تىكىلەتتى. پەرىجە ئادەتتە ئويما تىكىلىدۇ. پەش، ياقا، ئاياغلىرىغا ھەم يەڭ ئۇچىغا ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە چاچرەڭ پەرداز تۇتۇلىدۇ. پەرىجىگە تۈگمە، بەلۋاغ ئورنىتىلمايدۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ سول كۆكرەك قىسىمىغا يەتتىدىن 14 ياكى توققۇزدىن 18 تارغاقلىق ئۆرنەك چۈشۈرۈلىدۇ. تارغاق يېرىم ئاي شەكىلدە بولۇپ، رەڭگى پەرداز رەڭگىگە باپ چاچرەڭ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول كۆكرەككە تىكىلگەن تارغاقلار بىر – بىرىگە ئۇدۇل بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تارغاقلار سانىنىڭ يەتتە ۋە توققۇردىن بولۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<يەتتە>> ۋە <<توققۇز>> نى خاسىيەتلىك سان، دەپ قارىشىدىن، ئۇنىڭ شەكىلىنىڭ يېرىم ئايغا ئوخشىشى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆككە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
پەرىجىنى ئادەتتە ھازىدار بولغان ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىزلاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ھەممىسى كىيىدۇ. يېڭىدىن قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ توي كۈنى بىر – بىرىگە پەرىجە سوۋغا قىلىشىدۇ. ئاي گۈللۈك خاڭدەندە تىكىلگىنى پەرىجىنىڭ ئەڭ ياخىشسى ھېسابلىنىدۇ. بېشىغا كىچىك ياغلىق ئارتىپ ياكى دوپپا كىيىپ، ئۇزۇن پايپاق كىيىپ پەرىجە كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى چوكانلار بولسۇن ياكى ياشانغان ئاياللار بولسۇن پەرىجىسىنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ كىچىك تەلپەك كىيىشى، شىم كىيىشى كېرەك.

  


كېرىيە كىچىك تەلپىكى ۋە پەرىجىسىنىڭ ھازىرغىچە كىيىلىشى كېرىينىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئاق ياغلىق ئاق ياغلىق ئادەتتە ئاق داكا، نىلۇڭ داكا، ئاق گىرىپ ۋە گۈلسىز ئاق يېپەك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، چۆرىسى تىكىپ پۈكۈلمەيدۇ. ئاق ياغلىق گۈلسىز ئاق ياغلىق، گۈللۈك ئاق ياغلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. گۈلسىز ئاق ياغلىقنى كېرىيە خوتۇن – قىزلىرى ئۆلۈم – يېتىملاردا ئارتىدۇ. ھازا ئىگىسى قولۇم – قوشىنلىرىغا ئارتىپ قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مۇشۇ خىل ياغلىقنى ئارتىپ يۈرىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنىڭ تىكىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ساپ يېپەكتىن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار توي – تۆكۈن، ھېيت – ئايەملەردە ئارتىدۇ. ياز پەسىلىدە ئۈستىگە مارجان دوپپىسىنى كىيىپ ئارتسا، قىش پەسىلىدە قاما تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كىچىك تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىق، گۈلسىز ئاق ياغلىق ئاياللارنىڭ چاچلىرى، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ ۋە قۇرغاق ھاۋادىن ساقلايدۇ.
جۇۋانچە كۆڭلەك جۇۋانچە كۆڭلەك (ئىزمىلىك كۆڭلەك) قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردىن باشقا ھەر قانداق رەڭدىكى سىدام رەختلەردىن تىكىلىدۇ. پاسونى تۈز شەكىلدە بولۇپ، قولتۇق قىسمى كەڭرەك بولىدۇ. كۆڭلەكنىڭ مەيدە قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاك ئېچىلىپ، ئىككى تەرىپى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىگەررەڭ مەشۇت يىپ بىلەن چىرايلىق قىلىپ نەقىشلىنىدۇ. ئوڭ مەيدە تەرەپ قىسىمىغا پورەڭ يېپەك يىپتا توقۇلغان كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە دانە تارغاق ئورنىتىلىدۇ. بىر قارىماققا شەكىل جەھەتتە پەرىجىنىڭ تاقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئىككى بالىلىق بولغان، يېشى 30 دىن ھالقىغان، يەنى جۇۋانلىققا قەدەم قويغان ئاياللار، ياشانغان ئاياللار كىيىدۇ.
  



ئەرلەر تەلپىكى كېرىيىدە ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ئىچىدە شاپاق دوپپا (بۆك)، چىمەن دوپپا، بادام دوپپىدىن باشقا، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى سالۋا تەلپەكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوز تەلپەك، قارا كۆرپە تەلپەك، قاما تەلپەك، تۈلكە تەلپەك ۋە سەللە تەلپەكمۇ كىيىلىدۇ. ياش ئەرلەر كۆپرەك قاسقىنى چوڭ، كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كىيىدۇ. توي _ تۆكۈن ۋە يىگىتلەر ئولتۇرۇشلىرىدا سالۋا تەلپەك چوقۇم كىلىيىدۇ. ئۇ يىگىتلىك سالاپىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.
ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى) دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ، تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

يۇقىرى كىيىملەر كېرىينىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، باشقا رايوندىكى ئۇۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك يەرلىك پوراققا ئىگە. كېرىيىلىكلەر توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ۋە باشقا ھەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ھازىرمۇ شۇ كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ، بىر – بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ. كېرىيىلىكلەرنىڭ بۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گۈلدىيار توردىن

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئىنساپ تىلەيمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2382
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7165
تۆھپە نۇمۇرى: 728
توردا: 1845 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2010-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 10:36:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت kuzum كە 2010-12-29 09:23 PMئەۋەتىلدى :

كىلىڭە تۇمۇچۇق ئۇزۇملا باشلاپ بارىمەن سىزنى .... ۋوي راست مەنمۇ بېرىپ باقمىغانتىم .ئۇنىڭغىچە بېرىپ تىزراق يۇلىنى بىلىۋالاييا....

ئىككىمىز بارسا ق قورقۇپ قالامىز قۇملۇقتا....مىسرانىمدىن نەچچە يىگىتنى بىللە ئەۋالايلى ھەمرالىققا ھى......ھى........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش