سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
يېقىنقى ۋىكىلىكس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش ۋەقەسىدە، زور بىر تۈركۈم ئامېرىكا دېپلوماتىيە ھۆججەتلىرى كەينى-كەينىدىن ئاشكارلىنىپ، چوڭ خەلقئارالىق خەۋەرگە ئايلىنىپ قالدى. گەرچە كۆپ قىسىم ھۆججەتلەر كۈتۈلمىگەن « مەخپىي ئاخبارات » لار بولمىسىمۇ، بۇ تەرەققىيات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خېلى ئوڭايسىزلاندۇردى، ھەتتا غەزەپلەندۈردى.
ياۋروپا ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ۋىكىلىكس تورى ئاشكارلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ قاتتىق قامال قىلغان، جۇڭگو قۇرۇقلىقىدىن سىرت، سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرى، شىئە مەزھىپىدىكى ئىران ھۆكۈمىتى گەرچە ئاشكارلانغان ھۆججەتلەرگە سۇس ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئېغىر دېپلوماتىيە بېسىمى ھېس قىلدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللار ۋىكىلىكس تورىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارلىشى ھازىرغا قەدەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق زەربىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى، ھەتتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ بەردى، بولۇپمۇ بىردىنبىر پۈتۈنلەي شىئە مۇسۇلمانلىرى باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان دۆلىتى ئىران سۈننىي مەزھىپى « بىرلىك فرونتى » نىڭ بايقۇت قىلىشى ۋە قورشاۋىغا دۇچ كەلدى.
بۇ نەتىجە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭمۇ بۇ قېتىم ۋىكىلىكس مەخپىيەتلىك ئاشكارلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي مۇددىئا ۋە كۈشكەرتكۈچىنى قىياس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋىكىلىكس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش گۇرۇپپىسى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئېنىقكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىش ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى، « پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول » غا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك يول قەدىمقى لاتىن تىلىدىكى قەسەم « بۇنىڭلىق بىلەن كىم پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ؟ ». بۇ پىرىنسىپتىن چىقىش قىلىپ، نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيە ۋىكىلىكس مەخپىيەتلىك ئاشكارلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى قارا قول دەپ قارايدۇ.
چۈنكى ئىراننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتتۇرۇۋەتكۈچى: ئاشكارلانغان ھۆججەتلەر ئالدى بىلەن ئامېرىكا مۇتەئەسىپلىرى ۋە يەھۇدىيلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىش سادالىرىغا مەدەت بەردى، ھەتتا « نيورك ۋاقىت گېزىتى »مۇ « ئاسانج يېڭى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قورالىمۇ؟ » ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى.بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىران ۋە ئاساسلىق سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قارشىلىشىشى ۋە ئازارلىشىشىنى گەۋدىلەندۈردى، ھەتتا بەزىلەر ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى بېسىپ كەتتى دەپ قارىدى. بۇ ئىككى نۇقتىدا، ئىسرائىلىيە تەبىئىيلا ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بولۇپ قالدى.
سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ چوڭقۇر زىددىيىتى
بۇ تەھلىللەرنىڭ زادى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئىسرائىلىيە نۆۋەتتە ئىراننى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەھدىد دەپ قارايدۇ، بارلىق ۋاستىلەرنىڭ قوللىنىپ قارشى تۇرماقچى ۋە زەربە بەرمەكچى بولىشى تالاش-تارتىش قىلىش ھاجەتسىز ھەقىقەت. ئىراننىڭ يادرو پىلانى كومپيۇتېر ۋىروسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش، ئاساسلىق يادرو ئىلمى ئالىملىرى ئارقا-ئارقىدىن قەستكە ئۇچراش، ئىچكى تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئېنىقكى ئىسرائىلىيە، بولۇپمۇ يەر شارىغا داڭلىق ئاخبارات ئورگىنى موسادنىڭ سايىسى بار.
ئەمما بۇ قېتىمقى ۋىكىلىكس تورى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش ۋەقەسىدىن پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىچكى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى، سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىۋى دائىرىسى ۋە بۇنىڭدا ئوينىغان رولىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇق. مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارلاشتا خەلقئارانىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ۋە بەھرەيىن پادىشاھى خاماد قاتارلىق رەھبەرلەر بولدى، ئۇلار شەخسەن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەركەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان، ئىراننىڭ يادرو قانات-قۇيرۇقى يېتىلىشىدىن ئىلگىرى، « يىلاننىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاش » ىنى تەلەپ قىلغان. يۈزەكى قارىغاندا، بۇ سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ مىڭ يىللىق مەزھەپ ماجراسىنىڭ داۋامى؛ ئەمما ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، باشقا ئىككى قاتلامنىڭ توقۇنىشىنى بايقايمىز.
بىرىنچىسى، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى زىددىيەت. يۇقىرىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئامېرىكىدىن ئىرانغا زەربە بېرىشىنى شەخسەن تەلىپىنى بىلدۈرۈپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچكى قىسىمىدىكى خەلق رايى بىلەن ھۆكۈمدارلار ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئارىلىقنى ئەمەلىي گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. خۇددى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئالىمى نوئام كومسكي(Noam Chomsky) كۆرسەتكىنىدەك، نەچچە ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا برۇكىڭس تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان ئەرەب خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، %80 ئەرەب ئاممىسى ئىسرائىلىيەنى ئاساسلىق تەھدىد دەپ قارايدىكەن، %77 ئەرەب ئاممىسى ئامېرىكىنى ئاساسلىق تەھدىد دەپ قارايدىكەن، پەقەت %10 ئامما ئىراننى ئاساسلىق تەھدىد دەپ قارايدىكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇستەبىت ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىرانغا بولغان دۈشمەنلىكى ئاساسلىقى يېقىنقى زاماندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەركىتىدىن پەيدا بولغان، ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش دولقۇنىنىڭ تەركىبىي قىسىمى، سۈننىي مەزھىپىدىكى ماخاد تەشكىلاتى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى تىپىك مىسال بولالايدۇ.
ئىككىنچىسى، نېفىت ۋە ئېنىرگىيە مەنپەئەتى زىددىيىتى. مەن نەچچە قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتكەن: نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان پارس قولتۇقى ھەقىقەتەن « شىئە قولتۇقى » غا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاساسلىق نېفىتلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىئە مەزھىپى رايونلىرىغا جايلاشقان. ئىراندىن سىرت، ئىراقنىڭ ئاساسلىق نېفىتلىكى جەنۇبىدىكى شىئە مەزھىپى رايونىدا، ئوتتۇرا قىسىمدىكى سۈننىيلەر رايونىدا نېفىت يوق دېيەرلىك. ۋاشىڭتوندىن ئىرانغا زەربە بېرىشىنى شەخسەن تەلەپ قىلغان بەھرەيىن پادىشاھى ماخادنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەلقتە شىئە مەزھىپىدىكىلەر %60 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، ئاساسلىق نېفىتلىكلەر شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە جايلاشقان، دەل شىئە مەزھىپىدىكىلەر مەركەزلەشكەن رايون، بولۇپمۇ ئاخسا رايونىدا نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللىگەن. شۇڭا مۇبادا ئىران پارس قولتۇقىدىكى « رايونلۇق زومىگەر » ھوقوقىنى تىكلىۋالسا، شىئە مەزھىپىدىكىلەر مەزكۇر رايوندىكى كۆپ قىسىم نېفىت بايلىقىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە بەھرەيىن سۈننىي مۇستەبىت رەھبەرلىرى شىئە مەزھىپىدىكى ئىران ھۆكۈمىتىدىن ۋەھىمە يېيىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ۋاشىڭتون ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇستەبىت رەھبەرلەر بىلەن زور دەرىجىدە ئورتاق مەنپەئەتى بار، بولۇپمۇ كاسپى دېڭىزىدىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەت ئەزەربەيجان ئىراننىڭ تارىخىي زېمىنى، %90 نوپوسى شىئە مەزھىپىگە تەۋە.
يۇقىرى ئەھۋاللاردىن سىرت، بىزمۇ سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ مىڭ يىللىق مەزھەپ توقۇنىشىنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلىساق بولمايدۇ. ئەمما بۇ قاتلامدا، شىئە مەزھىپىگە بولغان قارشىلىق ئەڭ ئۆتكۈر، دەل بېن لادىن رەھبەرلىكىدىكى بازا تەشكىلاتى ھەمدە ئافغانىستان-پاكىستان تالىبان تەشكىلاتى سۈننىي مەزھىپى ئەسلىيەتچىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ رادىكال تەشكىلاتلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى يۆلىگەن ۋاھابى مەزھىپى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان مۇناسىۋىتى بار. بۇ قېتىم ئاشكارلانغان مەخپىي ھۆججەت: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام تېرورلۇق تەسكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇڭا ۋاشىڭتون بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر « ئىتتىپاقى » قول تۇتۇشۇپ شىئە مەزھىپىدىكى ئىرانغا تاقابىل تۇرۇشى، باشتىن كەلگەندە ئەينى يىللاردىكى ئافغانىستان غازاتچىلىرىنى يۆلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا زەربە بېرىپ، بېن لادىننىڭ بازا تەشكىلاتىنى تەربىيلەپ چىقىشتەك ئويۇنىنىڭ قايتا ئوينىلىشىدىن ساقلىنىش تەس.
مەنبە: ئوكيان تورى، نەپرەت تەرجىمىسى
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=903