مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2530|ئىنكاس: 40

بىر چىنە چۆچۈرە  ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4362
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8585
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1062 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 12:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىر كۈنى « ئاق بولۇت » مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزىملىكىنى خۇتۇنىغا سۇنۇپ نېمىنى خالىسا شۇنى بۇيرۇشنى ئېيىتتى. خۇتۇنى بولسا تاماق تىزىملىكىگە قاراپمۇ قويماي، مۇلازىمەتچىگە ئۆزلىرىگە بىر چىنە چۆچۈرە بولسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مۇلازىمەتچى قىز ھەيرانلىق بىلەن بۇ ئايالغا قاراپ « مۇشۇنداق كاتتا مېھمانخانىغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ، چۆچۈرە ئىچكەن نەدە بار. ھازىر ئادەتتىكى مېھمانخانىغا چۈشكەنلەرمۇ چۆچۈرە ئىچمەيدۇ، بولار قارىغاندا تازا بىر پىخسىق ئادەملەر ئىكەن » دېگەنلەرنى ئويلىدى - دە، ئايالغا، بۇ مېھمانخانىدا چۆچۈرە يوقلىقىنى ئېيىتتى، ئەمما بۇ ئايال مۇلازىمەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك گېپىنى يەنە تەكرارلىدى. بۇ ۋاقتتا ئېرى ئاچچىقلانغان ھالدا : « نېمىشقا چۆچۈرە ئىچكىدەكمىز، بىزدە پۇل يوقمىكەن ؟ » دېدى خۇتۇنىغا قاراپ .خۇتۇنى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ : « ياق، بىزدە پۇل بار، ئەمما مېنىڭ چۆچۈرە ئىچكىنىم ئىچكەن ! » دېدى جاھىللىق بىلەن. ئېرى ئامالسىز مۇلازىمەتچى قىزغا قاراپ ئۆزلىرىگە ئىككى چىنە چۆچۈرە ئەكىرىپ بېرىشىنى ئېيىتتى. خۇتۇنى يەنە ئېرىنىڭ گېپىنى تولۇقلاپ: « ياق، بىزگە بىر چىنە چۆچۈرە بولسىلا بولىدۇ ! » دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئېرى ئاچچىقلانغان ھالدا : « بىز بىر چىنە چۆچۈرىگە قانداق تويىمىز ؟ ساراڭمۇ سەن ؟ » دېدى. خۇتۇنى ئېرىنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىغا قاراپ : « سىز ساھايەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا يولبويى مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاشقا ۋەدە بەرگەن، ئۈمىدىم، گىپىڭىزدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ قايتىپ بارغاندىن كىيىن لەۋزىمدە تۇرىمەن » خۇتۇنى كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالدا شۇنداق دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئېرى گەپ قىلماي ئۇلتۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇلازىمەتچى بولسا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئەرنىڭ خۇتۇنىغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگىنىنى، مۇشۇنداق كاتتا مېھمانخانىغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ ئىككى ئادەم بىر چىنە چۆچۈرە ئىچمەكچى بولغىنىنى تاماشا قىلغاچ ئايالغا قاراپ : « كەچۈرۈڭ خانىم، بىرنىڭ بۇ يەردە چۆچۈرە يوق. ئەگەر سىلەر چۆچۈرە ئىچمەكچى بولساڭلار يېنىمىزدىلا چۆچۈرەخانا بار، شۇ يەرگە چىقساڭلار بولىدۇ ! » دېدى. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن : « بۇ يەردەن نېمىشقا چۆچۈرە بولمىغۇدەك ؟ سىلەر سودا قىلىدىغان ئادەمم تۇرۇپ، كىچىك سودىنى ياراتمايدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟ » دېدى. بۇ ۋاقتتا مېھمانخانا خۇجايىنى جاڭ ئەپەندىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. شۇنداقلا مۇلازىمەتچىنى گەپ تالاشماسلىققا ئىشارەت قىلدى. مۇلازىمەتچى خۇجايىنىدىن ئاغرىنغان ھالدا ئۇنىڭغا : « سىز بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر چىنە چۆچۈرە ئىچىمىز دېگىنىنى ئاڭلىدىڭىز، بۇ يەردە يا چۆچۈرە بولمىسا ..... » دېدى. خۇجايىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇرقىدىن قارىغىندا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى بۇيرۇتۇشى ناھايىتىنى ئەجەبلىنەرلىك ئىش، بۇر يەردە بىرە ئۇيۇن بار ؟ مەيلى نېمىلا بولسۇن سۇدا دېگەندە ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقىدىغان گەپ، دەپ ئۇيلىدى. ئو بوش ئاۋازدا مۇلازىمەتچىگە : « سىز سىرتتىن بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ كېلىڭ، قانچە پۇل كەتسە ھېسابنى ئۈزگەن چاغدا شۇنىڭ ھەسسىسىچىلىك پۇلنى تۆلىتىۋالساقلار بولدۇ » دېدى ھەمدە سۆزىنى تۈگىتىپلا بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئ.ولتۇرۇپ بۇ بىر جۈپ غەلىتە ئەر - خۇتۇننى كۆزىتىشكە باشلىدى. بىر دەمدىن كىيىن مۇلازىمەتچۋى بىر چىنە ئىسسىق چۆچۈرىنى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۇلارنىڭ بەھۇزۇر بېقىشىنى ئېيىتتى. ئايال چىنىنىڭ سىرتىنى سىلاپ تۇرۇپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كىيىن قوشۇق بىلەن چۆچۈرىنى ئېلىشتۇرۇپ، ئىچىشكە قىيمايۋاتقاندەك خېلى بىر مەزگىلگىچە ئېغىز تەگكۈزمىدى. ئېرى خۇتۇنىغا تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە غەلىتە نەزەر بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئوڭايسىزلاندى ھەمدە خوتۇنىغا : « سېنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭنى پەقەن بىلمىدىم. شۇنچە يىراق جايدىن بىز مۇشۇ چۆچۈرىنى ئىچكىلى كەلدۇقمۇ ؟ » دېدى. خوتۇنى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېرىگە قاراپ : « مەن چۆچۈرە ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن ! باشقا مەقسىتىم يوق » دەپ جاۋاب بەردى. ئېرى خوتۇنىغا : « سەن چۆچۈرە ئىچىشنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنى ئىچ، مېنىڭ قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، ئەڭ ياخشىسى باشقا قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ يەي » دەپ مۇلازىمەتچىنى چاقىرتىپ، باھاسى قىممەت قورۇمىلاردىن يەتتە - سەككىز خىلنى بۇرۇتۇشقا باشلىدى،خوتۇنى ئېرىنىڭ قورۇمىنى بۇيرۇتۇپ بولۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈرۈپ ئولتۇردى. قورۇما بۇيرۇتۇلۇپ بولۇنغاندا ئايال مۇلازىمەتچىگە : « سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بۇ قىممەت قورۇمىلارنى سېتىۋالالايدىغان پۇلىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سوراپراق تىزىملاڭ » دېدى. ئېرى يۈزى قىزارغان ھالدا بىر تەرەپتىن خوتۇنىغا قاراپ : « بىكار گەپ، مەن بۇنچىلىك قورۇمىنى يېيەلمەمدىم، مەندە پۇ يوقمىكەن ؟ » دېگەچ يەنە بىر تەرەپتىن يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز چۆچۈگەن ھالدا : « ھەميانىم قېنىدۇ ؟» دەۋەتتى ھەمدە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇشتۇمتۇن يانفۇنىنىڭمۇ يىتكەنلىكىنى بىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن نەزىرىنى ئۇدۇلىدىكى خوتۇنىغا قاراتتى. خوتۇنى سالماقلىق بىلەن ئېرىگە : « ھەميانىڭىز، يانفونىڭىز، يەنە مېنىڭ ئۈزۈكىمنىمۇ، ئىشقىلىپ يېنىمىزدىكى پۇلغا يارىغۇدەكلا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈنۈگۈن ئاخشام دەرياغا تاشلىۋەتتىم، ھازىر بىزنىڭ يېنىمىزدا مۇشۇ بىر چىنە چۆچۈرىنى ئالغىدەكلا بەش يۈەن پۇل بار » دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېرى خۇتۇنىغا ئاچچىقلانغان ھالدا :« سەن ساراڭ بوپسەن ! ئېلىشىپ قاپسەن، ئەمدى ئۆيگە قانداق كېتىمىز ؟» دەپ ۋارقىرىدى، خوتۇنى ھېچنىمە بولمىغاندەك مۇلايىملىق بىلەن ئېرىگە :« نېمىگە جىددىيلىشىسىز، بىزنىڭ يەنە ئىككى پۇتىمىز بارغۇ ؟ 20 يىل بۇرۇن، بىزنىڭ ھىچنېمىمىز يوق چاغدىمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆيگە مېڭىپ قايتىپ كېتەلىگەنغۇ ؟ تېخى ئۇ چاغلار ھازىرقىدىنمۇ بەك سوغۇق ئىدىغۇ ! » دېدى. ئېرى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز خوتۇنىغا قاراپ :« سەن، سەن نېمە دەۋاتسىەن ؟» دېدى ھەيرانلىق بىلەن. خوتۇنى :« سىز راستىنلا ئېسىڭىزگە ئالالمىدىڭىزمۇ ؟ » دەپ سورىدى ئېرىدىن. ئېرى بېشىنى چايقىدى. خوتۇنى ئوھسېنغان ھالدا :« قارىغاندا سىز بۇ يىللاردا ئازراق پۇل تېپىۋېلىپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسىز. 20 يىل ئىلگىرى بىز بىرىنچى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ سودا قىلىشقا باشلىغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن ئالدامچىلىققا ئۇچراپ ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق. ھەتتا ئۆيىمىزگە قايتىپ كەتكۈدەك يول كىراسىغىمۇ پۇلىمىز قالمىغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا بىز مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن ئىدۇق. سىزماڭا مۇشۇ دۇكاندىن بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ بەرگەن ئىدىڭىز، ئىسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا سىزنىڭ يېنىڭىزدا ھازىرقىدەك بەش يۈەنلا قالغان ئىدى ... » دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئېرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى. ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ : « بۇ جاي ... دەل » دېدى. خوتۇنى :« توغرا، بۇ جاي دەل مەن مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان ھېلىقى چۆچۈرەخانا شۇ. ئۇ چاغلاردا بۇ يەر ھەم كونا ھەم كىچىك بىر ئاددىي چۆچۈرەخانا ئىدى » دېدى. ئېرى جىمجىت ھالدا بېشىنى تۆۋەنگە سالدى. خوتۇنى بىر تەرەپتە تۇرغان مۇلازىمەتچىگە قۇرۇق چىنىدىن بىرنى ئەكىلىپ بىرىشنى ئېيىتتى. مۇلازىمەتچى قۇرۇق چىنىنى ناھايىتى تېزلا ئەكىلىپ بەردى. ئايال چۆچۈرىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ ئاستا ئېرىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئۇنىڭغا :« قېنى تاماققا بېقىڭ، بىز تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى » دېدى. ئېرى ئالدىدىكى يېرىم چىنە چۆچۈرىگە خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كىيىن :« قۇرسىقىم ئاچمىدى » دېدى. خوتۇنى ھاياجانلانغان ھالدا كۆز يېشى قىلغاچ :« 20 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ سىز شۇنداق دېگەن. مەقسەت مېنىڭ ئاشقا تويماي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىڭىز » دېدى ھەمدەم سۆزىنى تۈگىتىپلا چۆچۈرىدىن ئازراقمۇ ئىچمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئېرى خوتۇنىدىن :« چۆچۈرىنى نېمىشقا ئىچمەيسەن ؟ »دەپ سورىدى. خوتۇنى يىغلامسىرىغان ھالدا :« 20 يىل ئىلگىرى سىز مەندىن مۇشۇنداق دەپ سورىغان ئىدىڭىز. مەن سىزگە شۇ چاغدا ، يىسەك تەڭ يەيلى، بولمىسا يىمەيلى ! دېگەن ئىدىم، ھازىرمۇ مەن شۇنداق دېمەكچى ! ». ئەر ئۈن چىقارماي قوشۇقنى قولىغا ئالدى، نېمىشقىكىن ئۇنىڭ قوشۇق تۇتقان قولى تىترەپ كەتكەنىدى. ئۇ چۆچۈرىنى پاكىز ئىچىپ بولغاندا كۆزلىرىدىن ياش قويۇلۇشقا باشلىدى. ئېرىنىڭ ئاشنى ئىچكىنىنى كۆرۈپ خوتۇنىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى ھەمدە قوشۇقنى ئېلىپ ئېشىنى ئىچىشكە باشلىدى. خوتۇنىنىڭمۇ كۆزىدىن ياشلار سىرغىشقا باشلىدى. بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇن مانا مۇشۇنداق ھالەتتە بىر چىنە چۆچۈرىنى ئىچىپ تۈگەتتى. خوتۇنى قولىدىكى قوشۇقنى چىنىگە قويۇشى بىلەن تەڭ ئېرىگە قاراپ :« ئەمدى ئۆيگە مېڭىپ كىتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىز بىلەن جاپا - مۇشەققەتنى بىللە تارتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدىم. ئۆتمۈشنى بىر ئەسلىۋالدىم. ئۆيگە بېرىپلا ئاجرىشىش توختامنامىسىگە قول قويىمەن. ئاندىن سىزنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. بالىلارنىمۇ ئۆزۈم باقىمەن، سىز ھېلىقى قىز بىلەن توي قىلامسىز - قىلمامسىز ئەمدى ئارىلاشمايمەن » دېدى. ئېرى خوتۇنىغا قاراپ :« ئۆيگە قايتىپلا ھېلىقى ئاجرىشىش توختامنامىسىنى يىرتىپ تاشلايمەن، مىنى كەچۈر، مەن ئېزىپتىمەن. بولامدۇ ؟ » دېدى. ئايال يېشىنى سۈرتكەچ مۇلازىمەتچىگە، ھېسابات قىلىۋېتىشنى ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ياندا تۇرۇپ ئەستايىدىل ئاڭلىغان خۇجايىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، يېنىدىن 200 يۈەن چىقىرىپ :« سىلەر ئۆيگە بېرىپ ئاجرىشىش توختامنامىسىنى يىرتىۋىتىدىغان تۇرۇپ يەنە ئۆيگە مېڭىپ كەتمەكچىمۇ ؟ مەن سىلەرنىڭ كونا تۇنۇشۇڭلار ئىكەنمەن، سىلەر 20 يىل ئىلگىرى ئىچكەن چۆچۈرىنى خوتۇنۇم ئۆز قولى بىلەن تۈگكەن، ئۇ چاغدا مەن نامرات بىر يايمىچى ئىدىم. ھازىر كاتتا بىر مېھمانخانا خۇجايىنىغا ئايلاندىم. بىراق مەن پۇل تاپقاندىن كىيىن جاپالىق كۈنلەردە ھەمراھ بولغان خۇتۇنۇم بىلەن ئاجراشتىم، بالىلىرىمنى يىتىم قالدۇردۇم. سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . باياتىن گىپىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئەقلىمنى تاپقاندەك بولدۇم. ھازىرلا بېرىپ خوتۇنۇمنى قايتۇرۇپ كىلىمەن» دېگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى. سىز بىلەن جاپا - مۇشەققەت، راھەت - پاراغەتتە بىللە ئۆتكەن قەدىردانىڭىزدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، سىزنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىمىغان ئاشۇ يايرىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قويۇڭ، سىزنى مەڭگۈلۈك بەختكە مۇيەسسەر قىلغىنى تېخى يېقىندىلا تۇنۇشقان، ۋەدىلەشكەن يايرىڭىز بولماستىن، بەلكى ئاشۇ ياشلىقىنى، گۈزەللىكىنى، بارلىقىنى سىزدىن ئايىمىغان قەدىردان، مېھرىبان ۋاپادار خوتۇنىڭىزدۇر. 


گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى 
مەنبە : « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » 2010 - يىل 25 - نويابىر 8641 - سان  B  04 - بەت 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2653
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15431
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 12:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن! شۇنداق جاپا-مۇشەققەتلەرنى بىرگە تارىتقان ئەر-ئاياللار مەڭگۈ بەخىتلىك ئۆتسىكەن دەيمەن.

قىلغان ئىشىڭغا مىننەت قىلما!

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13950
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 12:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى پۇلدار ئۆزىنى يوقاتقان  كىشىلەر ئوقۇپ قۇيسا بولغىدەك .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22877
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6277
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 779 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 01:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ھەقىقەتتەن بەك ياخشى ئىكەن .بۇ .ئايالنىڭ كاللىسى ھەقىقەتتەن ئىشلەيدىكەن. بۇ ئىش ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا بار، لىكىن بىز شۇ ئايالچىلىك كالىمىزنى ئىشلتىشمىزنى بىلمەي قاراملىق بىلەن بولدىلا سەن باشقا بىر ئايال بىلەن تېپىشۋالساڭ ماڭا بىرەرسى چىقماي قالامتى .دەپ ئۆز ۋىجدانىمىزغا ئېلىپلا تۇرمۇشمىمىز ۋەيىران بولدىغان ئىشلار كۆپقۇ .بۇ تېمىنى بەك ياخشى يولاپسىز ھەقىقەتتەن ھەھمىيەتلىك ئىكەن رەھمەت سىزگە.

ئازاپ ئادەم ئۈچۈن يارالغانمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2769
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11025
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3220 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 01:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن . دېمىسىمۇ بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا بەك كۆپ ئۇچرايدۇ . شۇنداقلار بىر ئوقۇپ قويسا بولغىدەك .

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14280
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2087 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 01:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇھىكايە ھەقىقەتتەن بەك ياخشى ئىكەن

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئازاپلانغانلارل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3524
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9259
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 815 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 01:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئۆمۇر مەنزىلى ئۇزاق بولسىمۇ لىكىن مۇشۇ ھىكايىدە ئىيتىلغاندەك بىر ئۆمۇر ھەمراھ بولۇپ  بىر ئۆمۇ بىللە سەپەرداش بولالايدىغانلار ناھايتىمۇ ئاز بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تەرەققى قىلغان ،ئىشەنچ ،مىھرى ۋاپا سۇسلاشقان زاماندا.شۇڭا سىز بىر ئۆمۇر سەپەرداش بولغان ئاچچىق ئازاپلىق بولغان تۇرمۇش سەپىرىڭىزنىڭ سەپەردىشى بولغان بىراۋغا ۋاپادار بولۇڭ.

http://5tograk.blogbus.com شۇمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت، قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت. دۇشمەننى كۇلدۇرۇپ يىغلىما نامەرد، يىغلاتقان دۇشمەنگە كۇلكەڭنى كۆرسەت.

uygur man uygur dak yaxay man

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13274
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 1378 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 02:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu temini kurup manmu sal huxumga kalgandak bop kaldim rahmat sizga

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3436
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27384
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 07:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەنىلىك تىما ئىكەن،كۆڭلۈم سەل يىرىم بولدى، نىمىدىگەن تەسىرلىك-ھە؟...ئادەم ياخشى كۈنگە ئىرىشىۋىلىپلا بۇرۇنقى ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالسا ياخشى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ كۈنىمىزنىڭ قەدرىگە بەكرەك يىتىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرگىنىمىز تۈزۈك.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 07:57:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش