ئۆلۈم سونېتلىرى
مىسترال (چىلى، 1889 ـ 1957)
زۇلمەتلىك قەبرىگە ئەيلەنسەڭ دەپىن،
مەن سېنى ئاچىقاي قۇياشلىق يەرگە.
بىر كۈنى مەنمۇ ھەم يېنىڭغا تەيىن.
بوپ يەنە ياستۇقداش ياشايمىز بىرگە.
مەن سېنى ئاچىقاي قۇياشلىق يەرگە،
بالىغا ئىچكۆيەر ئاق دىل ئانىدەك.
تۇپراقلار تاشلانسا غۇبارسىز تەنگە،
ئەللەيلەر ئانا يەر، مامۇق پەر تۆشەك،
سېپىمەن ئۈستۈڭگە ئەتىرگۈل بەرگى.
بىسېزم تېنىڭگە چۈشمىسىكەن دەپ،
ماناندىن شۇڭغىغان كۆكۈچ ئاي نۇرى.
ياشايمەن ياڭرىتىپ ساداقەت كۈيى،
يانىمەن رەشىكتە، كېلەرمىدۇ دەپ
قايسى بىر ھۆرلىقا سېنى كۆرگىلى.
ئازابلار قىنىدىن تاشقاندا ئېقىن،
قىلىدۇ مۇراجەت روھىمغا جىسمىم.
راھەتكە قۇل بولۇپ كېتىۋەرمىگىن،
شۇ گۈلگۈن يوللاردا ئالماي ھېچ تىنىم...
سەزگەنسەن تىكلەندى يېڭى بىر قەبرە،
ياتىدۇ يېنىڭدا ناتۇنۇش ئايال.
ئۇزىتار بىر كۈنى مېنىمۇ يەرگە،
ئاشۇ چاغ ئارمانلار تاپىدۇ ۋىسال.
يېتىمەن تەكتىگە نىگارىم شۇ تاپ،
ياتساڭمۇ يىل بويى قاراڭغۇ گۆردە.
ۋۇجۇدۇڭ نە ئۈچۈن بولمىدى بىتاپ.
بۇ ئالەم كۆكىمۇ يارقىن نۇرانە.
كىم ئەھلى ساداقەت، كىملەر بىۋاپا،
يۇلتۇزلار بىزلەرگە بولۇر سودىيە.
ياش ئىدىڭ غۇبارسىز، نېلۇفەردەك پاك،
قايسى كۈن يۇلتۇزۇڭ ساقىغان چېغى.
شاد ئىدىڭ جىسمىڭدىن ئۇرغۇيتتى ئىدراك،
ئۇرۇلدى كۆكسىڭگە ئۆلۈمنىڭ تىغى...
ئۇ كەتتى، ئېيتقىنا، ئېيتقىنا خۇدا،
نۇرانە قەلبىن كىم چۈشىنىدىكىن؟
رەھىمسىز ئەجەلدىن قۇتقۇز ئۇنى يا،
شېرىن چۈش جامىگە غەرق ئەيلىگەن.
ئۇپقۇنلار ھاياتىن ئەيلىدى غەرق.
نە چارە، دەرىخا، ياشلىقى تېغى
ئېپ كەتسەڭ بولمامدۇ ئۇرمايلا بەرق.
ھاياتى تۈگىدى، سۇندى قانات ـ پەر...
مۇھەببەت كۆيۈمى يوق دەمسەن مېنى؟
شاھىتسەن ئىلاھىم، ئۆزۈڭ جاۋاب بەر!
«يارىلانغان يۈرەك» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
................................................
مەنبەسى : ئۇيغۇرچە خەلق گىزىتى تور بېتى
http://uyghur.people.com.cn/156014/10642182.html