يېقىندىن بۇيان يەرشارىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ،ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى .
1. قۇشلارنىڭ ئاسماندىن توپ- توپ بۇلۇپ ئۆلۈكى چۈشتى، نىمە سەۋەپتىن؟
بىر نەپەر تەتقىقاتچى ئۆلگەن ئالاقاغىنى تەكشۈرمەكتە
ئۈلۈك بېلىقلار توپى شاڭخەي قىرغىقىغا ئۇرۇلماقتا ، نىمە ئۈچۈن؟
ئېنگىلان بۇغۇزىدا 40000مىڭ قىسقۇچ پاقا ئۆلۈكى، نىمە ئۈچۈن ؟
تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرىزىچە، بەلكىم يېڭى يىللىق ساليوت سەۋەبىدىن ياكى بىنورمال ھاۋارايى ۋە خىمىيىلىك بۇلغۇنىشتىن مۇناسىۋەتلىك دىدى .
ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى :
ھادىسە :
1. كۆپ قۇشلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە قىسقۇچ پاقىنىڭ ئۆلۈشى
ئامىرىكىدا يىقىندىن ياقى كۆپ مىقداردا قۇشلارنىڭ ئۈلۈشى ، شۋىېتسىيەنىڭ كوچىلىرىدا نەچچە يۈزگە يىقىن قۇشلارنىڭ ئۈلۈشى يۈز بەردى . شۋىېتسىيەنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرىپىدىكى كەنىتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش يۈز بەرگەن بۇلۇپ ، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى كېلىس ئوۋگىس ئېيتىشىچە يولدىكى قار ئۈستىدىن 50دىن 500گىچە ئالاقاغا ئۈلۈكى تىپىلغان . كۆپ قىسىمنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن .
قۇشلار تەتقىقاتچىسى ئەددىس . ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۆلگەن قۇشلارنىڭ ھەممىسى ئالاقاغا بۇلۇپ ئۇلار توپلىشىپ ياشايدۇ . ئەگەر تۇيۇقسىز چۈچۈش يۈز بەرسە ئۇلار مىنىڭچە زىيادە جىددىلىشىش يۈز بېرىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇ يەنە ساقچىلار يېرىم كىچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۆلۈك قۇشلار توپىنى كۆرگەن . ئالاقىدار كىشىلەر 5 دانە ئالاقاغىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ .
بۇ دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى كۆرۈلگەن قۇشلارنىڭ توپ ئۈلۈشى بۇلۇپ ، بۇلتۇر 4 - ئايدا لۇئىزىئاننا شىتاتىدا 450قۇشنىڭ ئۈلۈشى كۆرۈلگەن بۇلۇپ، توك سوقۇش سەۋەبىدىن بولغان دىگەن يەكۈننى چىقارغان . بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامىرىكىنىڭ ئاركانزاس شىتاتىدا 2000 يېقىن ئالاقاغا ئۆلۈكى چۈشكەن بۇلۇپ، زىيادە قورقۇش سەۋەبىدىن بولغان دىگەن يەكۈننى چىقارغان .
قۇشلارنىڭ ئۈلۈشىدىن باشقا يەنە ئىنگىلان بۇغۇزى قاتارلىق كۆپ يەرلەردە قىسقۇچ پاقىنىڭ سىرلىق ئۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.
سەۋەبى بەلكىم ناچار ھاۋارايى ، باكتىرىيە ، بۇلغۇنىش ، چۈچۈش قاتارلىقلار .
پەرەز 1. يىڭى يىللىق ساليوتنىڭ سەۋەبىدىن چۈچۈش .
ئاركانساس شىتاتىدىكى قۇشلارنىڭ ئۈلۈش سەۋەبى يىڭى يىللىق ساليوتنىڭ تەرىپىدىن دەپ قارالماقتا . يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە : ئۇلار ساليوتنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن زىيادە قورقۇپ ئۈلۈشى مۇمكىن دىدى . ئەمما قۇشلار تەتقىقاتچى جاكالون . لۇ ئېيتىشىچە بۇ قىزىل قاناتلىق ئالا قاغىلار ئۇنچىلىك ئىگىز ئۇچالمايدۇ ، دەرەخچىلىك ئىگىزدە ئۇچۇدۇ . ئۇلار ساليوتدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە بىرە نەرسىگە سۇقۇلۇپ كىتىش ئېھتىماللىقى يىقىن دىدى. تەكشۈرۈلۈشچە بۇقۇشلارنىڭ كۆپ قىسىمى يارلانغان، بۇلۇپمۇ ئومۇرۇتقا تەرىپىدىن كۆپ يارلانغان دىگەن ئاساسى سەۋەبىنى ئېيتقان .
شېۋىتسىيە تەرىپى قۇشلارنىڭ ئۈلۈشى ساليوت سەۋەبنىدىن دىگەن يەكۈننى چىقارغان .
پەرەز 2. بىنورمال ھاۋارايى ۋە ئنتايىن ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۈلۈش
ئالىملارنىڭ قارىشىچە كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئۈلۈشى ناچار كېلىمات ۋە ھاۋارايى سەۋەبىدىن دىدى. بىرقېتىملىق بوران چاپقۇندا قۇشلارنىڭ نىشاندىن ئېزىقىپ كىتىپ ، قۇش توپىنىڭ بىرقۇشنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ ئۇرۇلۇپ ئۆلگەن .
ئەنگىلىيەدىكى پوروۋىن قىسقۇچپاقىنىڭ ئۈلۈش سەۋەبىنى ئالىملار ئەنگىلىيەدىكى سوغۇق ھاۋا كېلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىدى . سوغۇق ھاۋا ئېقىمى دىڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرسىنى ئادەتتىكى چاغلاردىن خېلى توۋەتلەتتى . ئەنگىلىيە دىگىز پورتىدىكى مەشقاۋۇل تونى . سىياس « بىزنىڭ پەرزىمىزچە ئادەتتە پوروۋىن قىسقۇچپاقىسى ئەنگىلىيەنىڭ دىگىز قىرغىقىدا دىڭىز يۇسۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا قىش ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا ، تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز بىراقلا تۆۋەنلەپ پروۋىن قىسقۇچپاقىسىنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دىدى .
پەرەز 3. باكتېرىيە سەۋەبىدىن ئۆلۈشى
شېۋىتسىيە ياۋايى ھايۋانلار مۇتەخەسىسى ئوۋگىس . ئاندىرسىن ئالاقاغىلارنىڭ ئۈلۈشى قۇش زۇكىمى H1N1 سەۋەبىدىن دىدى . بىز تېخىمۇ ئىنچىكىلىك ھالدا تەكشۈرىشىمىزگە ، ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىشىمىز كېرەك دىدى . 1999 يىلىمۇ قۇشلارنىڭ ئۈلۈشى يۈز بەرگەن بۇلۇپ جەسىتىدىن باكتىرىيە كۆرۈلگەن .
پەرەز 4. مۇھىت بۇلغۇنىش سەۋەبىدى ئۆلۈشى
بىرقىسىم ئالىملارنىڭ پەرىزىچە خېمىيىلىك بۇلغۇنىش ھايۋانلارنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىدى. توردىكى بىر تورداش دۆلەتنىڭ(نەمەلۇم) مەخپى تەجىربىسى سەۋەبىدىن دىگەن پەرىزىنى ئېيتتى .
بۇ ئىشلار
ھەممە دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا . ئوخشىمىغان پەرەزلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلماقتا .
ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە قىلغۇچى : قەيسەر ئەسقەر ئەرتۈرۈك
تەرجىمە مەنبەسى : http://news.qq.com/a/20110107/000498.htm#p=8
رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ .
تەرجىمە جەريانىدا خاتالىق يۈز بېرىش مۇمكىن .