ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 33قەۋەت Qimqilak كە 2011-01-15 06:49 PMئەۋەتىلدى :
كىيىنكى ئەۋلاتلارنى ئويلاپ ماڭساڭ
ماڭساڭ ئويلاپ كىيىنكى ئەۋلاتلارنى ،
ئەۋلاتلارنى ئويلاپ ماڭساڭ كىيىن
كىيىن ماڭساڭ ئەۋلاتلارنى ئويلاپ .
شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ تۈۋەندىكى شېئىرلار يادىمغا يېتىپ قالدى.
دەرت قۇشۇم چېچىمدا ياسىدى ئۇۋا،
ئارزۇيۇم باچكىسى كۆرۈندى غۇۋا.
ئىلەڭگۈچ ئۇچىدۇ كىرپىكلىرىمدە،
قان تامچىپ تۇرغان نار تۆگىنىڭ بېشى.
يانپىشىمغا يېپىشتى گۇگۇم،
كىرپىكىمدە تەۋرىنەر ئەللەي.
قاچتى چۈشۈم ئۈمىدكە مىنىپ،
ياسار ئۆتەڭدە سۈبھىدىن بىلەي.
قىلما ئارزۇنى شەپەقتە كاۋاپ،
سۆيگۈنى زىققا ئۆتكۈزمە تىلەي!
يۇقىرىقى شېئىرلار مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ شېئىرغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، چاخچاق قىلغان ئۆزىنى <شائىر> ئاتىۋالغانلارنى قامچىلاپ مەسخىرە قىلىپ يازغان ئەسىرىدىكى ئۈزۈندە. بۇ شېئىرلارنى شېئىرنى چۈشەنمەيدىغانلار كۆرسە دەھشەت يېزىۋېتىپتۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق شېئىرنى چۈشىنىدىغانلار بۇنىڭ ناھايىتى تېتىقسىز يېزىلغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا دوستۇم، شېئىرغا شۇنداقلا شېئىرىيەتكە چاخچاق قىلمايلى.
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما. تېمىنىڭ بېشى ناھايىتى سۈزۈك باشلىنىپتىكەن. ئاخىرىغا كېلىپ بەزىلەر پېتىقلاپ كېتىپتۇ. بۇنداق قىلمايلى. ئۆز ئارا مۇشائىرە ئېلىپ بېرىش ناھايىتى ياخشى ئىش، زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ، تەپەككۇرىڭىز، ئىلھامىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇنداقلا بەزى ئۆزىڭىز ھېس قىلالمىغان يۇشۇرۇن قابىلىيەتلىڭىز مۇشۇ جەرياندا ئاشكارلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇ بىر ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيىسىنى، قابىلىيىتىنى سىناشقا ياخشى مەشىق جەريانى بۇلۇشى مۇمكىن. كۆپرەك مەشىق قىلىپ تۇرسىڭىز بارغانچە پىششىپ يىتىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا تورداشلىرىم ئەستايىدىلراق بۇلايلى.