ئايال قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە
بىر نەچچەكۈن ئىلگىرى مەن ئۆيگە قايتىۋېتىپ كۈرۈشمىگىنى ئۇزۇن بولغان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم . ئۇنىڭ كېىيم - كېچەك ، زىبۇ - زىننەت ، گەپ - سۆز ۋە چىراي -تۇرقىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر مىنى ھەيران قالدۇردى ، چۇنكى ئۇ بەئەينى غەرىپنىڭ چاكىنا ئاياللىرىغا ئوخشاپ قالغانتى .بىز ھال - .ئەھۋال سۇراشقاندىن كېىيىن تۇرمۇش ، ئائىلە ئەھۋاللىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق . ساۋاقدىشىم ماڭا يولدىشىنىڭ قۇيۇپ بەرگەنلىگىنى، ھازىر ئۈزىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىردىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىپ ئەركىن ئازادە ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
ئەسلىدە ساۋاقدىشىم يولدىشىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا بولغان پەرزەنتلىك مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلشىدىن نارازى بۇلۇپ دائىم جىدەل قىلغاندىن باشقا يەنە ئۈزىنى قاتار چايلارغا بېرىشتىن ، تاڭسا ئويناشتىن ، جەميەتتە مۇدا بۇلۋاتقان كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىشتىن.....تۇسىدىغانلىقىدىن، نىمە دىسە شۇنى بىېجا كەلتۈرمەيدىغانلىقىدىن ، بەزى كىشىلەردەك پۇلىنىڭ كۆپ بولماسلىقىدىن بىزار بۇلسا ، يولدىشىنىڭ ناماز ئۇقۇشقا ، رامىزان تۇتۇشقا ، كىيىنىشلىرىگە چەك قۇيىشىدىن تۇيۇپ كېتىپتىمىش.بەلكىم شۇ سەۋەپتىن يولدىشى ئۇنى بىر پەرزەنتى بولسىمۇ قۇيۇپ بەرگەندۇ .
ئەي ئايال قېرىنداشلىرىم! سۈرە ئەھزابنىڭ 28 ئايىتىدە ، ئى پەيغەمبەر!( ئارتۇق خىراجەت سۇراپ سىنى رەنجىىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيىتقىنكى، << ئەگەردۇنيا تىرىكچىلكىنى( يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىببۇ زىننىتىنى كوزلىسەڭلار ، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر نەرسە بىرەي ، سىلەرنى چىرايلىقچە قۇيۇپ بىرەي .
ئەي ئايال قېرىنداشلىرىم تۆبە قىلىپ توغرا يولغا ( ھىدايەت يۇلىغا ) ماڭساق شەپقەتلىك ئاللا بىزنى كەچۈردۇ . مىللىتىمىزنىڭ بىزدەك ئانىللىرى ئىسلام نۇرى ، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن قۇراللا
نمىساق ،پەرزەنتلىرىمىزگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۈلگە بولمىساق. ئەرلىرىمىزنىڭ ئىمانىدىن ،
باتۇرلىقىدىن ، تىرىشچانلىقىدىن پەخىرلەنمىسەك ، ئۇلارغا مەدەت بەرمىسەك ، سۇلارنىڭ توغرا
بولغان سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساق ئۇنداقتا بىز قايسى يولغا قاراپ ماڭىمىز ؟.......ئالدىمىزدا
ئىككىللا يول بار . بىرى بىزنى جەننەتكە ئېلىپ باردىغان يول . يەنە بىرى دوۋزاققا ئېلىپ
باردىغان يول . قېنى ئايال قېرىنداشلىرىم ،بىز بىرلىكتە جەنننەتكە ئېلىپ باردىغان يولغا قاراپ ئاتلىنايلى
ئاپتۇر : ئاينۇر