مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9178|ئىنكاس: 110

تـۈرك تـىـلى-دۇنـيـا تـىلـى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27141
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5319
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2011-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 10:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈرك تىلى ___ دۇنيا تىلى

پىروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق تۈرك تىلى جەمئىيتىنىڭ رەئىسى

(Türk Dil Kurumu Başkanı)

  كۈنىمىزدە تەخمىنەن 220 مىليۇن سۆزلەشكۈچىسى بولغان تۈرك تىلى (بۇ يەردە تۈرك تىلى دېگەندە بارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇرۇنقىدەك تۈركىي تىللارنى "تۈركىي تىللار" دەپ ئاتاشنى لايىق كۆرمىدىم، شۇڭا تۈرك تىلى دەپلا ئالدىم. بۇ ماقالىدىكى "تۈرك ۋە تۈركچە" دېگەن كەلىمەلەر پۈتۈن "تۈرك مىللەتلىرىنى ۋە تۈرك تىللىرىنى" كۆرسىتىدۇ. بۇرۇنقى "تۈرك تىلى" دېگەن ئاتالغۇ بۇ يەردە "تۈركىيە تۈركچەسى" دەپ ئېلىندى.) ، مۇڭغۇل ۋە مانجۇ-تۇنگۇس تىللىرىمۇ يەر ئالغان ئالتاي تىل سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ سۆزلەشكۈچىگە ئىگىدۇر.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توغرا بولغانلىقى قەيىتلەنگەن تەتقىقاتلاردا، ئالتاي تىللىرى دەپ ناملاندۇرۇلغان تۈرك، مۇڭغۇل، مانجۇ-تۇنگۇس، ياپۇن ۋە كورىيە تىللىرى بىلەن فىن-ئوگۇر تىللىرى دەپ تونۇلغان فىن، ۋېنگىر ۋە سامويىد تىللىرىنىڭ ئورال-ئالتاي نامىدا بىر تىل سىستېمىسىنى تەشكىل قىلدىغانلىقى، دۇنيادا ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل كۆرۈلگەن بىر نەزەرىيە ئىدى. ئەمما، 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئىتىبارەن ئېلىپ بېرىلغان گىرامماتىكا تەتقىقاتلىرى بىلەن، ئورال ۋە ئالتاي تىللىرىنىڭ بىر تىل سىستېمىسىنى تەشكىل قىلالمايدىغانلىق چۈشەنچىسى تارقىلىشقا باشلىدى. فىن، ۋېنگىر، سامويىد تىللىرى بىلەن تۈرك، مۇڭغۇل، مانجۇ-تۇنگۇس، ياپۇن ۋە كورىيە تىللىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار بار ئىدى، ئەمما بۇ ئوخشاشلىقلار بىر تىل سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىشتا لازىم بولغان، ئوخشاش بىر مەنبە تىلدىن مىراس قالغان ئورتاق تىل ئېلېمېنتلىرىنى ھاسىل قىلىشتا يىتەرلىك ئەمەس ئىدى.

  كۈنىمىزدە دۇنيا گىرامماتىكا تەتقىقاتلىرىدا تۈرك، مۇڭغۇل، مانجۇ-تۇنگۇس تىللىرى تەشكىل قىلغان ئالتاي تىل سىستېمىسى ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل كۆرۈلمەكتىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كورىيە ۋە ياپۇن تىللىرىنىڭ بۇ تىل سىستېمىسىدا يەر ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى تارتىشمىلار (مۇنازىرە) داۋاملاشماقتىدۇر. ئەمما، بۇ ئىككى تىلنى ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولدى دېگەندىمۇ، تۈرك تىلىنىڭ بۇ تىل سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ سۆزلەشكۈچىگە (يەنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار) ئىگە ئوڭ قۇل ئىكەنلىكىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

تۈرك تىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى

تۈرك يېزىق تىلىنىڭ تارىخى 7-8-ئەسىرلەردە ئورخون ۋادىسىدا تىكلەنگەن ئابىدەلەر بىلەن باشلىنىدۇ. ئورخۇن ئابىدەلىرىدە قوللىنىلغان پىشقان، گۈزەل تىل ۋە قوشنا مەملىكەت يازما مەنبەلىرىدە يەر ئالغان بىلگە (ئۇچۇر) لەر، بىزگە تۈرك يازما تىلىنىڭ باشلانغان دەۋرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردا تېپىلغان ئابىدەلەرنىڭ ئوقۇلۇشى بىزدىن تۈرك يېزىق تىلىنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ئالدىغا سۈرۈشىمىزنى كۈتمەكتە. ئۇندىن باشقا، سېلىشتۇرما فونېتىكا ۋە سىنتاكسىس تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا تىللاردىكى تۈركچەدىن ئېلىنغان ئېلىنما سۆزلەردىن تۈركچەنىڭ يېشىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار قولغا كەلمەكتە. تۈركچەدىن ئېلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن 168 تۈركچە مەنبەلىك سۆزلۈك، تۈركچەنىڭ بۇ قوبۇل قىلىنغان تىللار بىلەن دەۋرداشلىقىنى ۋە بۇ تىللارنىڭ ئۆز-ئارا ئۆتۈشمىدە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ئەسىك كۇرگانى تېپىلمالىرى (يەنى بايقالغان ياكى قېزىلىپ چىقىرىلغان نەرسىلەر) ئارىسىدىن يەر ئالغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرگە ئائىت ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن بىر ساپال بۇيۇمدىكى ئورخۇن يېزىقىغا ئوخشايدىغان ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئىككى قۇر يېزىقنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۈركچە مەتىن (يازما يادىكارلىق) ئىكەنلىكى بىلىنمەكتىدۇر.

خەنزۇ نامەلىرىدىكى (يەنى خەننامە، تاڭنامە، سۈينامە كەبى ئەسەرلەردىكى) بىر ھۇن مەرسىيەسىگە ئائىت ئىككى قۇر شېئىر بىلەن بىر قانچە سۆز مىلادىدىن كېيىنكى 4-ئەسىر تۈركچەسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكتىدۇر. ئەمما، ئەدەبىي تۈس ئالغان تۇنجى بۈيۈك مەتىنلەر تونيۇقۇق (725)، بىلگە قاغان (731) ۋە كۆلتېگىن (732)، نامىغا تىكلەنگەن كۆكتۈرك ئابىدەلىرىدۇر. تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى لۇغىتى ۋە گىرامماتىكا كىتابى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بولسا 1072-يىلى مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغاندۇر.

 تەخمىنەن توققۇز مىڭ سۆزنى ئۆز  ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر، پەقەتلا بىر لۇغەت، پەقەتلا بىر گىرامماتىكا كىتابى ئەمەستۇر. بەلكى ئەينى زاماندىكى تۈرك يېزىق تىللىرى ۋە ھەر قايسى شېۋىلەرنى ھەم باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خاتىرىلىگەن غايەت بۈيۈك بىر مەنبە ئەسەردۇر. مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار، ئۇيغۇر، ئوغۇز، قىپچاق، قىرغىز ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ سۆز بارلىقىنى بىر يەرگە يىغىپ، توپلاپ ھازىرلىغان ئەسىرىگە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» يەنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ نام بەرگەندۇر. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يىگىرمىدىن ئارتۇق يېزىق تىلى ۋە شىۋىلەرنى تۈرك نامى ئاستىغا توپلىشى، كۈنىمىزدە ئىلمىي بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويماقتىدۇر. زور مىقداردا ئورتاق تىل ئېلېمېنتلىرىغا تايانغان( يەنى ئىگە بولغان) بۇ يېزىق تىللىرى ۋە شېۋىلەر، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆز ئىچىدىن تەرەققىي قىلىپ، كۈنىمىزدە يېزىق تىللىرى ۋە رەسمىي تىللار ھالىتىگە ئۆتكەندۇر.

تۈرك تىلىنىڭ جۇغراپىيەسى

تارقالغان دائىرەسى شىمالىي مۇز ئوكياندىن باشلىنىپ ھىندىستاننىڭ شىمالىغا، جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچ قىسىملىرىدىن ياۋرۇپانىڭ غەربى قىرغاقلىرىغا قەدەر سۇزۇلغان، تەخمىنەن 12 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق بۇ جۇغراپىيەدىكى ئەڭ مۇھىم تىل، ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك قولى بولغان تۈرك تىلىدۇر.

19-ئەسىردە ياشىغان داڭلىق تۈركولوگ ئا. ھ. ۋامبېرىې، تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرەسىنىڭ كەڭرىلىكىنى ئۆزى ئىشلىگەن بىر خەرىتەدە ھېس قىلغان ۋە بالقاندىن مانجۇرىيەگە قەدەر سەپەر قىلغان بىر كىشىنىڭ تۈرك تىلىنى بىلگىنىدە بۇ سەپەرنىڭ ناھايىتى قولاي بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ جۇغراپىيەدە ئەڭ مۇھىم تىلنىڭ تۈرك تىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى. بۈگۈن بۇ دائىرە تېخىمۇ كېڭەيگەندۇر. بولۇپمۇ، 1960-يىللاردىن ئېتىبارەن ئاساسلىقى ئىشلەش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەردىن سانائەتلەشكەن ياۋرۇپا دەۋلەتلىرىگە تۈركلەرنىڭ (ئاساسلىقى تۈركىيە تۈركلىرى ۋە قىسمەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلەرى) كۆچىشى نەتىجىسىدە تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرەسى بالقاندىنمۇ ئېشىپ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا ئۇلاشقاندۇر.

تۈرك تىلى، ئاساسلىق نۇپۇسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە بولغان ۋە ئەڭ ئاز بولغاندا مىڭ يىللىق يەرلەشكەن تارىخى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان كەبى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، بالقان دەۋلەتلىرى، رۇسيە فېدېراتسىيەسى، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيەتى كەبى دەۋلەتلەر ئىچىدە سۆزلەشمە تىلى (يېزىقى بولمىغان) ۋەيا يېزىق تىلى بولۇپ تۇرۇۋاتقان 20 يېزىق تىلىغا ئايرىلماقتىدۇر. 

ئوسمان ئىمپىرىيسىنىڭ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى زامانلىرى ۋە ئالتۇن ئوردا دەۋلەتلىرى كەبى كەڭ جۇغراپىيەگە يېيىلغان بۈيۈك سىياسى بىرلىكلەر ئىچىدە ياشىغان بۇ تۈرك توپلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر تەسىرى زور بولغان كىلاسسىك يازما تىللىرى يەنى ئوسمانلى تۈركچەسى ۋە چاغاتايچىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى بىلەن كۈچلۈك بىر يازما ئەدەبىيات ۋە مىللى خەلق ئەدەبىياتى ياراتقانىدى. تىل مىراسىنىڭ بۈيۈك بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان سۆزلۈكلەر، ئاتا سۆزلىرى، ئىدىئوملار ۋە ئاساسى ئۇقۇملار بۇ تۈرك خەلقلىرىنىڭ تىللىرىدا ئورتاقتۇر.

تۈرك تىلىنىڭ ئورتاق ۋە ئورتاقلىقنى ساقلىغۇچى بۇ ئالاھىدىلىكى؛ سۆزلەشمە تىللىرىدىكى، شېۋىلىرىدىكى پەرقلىقلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك يېزىقلىق دىيالېكىتلىرى، پەرقلىق سۆزلەشمە تىللىرى بولغان ئەرەپچىنىڭ، خەنزۇچىنىڭ ۋە ياكى ھىندىچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. بۇ تىللارنىڭ يالغۇز بىرلا تىل بولماستىن، پەرقلىق دىيالېكىتلارغا بۆلۈنگىنىدەك، تۈركچەمۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە مىللەتلەر سىياسىتى ئاستىدا، پەرقلىقلىرى تەتقىق قىلىنغانچە چوڭايغان يېزىق تىللىرىغا ئايرىلغاندۇر. بۇ يېزىق تىللىرى تۈركىيە تۈركچەسى، ئەزەربەيجان تۈركچەسى، تۈركمەن تۈركچەسى، ئۆزبەك تۈركچەسى، قازاق تۈركچەسى، قىرغىز تۈركچەسى، تاتار تۈركچەسى، باشقۇرت تۈركچەسى، ئۇيغۇر تۈركچەسى، گاگاۋۇز تۈركچەسى، قاراقالپاق تۈركچەسى، قۇمۇق تۈركچەسى، قاراچاي تۈركچەسى، بالقار تۈركچەسى، نوغاي تۈركچەسى، خاكاس تۈركچەسى، ئالتاي تۈركچەسى، تۇۋا تۈركچەسى بىلەن چۇۋاشچە ۋە ياقۇتچەدۇر.

يەنە، كۆپ قىسمى ئەسلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولغان ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دەۋلەتلەردە يەرلىشىپ ياشاۋاتقان تەخمىنەن 6 مىليۇن ئەتراپىدىكى تۈركلەر باردۇر. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولمىغان مەملىكەتلەردىمۇ خېلى كۆپ ساندا تۈركلەر ياشىماقتىدۇر. بۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەلنىڭ پۇقراسىدۇر. بۇندىن باشقا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئەزالىرىدىن رۇمىنىيەدە بولۇپمۇ، بۇلغارىيەدە مۇشۇ دەۋلەتنىڭ پۇقراسى بولغان نۇرغۇن تۈركلەر ياشىماقتىدۇر. ماكېدونىيە، كوسوۋا قاتارلىق باشقا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن قوشۇلۇپ، پۈتۈن ياۋرۇپادىكى تۈركلەرنىڭ سانى 7 مىليۇندىن ئاشقانلىقى قىياس قىلىنماقتىدۇر. ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان بۇ تۈرك توپىنىڭ ئورتاق تىلى تۈركىيە تۈركچەسىدۇر. بۇ مەملىكەتلەردە تۈركلەر تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان گېزىتلەر، ژۇرناللار ھەم مېدىيەلەر تۈركىيە تۈركچەسىنى قوللانماقتىدۇر.

ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى مەملىكەتلەرگە، ئامېرىكا ئاساس بولغان ھالدا شىمالى ۋە جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مەملىكەتلەرگە، ۋە ئاۋېستىرالىيەگە يەرلەشكەن سۆزلەشكۈچىلەر سايىسىدە، بۈگۈن تۈرك تىلى دۇنيانىڭ تۆرت بۇرجىكىدە ياشىلىدىغان، سۆزلىشىلىدىغان، قوللىنىلىدىغان بىر تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەكتىدۇر. سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان رادىيو، تېلېۋېزۇر پىروگىراممىلىرى، ئېنتېرنېت تارقىتىلمالىرى، دەۋلەت سىرتىدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىتلەر، ژۇرناللار، تەربىيلەش مەركەزلىرى ۋە كۇرسلار سايىسىدە، بۈگۈن تۈرك تىلى يەر يۈزىدە ئاكتىپ بىر شەكىلدە ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزۋاتقان تىل ھالىتىگە ئۆتمەكتىدۇر.

بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتەسىگە باققىنىمىزدا پەرقلىق ھۆكۈمرانلىق دائىرەسىدە، ئەمما چېگرىداش مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ۋە ناھايىتى ئوخشايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان تۈرك يىلتىزلىق خەلقلەرنىڭ تىل ئورتاقلىقىدىن باشقا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۈيۈك ئورتاقلىقى ھەممە بىلىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئاناتولىيەدىكى بىر خەلق ناخشىسى بالقانلاردا، ئوتتۇرا شەرقتە، كاپكازلاردە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياڭرىماقتا، ئاڭلانماقتا ۋە ئېيتىلماقتىدۇر. تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئېسل تامىقى بولغان مانتا، چوڭ-كىچىكلىكى ياكى ئىسمى ئۆزگەرسە ئۆزگەرسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەمى سىبىرىيەدىن جۇڭگوغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگىچە ھىچ ئۆزگەرمىگەندۇر. خوجا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ داڭقى ۋە لەتىپەلىرى تۈرك يىلتىزلىق خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغىنىدەك، ئوخشاش جۇغراپىيەدىكى قوشنا خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغاندۇر. بولۇپمۇ تۈرك تىلىدا سۆزلىشەرلەر (سۆزلەشكۈچىلەر) ئارىسىدا ئەڭ دىققەت چېكىدىغان ئوخشاشلىق سۆز بارلىغىدا ۋە جۈملە قۇرۇلمىسىدا ئىپادىلەنمەكتىدۇر.

دۇنيادىكى كۆپ مەملىكەتلەردە قۇرۇلغان تۈركولوگىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تۈرك يېزىق تىللىرى، لېكسىلوگىيە ئۆلچەملىرىگە ئاساسلىنىپ ئايرىلغان سۆز بارلىغى بايلىقىغا كۆرە، بۇ ئۆز-ئارا ماسلىشىشچان ھالەتتىكى سۆزلەرگە ساھىبتۇر. ھېچقانداق يات تىلىدىن ئالمىغان ساپ تۈركچە سۆزلۈك سايىسىدە، تۈرك خەلقلەرى ئوتتۇرغا باشقا بىر ئالاقە ۋاسىتىچى قويماستىن، ئۆز ئانا تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ.

پۈتۈن بۇ يازما تىللاردا ۋە شېۋىلەردە سان، ئالماش ۋە پېئىللار ئورتاقدۇر. ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن جۇڭگۇنىڭ ئىچ ئۆلكىلىرىگە قەدەر سۇزۇلغان جۇغراپىيەدە 220 مىليۇن ئىنسان بىر، (ئىككى، ئىكى) ئۈچ، (دۆرت، تۆرت) بەش، (ئالتى، ئالتە)، (يەدى، يەتتە)، (سەكىز، سەككىز)، (دوكۇز، توقۇز، توققۇز)، ئون دەپ سانىماقتىدۇر. بىر نەچچە سانلاردىكى كىچىككىنە تاۋۇش ئۆزگىرىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بارلىق سانلاردا بىر ئورتاقلىق ئىپادىلەنمەكتە. دىيالېكىتلار ئارىسىدىكى بۇنداق تاۋۇش پەرقلىرى ئومۇمىي ھادىسەدۇر ۋە قانۇنىيەتلىك ھالدا باشقا سۆزلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ.

يۇقىرقىلارغا مىسال سۈپتىدە ئوخشىمىغان ساھەلەردىن بىر قانچە كەلىمەلەرنى كۆرسەتسەكلا يېتەرلىك: 

مۇھىت ۋە تەبىئەتكە ئائىت سۆزلەر:

تۈركىيە تۈركچەسى. Toprak؛ ئەزەربەيجان ت. Torpag؛ تۈركمەن ت. Toprak؛ تاتار ت. Tufrak؛ قازاق ت. Toprak؛ ئۇيغۇر. Toprak؛ ئۆزبەك ت. Tuprak؛ قىرغىز ت. Topurak.

تۈركىيە تۈركچەسى. dağ؛ ئەزەربەيجان ت. dağ؛ باشقۇرت ت. Tav؛ تاتار ت. Tav؛ قازاق ت. Tav؛ قىرغىز ت. Too؛ ئۆزبەك ت. tağ؛ تۈركمەن ت. dağ؛ ئۇيغۇر. tağ.

تۈركىيە تۈركچەسى. ağaç؛ ئەزەربەيجان ت. agac؛ تاتار ت. agaç؛ قازاق ت. agaş؛ تۈركمەن ت. agaç؛ ئۇيغۇر. Yagaş؛ خاككاس ت. Agas.

Türkiye T. Çiçek; Başkurt T. Sesek; Kazak T. Şeşek; Kırgız T. Çeçek; Özbek T. ÇeçekTatar T. ÇeçekUygur T. Çeçek.

Türkiye T.  DikenAzerbaycan T. TikenKazak T. TikenKırgız T. TikenÖzbek T. TikenTürkmen T. Tiken; Uygur T. Tiken.

Türkiye T. yaprak;  Azerbaycan T. yarpagBaşkurt T. yaprakTatar T. yafrakKazak T. japırakÖzbek TyeprakTürkmen T. yaprak.

 

رەڭلەرگە ئائىت سۆزلەر:

Türkiye T. akAzerbaycan T. Tatar T. akBaşkurt T. ak;  Kazak T. akKırgız T. ak;  Özbek T. åk;  Türkmen T. āk;  Uygur T. ak.

Türkiye T. karaAzerbaycan T. gara;  Başkurt T. karaTatar T. karaTürkmen T. garaKazak T. kara;  Kırgız T. kara;  Uygur T. kara.

Türkiye T. sarıAzerbaycan T. sārı; Başkurt T. harı Tatar T. sarı Kazak T. sarı; Kırgız T. sarı;   Özbek T. sarık;  Türkmen T. sārı;  Uygur T. serik.

Türkiye T. kızıl;  Azerbaycan T. gızıl;  Başkurt T. kızılTatar T. kızıl;  Kırgız T. kızıl;  Özbek T. kızılTürkmen T. gızıl;  Uygur T.  kızıl.

Türkiye T. boz;  Azerbaycan T. bozBaşkurt T. buzKazak T. boz;  Kırgız T. bozÖzbek T. boz;  Türkmen T. boz;  Uygur T. boz.

 

ھايۋانلارغا ئائىت سۆزلەر:

Türkiye T. atAzerbaycan T. at;  Başkurt T. at;  Tatar T. atKazak T. atKırgız T. atÖzbek T. at;  Türkmen T. atUygur T. at.

Türkiye T. kuyruk;  Azerbaycan T. guyrukBaşkurt T. koyorokKazak T. kuyrukKırgız T. kuyrukÖzbek T. kuyrukTatar T. koyrukTürkmen T. guyrukUygur Tkuyruk.

Türkiye T. aslan;  Azerbaycan T. aslan;  Başkurt T. arıslan;  Kazak T. arıslanKırgız T. arslanÖzbek T. erslanTatar T. arıslanTürkmen T. arslanUygur T. arslan.

Türkiye T. koyun;  Azerbaycan T. goyunBaşkurt T. kuyınKazak T. koy;  Kırgız T. koyÖzbek T. koy;  Türkmen T. goyun;  Uygur T. koy.

Türkiye T. kuş;  Azerbaycan T. guşBaşkurt T. koşKazak T. kusKırgız T. kuşÖzbek T. kuşTürkmen T. guş;  Uygur T. kuş.

Türkiye T. kurt;  Azerbaycan T. gurdBaşkurt T. kortKazak T. kurtKırgız T. kurtÖzbek T. kurtTatar T. kort; Türkmen T. gurt; Uygur T. kurt.

Türkiye T. turnaAzerbaycan T. durna;  Başkurt T. tornaKazak T. tırnaKırgız T. turnaÖzbek T. turnaTatar T. tornaTürkmen T. durnaUygur T. turna.

Türkiye T. balık;  Azerbaycan T. balıgBaşkurt T. balıkKazak T. balıkKırgız T.  balıkÖzbek T. balıkTürkmen T. balık;  Uygur T. belik.

 

مەدەنلەرگە ئائىت سۆزلەر:

Türkiye T. demirAzerbaycan T. demir;  Başkurt T. timirTatar T. timirKazak T. temirKırgız T. temirÖzbek T. temirTürkmen T. demirUygur T. tömür.

Türkiye T. altınAzerbaycan T. altunBaşkurt T. altınTatar T. altınKazak T. altınKırgız T. altınÖzbek T. altinTürkmen T. altınUygur Taltun.

Türkiye T. gümüşAzerbaycan T. gümüşBaşkurt T. kömüşTatar T. kömişKazak T. kümisKırgız T. kümüşÖzbek T. kümüş;  Türkmen T. kümüşUygur T. kümüş.

Türkiye T. taşAzerbaycan T. daşBaşkurt T. taşTatar T. taşKazak T. tasKırgız T. taşÖzbek T. taşTürkmen T. daşUygur T. taş

 

تەن ئەزالىرىغا ئائىت سۆزلەر:

Türkiye T. baş;  Azerbaycan T. baş;  Başkurt T. baş;  Tatar T. baş;  Kazak T. bas;  Kırgız T. baş;  Özbek T. baş;  Türkmen T. baş;  Uygur T. baş.

Türkiye T. diş;  Azerbaycan T. diş;  Başkurt T. tiş; Tatar T. tiş;  Kazak T. tis;  Kırgız T. tiş;  Özbek T. tiş;  Türkmen T. diş;   Uygur T. tiş.

Türkiye T. dil;  Azerbaycan T. dil;  Başkurt T. til; Tatar T. til;  Kazak T. til;  Kırgız T. til;  Özbek T. til;  Türkmen T. dil;   Uygur T. til.

Türkiye T. ayak;  Azerbaycan T. ayak;  Başkurt T. ayak; Tatar T. ayak;  Kazak T. ayak;  Kırgız T. ayak;  Özbek T. ayak;  Türkmen T. ayak;   Uygur T. ayak.

Türkiye T. kol;  Azerbaycan T. gol;  Başkurt T. kul; Tatar T. kul;  Kazak T. kol;  Kırgız T. kol;  Özbek T. kol;  Türkmen T. gol;   Uygur T. kol.

Türkiye T. göz;  Azerbaycan T. göz;  Başkurt T. küz; Tatar T. küz;  Kazak T. köz;  Kırgız T. köz;  Özbek T. köz;  Türkmen T. göz;   Uygur T. köz.

Türkiye T. kulak;  Azerbaycan T. gulag;  Başkurt T. kolak; Tatar T. kolak;  Kazak T. kulak;  Kırgız T. kulak;  Özbek T. kulak;  Türkmen T. gulak;   Uygur T. kulak.

 

يۇقارىدا بېرىلگەن ئۆرنەكلەردىن تۈرك تىللىرىدىكى ئورتاقلىقلارنى ھېس قىلالايمىز، بۇندىن باشقا، تۈرك تىللىرىدىكى پېئىللارمۇ ئاساسەن ئوخشاشتۇر.  

بېرىلگەن بۇ ئۆرنەكلەردە كۆرۈلگىنىدەك، تۈرك يازما تىللىرىدىكى سۆزلەر، بىر-بىردىن بەزىبىر تاۋۇش ئۆزگىرىشى ئارقىلىقلا پەرقلەنمەكتە. تۈرك تىللىرىنىڭ چېگىرلىرى ئېنىق ئايرىلغان مۇستەقىل مەملىكەتلەردە مۇستەقىل يېزىق تىللىرى سۈپتىدە قوللىنىلىشى، بۇ تىللارنىڭ بىر-بىردىن تامامەن مۇستەقىل تىللار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.

بۇ تىللارنىڭ سۆز بىرىكمىلىرى تۈزۈلۈشىدىمۇ ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلەنمەكتە. بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بېقىنغۇچى دائىما بېقىندۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. جۈملە قۇرۇلمىسىمۇ:

ئىگە + تولدۇرغۇچى+ خەۋەر

شەكلىدەدۇر. گاگاۋۇز ۋە قاراي تۈركچەسىگە ئوخشاش ئاز ساندىكى دىيالېكىتلاردىن باشقا پۈتۈن تۈرك تىللىرىدا بۇ ئوخشاشلىق ئىپادىلەنمەكتىدۇر.

ئانا تىلىدا سۆزلەشكۈچىلەرگە كۆرە تىللار ۋە تۈرك تىلى

مەلۇم بىر تىلىنىڭ سۆزلەشكۈچىسىنىڭ سانى جەھەتتىن رەتكە تىزىلىشى، شۇ تىلنى ئانا تىل (بىرىنچى تىل)، ئىككىنچى تىل ۋە چەتئەل تىلى سۈپىتىدە سۆزلەشكۈچىلەر نوقتىسىدىن بىر قانچە ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتىدۇر. ئانا تىل، ئىككىنچى تىل ۋە چەتئەل تىلى سۈپىتىدە قوللانغۇچىلار نۇقتىسىدىن ئىنگىلىزچىنىڭ ئىككى مىلياردقا يېقىن سۆزلەشكۈچىسى بارلىقى بىلىنمەكتىدۇر. شۇ تىلنى ئۆز ئانا تىلى سۈپىتىدە قوللانغۇچىلار نوقىتىسىدىن قىلىنغان تىزمالاردا، (يەنى رەتكە تىزىشلاردا) خەنزۇ تىلى بىر قانچە پەرقلىق دىيالېكىتلىرى بولۇشىغا قارىماي، بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلماقتىدۇر. تاۋۇش، قۇرۇلما ۋە سۆز بارلىقى جەھەتتىن ئايرىم سەككىز دىيالېكىتقا بۆلۈنگەن خەنزۇچىنىڭ، نۇرغۇن دىيالىكىتلىرى بىلەن يەنە ئوردۇچىمۇ قوشۇلغان ھالدىكى ھىندىچىنىڭ پەقەت بىر تىل سۈپىتىدە قارىلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا سۆزلەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ بولغان تىللار تىزمىسىدا خەنزۇچىنىڭ بىرىنچى، ھىندىچىنىڭ تۆرتىنچى تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلنىشىغا قارشى تۈرك تىلىمۇ 220 مىليۇنغا ئۇلاشقان سۆزلىشەرلىرى بىلەن بۇ تىزمىدا پەقەت بىر تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلنىشى لازىمدۇر. بۇ ئۆلچەم بىلەن بولغاندا تۈرك تىلى دۇنيادا سۆزلەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ بولغان تىللار ئارىسىدا بەشىنچى رەتكە ساھىبتۇر.

 

خەنزۇچە

1.300.000.000

سەككىز دىيالېكىتى بىلەن بىرلىكتە

ئىنگىلىزچە

427.000.000

 

ئىسپانچە

266.000.000

 

ھىندىچە

260.000.000

پۈتۈن دىيالېكىتلىرى ۋە ئوردۇچە بىلەن بىرلىكتە

تۈركچە

220.000.000

پۈتۈن دىيالېكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە

ئەرەپچە

181.000.000

پۈتۈن دىيالېكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە

پورتۇگالچە

165.000.000

 

بېنگالچە

162.000.000

 

رۇسچە

158.000.000

 

ياپۇنچە

124.000.000

 

گېرمانچە

121.000.000

 

فىرانسۇزچە

116.000.000

 

 

دۇنيادا تۈرك تىلىنىڭ ئوقۇتۇلىشى

تۈرك تىلنى ئانا تىلى سۈپىتىدە قوللانغۇچىلار سىرتىدا، بىرنچى تىل، ئىككىنچى تىل ۋەيا چەتئەل تىلى سۈپىتىدە قوللانغۇچىلارمۇ كۆپتۇر. بولۇپمۇ تۈركىيە تۈركچەسىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلەردە سۆزلەشكۈچىلىرى بارلىقى مەلۇمدۇر. تىل ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سىرتىدا 34 دەۋلەتتە تۈركىيە تۈركچەسى سۆزلىشەرلىرى بارلىقى مەلۇمدۇر. سۆزلىشەرلەر نۇپۇسنىڭ ئارتىشىدىن باشقا، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشى، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى قاتارلىق يېقىن تارىخدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايۇن ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى كۆتۈردى. تۈركىيە مۇھىم مەركەز ھالىتىگە كەلدى. بۇ تەرەققىياتلار، تۈركىيە تۈركچەسىنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە باشقا ئەللەردە ئۆگىتىلىشىگە يەنى مائارىپ ئورۇنلىرىدا ھەر دەرىجەدىكى يېڭى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا، ئۇنىۋېرسىتېتلەردە يېڭى بۆلۈملەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە ھەرخىل تەربىيلەش كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى تۈرك نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە ئولارنىڭ ئارزۇسىغا كۆرە، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ تۈركچە دەرس تەسىس قىلىنغان سەكسەن يەتتە دەۋلەت باردۇر. ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تۈركچە دەرس تەسىس قىلنغان دەۋلەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئا ق ش، ئافغانىستان، گېرمانىيە، ئانگولا، ئارگېنتىنا، ئالبانىيە، ئاۋىستىرالىيە، ئاۋىستىرىيە، ئەزەربەيجان، باڭلادىش، بىلگىيە، بەنىن، بوسنىيە، بىرازىلىيە، بولغارىيە، بۇركىنا-فاسو، بىرما، چاد، چېخ، دانىيە، ئېكۋاتور گېۋىنيەسى، ھىندونېزىيە، ماراكەش، پىل چىشى قىرغىقى، فېلىپپىن، فىرانسىيە، گابون، گانا، گىۋىنيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كورىيە، ھىندىستان، گوللاندىيە، ئىراق، ئەنگىلىيە، ياپۇنىيە، كامبودژا، كامېرۇن، كانادا، قازاقىستان، كېنىيە، قىرغىزىستان، كونگو، كوسوۋو، لائوس، لىتۋا، لىبېرىيە، لاتۋىيە، ۋېنگىرىيە، ماداغاسقار، ماكىدونىيە، مالىۋى، مالدىۋا ئاراللىرى، مالايسىيە، مالى، مېكسىكا، موڭغۇلىيە، مولدوۋا، ماۋرىتانىيە، موزامبىك، نېپال، نېگىر، نېگىرىيە، سىرىلانكا، سۇدان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان، تانزانىيە، تايلاند، تەيۋەن، تاگو، تۈركمەنىستان، ئۇگاندا، ئۇكرائىنا، ئىئوردانىيە، ۋېيتنام، يەمەن.

بەزى مەملىكەتلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىسىدىكى ئورۇنلاردا تۈركچەنىڭ ئۆگىتىلىشىدىن باشقا، ئالاھىدە كۇرسلارمۇ ئېچىلىپ تەلەپكە ئاساسەن تۈركچە ئۆگىتىلمەكتىدۇر. مۇشۇنداق كۇرسلار ئېچىلغان قىرىق ئالتە مەملىكەت مەلۇم بولماقتىدۇر. بۇلار تۆۋەندىكىچە: ئا ق ش، گىرمانىيە، بىلگىيە، رۇسىيە، بوسنىيە، بۇلغارىيە، ئالجىرىيە، جۇڭگو، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گىرۇزىيە، گوللاندىيە، ئىراق، ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئىتالىيە، ئىسلاندىيە، ياپونىيە، قىرغىزىستان، كولومبىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىۋان، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مالتا، مېكسىكا، مىسىر، موڭغۇلىيە، نورۋېگىيە، پېرۇ، پولشا، پورتۇگالىيە، سىنگاپۇر، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، چىلى، تۈركمەنىستان، ۋېيتنام، گىرېتسىيە

توققۇز مەملىكەتتە تۈرك تىلى سىنىپى ئېچىلغان ئۇنىۋېرسىتېت باردۇر. بۇ مەملىكەتلەر: ئالبانىيە، ئەزەربەيجان، بوسنىيە، گىرۇزىيە، ئىراق، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇمىنىيە، تۈركمەنىستان

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركچە سىنىپ ئېچىلغان، تۈرك تىل - ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۈركولوگىيە بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان يىگىرمە سەككىز دەۋلەت باردۇر. بۇلار تۆۋەندىكىچە: گىرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە، ئەزەربەيجان، بېلورۇسىيە، بوسنىيە، بولغارىيە، ھىندونېزىيە، پىل چىشى قىرغىقى، گىرۇزىيە،ئىراق، ئىران، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، كامېرون، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كولومبىيە، كوسوۋا، لىتۋا، ۋېنگىرىيە، مىسىر، مولداۋا، رۇمىنىيە، رۇسىيە، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ۋېنېسۇئىلا، يەمەن

تۈگەنمە

بۈگۈن تۈرك تىلى تەخمىنەن 12 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرەدە، 220 مىليۇن سۆزلەشكۈچىسى بولغان، يۈزگە يېقىن دەۋلەتتە تەربىيلەش سىنىپلىرى ئېچىلغان، كېلىپ چىقىشى تارىخنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دەۋرلىرىگە قەدەر سۇزۇلغان، 600 مىڭدىن ئاشقان سۆز بارلىقىغا ئىگە بولغان بىر دۇنيا تىلىدۇر. ئۆتمۈشتىن بۇيان، خەنزۇچىدىن پارسچىغا، ئەرەبچىدىن ۋېنگىرچىگە قەدەر نۇرغۇنلىغان تىللار بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىپ كەلگەن تۈركچەنىڭ مۇھىم بىر بارمىقى بولغان تۈركىيە تۈركچەسىنىڭلا دۇنيادىكى باشقا تىللارغا بەرگەن (يەنى باشقا تىللار تۈركچەدىن قوبۇل قىلغان) سۆزلۈكلىرىنىڭ سانى 11 مىڭ ئەتراپىدادۇر. پۈتۈن تۈرك تىللىرىدىن باشقا تىللارغا كىرگەن سۆزلۈكلەر بولسا 20 مىڭ ئەتراپىدادۇر. بۇنىڭ ئىچىدە كېيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت سۆزلەر ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇندىن باشقا تارىختا تۈرك نەسەبلىك خەلقلەر ياشاپ ئۆتكەن ۋە بۈگۈنمۇ ياشاۋاتقان جۇغراپىيەدىكى تۈركچە مەنبەلىك نۇرغۇنلىغان يەر ناملىرى دۇنيا تىللىرىغا كىردى ۋە ھەم قوللىنىلماقتىدۇر.

دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە ئۆگىتىلىۋاتقان، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تېما بولىۋاتقان، دۇنيا تىللىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان تۈرك تىلى، ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ قەدىمىي بولغان دۇنيا تىللىرىنىڭ بىرىدۇر.

     تۈگىدى.

 

تۈركچەدىن ئاغدۇرغۇچى: بايقار

  (بۇ مېنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش ئۈچۈن سىناق تەرىقەسىدە ئۆرۈپ باققان تۈنجى ماقالەم بولغانلىقى، بەزى يەرلىرىگە قۇربىم يەتمىگەنلىكى، تۈركچەنىڭ بەزىبىر سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلى ماڭا ئالاھىدە تۇيۇلغانلىقى ھەم ئۇيغۇر - تۈرك تىللىرى يېقىن تۇغقان تىللار بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە كۈنىمىزدە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماقالىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرۈلۈشى ئۈچۈن ماقالىنىڭ سۆز ۋە جۈملە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئەينەن ساقلاپ قىلىندى. يۇقارىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك قۇربىمنىڭ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بەلكىم ئېنىق بولمىغان ۋە ھەتتا خاتا ئۆرىگەن يەرلەر بولۇشى ئېنىق،  تۈركچەنى ئوبدان بىلىدىغان دوستلارنىڭ تەكلىپ- پىكىرلىرنى سۇنۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن).

 ھۆرمەت بىلەن تۈركچەدىن ئاغدۇرغۇچى بايقار .

دوستلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، تۈركچە تور بەت ئادېرىسى ، بۇ تۈركچە تۈرك تىل جەمئىيەتىنىڭ  (Türk Dil Kurumu) تور بەت ئادېرىسى :
http://www.tdk.gov.tr/TR/Genel/A ... 2EF4376734BED947CDE
بۇ ماقالىنىڭ تۈركچەسى مۇشۇ تۈرك تىل جەمئىيەتىنىڭ باش بىتىدە يەنى  مۇشۇ جەمئىيەتىنىڭ جەمئىيەت بەلگىسىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك ماۋزۇلۇق بەتلەرنىڭ ئەڭ ئاستىدا   Türk Dili Dünya Dili دېگەن ماۋزۇدا...قىممەتلىك تەكلىپ پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
UYGHURAAA + 100 ئەجىر كۆپ
ھىلال + 100 داۋاملىق تىرىشىڭ.
Xaparang + 50 بىلمىگەننى بىلدىم ، رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 250   باھا خاتىرىسى

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580141
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 10:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دوستىمىز<<بايقار>>نىڭ تولىمۇ ياخشى بولغان ئۇشبۇ سەمەرىلىك ئەمگىكىنىڭ مىۋىسى بۇلمىش<<تۈرك تىلى-دۇنيا تىلى>>ناملىق ماقالىنى تەييارلەپ بىزگە سۇنغىنىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم!  [s:166]
موشۇنداق ئىسىل،پايدىلىق،نادىر تىما-ئەسەرلەرنى داۋاملىق ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرۇشقا تىرىشقايسىز،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن [s:173]
ئۇيغۇر دىيارىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە...ئوتتۇرا ئاسىيادىن تاكى ياۋرۇپاغا تۇتاش بولغان تۈركىيە...گىچە بولغان موشۇ كەڭ،بىپايان زىمىندا تۈرك قەۋمى بولمىش بىزلەر ئۆز ئانا تىلىمىزدا مەقسەد-مۇددىئالىرىمىزنى شۇ دۆلەت،شۇ ماكاندىكى تۈرك قەۋمى بولمىش قېرىنداشلىرىمىزغا قىينالماي ئۇقتۇرالايمىز ھەم ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالايمىز.
تۈرك دۇنياسى راۋاجلىنىۋاتقان ۋە ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان،تۈرك دۇنياسىمۇ دۇنيادا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە،تۈرك تىلىنىڭ ئورنىمۇ بارا-بارا يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرىلىۋاتىدۇ..

مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

شۇنداق بىر كۈننى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 10:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى خالۇك ئاكالىن ئەپەندىنىڭ ئاشۇنچىۋالا بىلىم ۋە قابىلىيەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە قارىماي تولىمۇ كەمتەر ، ئىسىل، كىچىك پېئىل، يىقىملىق ۋە ساددا ئادەم ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن قول قويغانتىم.مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان ئىلىم ئەھلىنىڭ بىرى مۇشۇ ئەپەندىم. يىرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دېگەن گەپمۇ توغرا ئوخشايدۇ ، ئادەم قانچە ساپالىق ،بىلىملىك بولغانسىرى شۇنچە كەمتەر بوپ قالىدىكەن(ماقالە ئاپتۇرىغا بولغان شەخسىي كۆز قارىشىم) [s:166]  [s:166]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 10:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بىر قىرىندىشىمىز تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەنىدى.بولسا سىزمۇ ئاشۇنداق ماتىرىياللار ،ھىچ بولمىسا توربەت ئادرىسلىرىنى تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20955
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6256
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 10:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جىق كەن ۋووووجۇن بۇ خەتلەرنى ئۆزىڭىز يازدىڭىز ما  [s:148]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25887
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5082
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2011-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نمەدىگەن ئنچكلق بىلەن تەپسىلى بايان قلىپسىز، ئادەمنىڭ مڭىسى ئشلەتكەنسىرى
سازلىشىپ كىتىەمدۇ نمە؟ قايل بولدۇم [s:166]

(دۇنيانىڭ ئۇزى بىر بايلق،شۇ بايلقنىڭ ياخشىسى سالھ ئايالدۇر)
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مۇھەببەت ئەمەست

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22670
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6523
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يوللاپسىز .
ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي!

ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ،ھەق سۆزلىگىن!!!

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9248
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:38:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى خالۇك ئاكالىن ئەپەندىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە قارىماي تولىمۇ كەمتەر ، ئىسىل، كىچىك پېئىل، يىقىملىق ۋە ساددا ئادەم ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن قول قويغانتىم.

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26380
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4537
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ !ئېسىلكەن، راسلا ئېسىل ئەسەركەن !!مەن تارىخىمىزنى بىلىشكەپايدىسى بولغان مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئىزدەيتىم !!   
سىزەگە كۆپ رەھمەت،جاپاچەكتىڭىز ،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم !!موشۇنداق ئىسىل،پايدىلىق،نادىرئەسەرلەرنى داۋاملىق ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!! [s:166]  [s:166]  [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش