مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 4

مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14802
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3888 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 08:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى
                                    
                 مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇماق88 نىڭ تەرجىمىسى  

روجىستىۋا بايرىمى كەچتە يىگىت قىزنى بىرگە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى . ھور ئۆرلەپ تۇرغان قىززىق چايدىن كۆتىرىلگەن خۇش-پۇراق كىشىگە ھوزۇرلۇق ئارام بەخىش بېغىشلايتى .
قىز ئۈزىنىڭ ئاللىقاچان يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى يىگىتكە شۇنچىلىك ئېيىتقۇسى كەلدى-يۇ ، ئەمما ، يىگىتنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان قىزغا قىلغان غەمخورلىقلىرىغا چەن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنىلا ئاران ئېغىزىدىن چىقرالىدى . ئەمما يىگىت خۇشاللىق ۋە ئەستايدىللىق بىلەن قىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ : <بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن > دېدى . بۇنى ئاڭلاپ بىر خىل تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىق قىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىدى ، يىگىتنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى بىلگىنىدە يۈرىكى ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىز-تىز سېلىپ كەتتى .
يىگىتنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ دادىسى شەھەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش لىدىرى ، ئانىسى بولسا شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كىسەللىكلەر دوىتۇرى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بولغۇسى كىلىنگە بولغان تەلپى ئىنتايىن يۇقرى ئىدى . ئۇلار ئائىلىسىگە كىلىن بۇلۇپ كىرگەن قىز كىلىشكەن ، چىرايلىقلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى چۇقۇم ئۆزىنىڭ مۇقىم كەسپى بۇلشى قاتتىق تەلەپ قىلناتتى .
قىز بۇ تەلەپلەرنى بىلگەندىن كىيىن ، ئىنتايىن بەك ئازاپلاندى ، چۈنكى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىك بىر ناھيىدە ئادەتتىكى ئىشچى بۇلۇپ ئىشلەيتى . قىزنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغۇچىلىك ئاتا-ئانىسى ئاز كۈچ چىقارمىغان ، ئاز بەدەللەرنى تۆلىمىگەن ئىدى . تاپقان تەرگىنىنى قىزغا خەجلەپ تۈگەتكەن ئىدى .مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئىككى ئائىلنىڭ پەرىقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ئادەتتىكى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇھىم ئىش قىز خىزمەتتە ئانچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدى .
مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى بەك ئىگىز ئىكەن ، ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ئۆتەلمىگۈدەكمەن دىگەننى ئويلاپ يەتكەن قىز يىگىتنىڭ سۆيگۈ تەلپىنى رەت قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مۇھەببەت باشلانمايلا تۇنجۇقۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . شۇنىڭدىن باشلاپ قىز ئۆزىنى  قەستەن يىگىتتىن قاچۇرۇپ ، يېگىتنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالماسلىققا تىرشىش بىلەن بىرگە خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى .
 ياخشى ئىشلەپ خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەندىلا ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كىلىپ ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلشىغا ئىرشىمەن دىگەننىلا ئويلىغان قىز پۈتۈن كۈچى ۋە پۈتۈن زىھنىنى پەقەت خىزمەتكىلا ئاتىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ خزمەتتە چۇقۇم ئۇتۇق قازنالايدىغانلىقىغا ئىشنەتتى .
3 ئايدىن كىيىن ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردىغان بىر ئىش يۈز بەردى . يەنە ئۇ قىز بىلەن بىرگە شىركەتكە تەڭ خىزمەتكە چۈشكەن سۇ خانقىز يىگىتنى سەۋدايلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلۇپ يىگختنى قوغلىشۋاتاتتى . ئەمما شىركەتتىكى ھەممە ئادەم سۇ خانقىزنىڭ چەت بىر تاغلىق رايۇندىن كىلىپ چىققانلىقىنى ، ئائىلىسىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بىلشەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ىانقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر ئۆمۈر ئاشۇ تاغلىق رايۇندىن باشقا يەرگە چىقىپ باقمىغان جاپاكەش دىھقان ئىدى . سۇ خانقىز ئىككى ئىنىسىنى مەكتەپتە داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۈچۈن بۇ شەھەردە ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش سەۋيىسى بىلەن ياشاپ ، ئىشلەپ تاپقان پۇلىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيگە ئىبەرتىپ بىرىپ ئىككى ئىنىسىنىڭ ئۇقۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتى . قىزنى ھەممىدىن بەكرەك خاتىرجەم قىلغىنى سۇ خانقىزنىڭ ئانچە جەىلىپ قىلىش كۈچى يوق بۇلۇپ چىرايلىق قىزلاردىن ئەمەس ئىدى . شۇڭا قىز ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمىدى ، ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋەردى .
قىز شۇنداق ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ تىرشىپ ئىشلەپ يېرىم يىل بولغاندا بۈلۈم باشلىقى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن قىز شىركەتتىكى ، ئەڭ ياش ، ئەڭ قابىليەتلىك بىردىن-بىر ئايال باشلىق بۇلۇپ قالدى . قىز ئاخىرى مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرگۈدە شارائېتنى يىتىلدۈردى-دە جۈرئەتكە كىلىپ يىگىتنى ئىزدەپ بېرىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى ، يىگىتنى ئۇزۇندىن بۇيان چىن دىلىدىن سۈيدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
يىگىت بۇرۇنقىدەكلا مىھىربانلارچە ئۇتلۇق كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ ئاستا -ئاستا بېشىنى لىڭىشتتى -دە ،:< بەك كىچىكتىڭىز > دېدى .
بۇ ۋاقىتتا قىزغا يۈرىكى توختاپ قالغاندەك ، بىرسى قىزنى چۇڭقۇر دېڭىزغا تاشلىۋەتكەندەك ، جاھان پىرقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى .
قىز سۇ خانقىز بىلەن يىگىتنىڭ ھىكايىسىنى بىلگىنىدە تېخىمۇ بەك ئازاپلاندى . بىر كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، ئەمما قىز بىر سودىدىكى خېرىدارلىرنى مىھمان قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىگىتنى رەت قىلدى . ئۇ كۈنى كۆڭلى يېرىم بولغان يىگىت ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ چىلىق-چىلىق مەسىت بۇلۇپ كەتتى . ئېغىر مەسىت بۇلۇپ خۇدىنى يۇقاتقان يىگىتنى  سۇ خانقىز ئۆيگە ئاپرىپ قويدى ۋە يىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى .
سۇ خانقىز مۇھەببەتكە دادىل مۇئامىلە قىلدىغان ، ئۆزىنىڭ بەختىنى يۈرەكلىك ھالدا قوغلىشىدىغان بىر قىز بۇلۇپ ، ئۇ يىگىتكە ئۆزىنىڭ مۇھاببىتىنى ئىزھار قىلدى . ئانچە كۆزگە كۆرىنىپ كەتمەيدىغان ئادەتتىكى بىز قىزنىڭ جاسارىتى يىگىتنى تەسىرلەندۈردى . شۇنداق قىلىپ قىز تىرشىپ-تىرمىشىپ خىزمەت قىلغان بۇ يېرىم يىل قەريانىدا سۇ خانقىزمۇ ئۆزىنىڭ ئاددى-ساددىلىقى ، ئاق-كۆڭۈللىكى بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى .
قىز تۇيۇقسىز شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىكى ، شاھزادە كۈل قىزغا ئاشىق بۇلۇپ ئەمرىگە ئالغىنىدەك ، مەلىكىمۇ بەزىدە ئادەتتىكى يىگىتلەرگە كۈيۈپ قېلىپ ياتلىق بۇلىدىكەن .
ئەسلىدە مۇھەببەتنىڭ بۇسۇغىسى بولمايدىكەن . مۇھەببەتنىڭ بارىلىق بۇسۇغىللىرى پەقەت ئادەملەر ئۆزلىرى-ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسۋالغان بىر قەبرىكەن خالاس !



مەنبەسى - خەنزۇچە伴侣 ژورنىلى 2010 - يىللىق 11 سان .



http://blog.sina.com.cn/esma88

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ... داۋامى بارمۇ - يا !؟ ...

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7763
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇماق ، بۇتەرجىمە ئەسرىڭىزنى ئۇقۇپ ھۇزۇرلاندىم  ، ئەسەرلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق كۈرۈشتۈرۈپ تۇرغايسز  .

قـىل ،بىل گەنگە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18734
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3186
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىشلار ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكمۇسىقىدۇ،،،!!!!!
                       تېمىنى ياخشى يوللاپ سىز دوستۇم رەخمەت سىزگە،،!!!!!

قـىل ،بىل گەنگە قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26489
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2210
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ،يېزىش جەريانىدا بەزى بىر خاتالىقلار بوپتۇ قايتا تەھرىرلەپ قۇيۇڭ  [s:153]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش