مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 15

ماشا بىلەن ئېيىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2483
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10792
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:16:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماشا بىلەن ئېيىق


 

             بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۆتكەنىكەن ، ئۇلارنىڭ ماشا ئىسىملىك بىر نەۋرىسى باركەن . بىر كۈنى ماشا دوستلىرى بىلەن ئورمانلىققا موگۇ تەرگىلى بېرىپتۇ .ئۇ مېڭىپتۇ  مېڭىپتۇ ھېچكىمنى كۆرمەپتۇ ، ئۆزى يالغۇز قېلىپتۇ .قانداق قىلش كېرەك ؟ ماشا يىغلاپتۇ . دوستۇم! دەپ ۋارقىراپتۇ .لېكىن ھېچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ .تۇيۇقسىز ماشا بىر ياغاچ ئۆڭكۈر ئۆينىڭ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ . ماشا ياغاچ ئۆيگە كىرىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ .
ئولتۇرۇپ ئويلاپتۇ :<بۇيەردە زادى كىم تۇرىدىغاندۇ ؟نىمىشقا ھېچكىم يوقتۇ ؟>دەپ ئويلاپتۇ .
بۇ كىچىك ياغاچ ئۆيدە ناھايىتى چوڭ بىر ئيىق تۇرىدىكەن . پەقەت ئۇ ئۆيدە يوق ، ئورمانلىققا كەتكەنىدى .

كەچتە ئېيىق قايتىپ كېلىپ ماشانى كۆردى .<نىمدېگەن ياخشى قىزچاق !سەن مېنىڭ ئۆيۈمگە نىمە دەپ كەلدىڭ  ؟ مېنىڭكىدە تۇرغىن ، ماڭا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگىن، كەچلىرى ناخشا ئېيتىپ بەرگىن .>دەپتۇ ئېيىق .

شۇنداق قىلىپ ماشا ئورماندا ئېيىقنىڭ يېنىدا ياشاپ قاپتۇ .ئەتىگەندە ئېيىق ئورمانغا چىقىدىكەن .ھەم ماشاغا ئۆيدىن چىقما ، ئەگەر ئۆيدىن چىقساڭمەن سېنى يەۋېتىمەن دەيدىكەن .ماشا قانداق قىلىپ بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشنى ئويلاپتۇ .ئويلا-ئويلا ئاخىرى بىر چارە تېپىپتۇ .

بىر كۈنى ئېيىق ئورماندىن قايتىپ كەلگەندا ماشا ئۇنىڭغا :<ئېيىقچاق ، ئېيىقچاق ، مەن يېزىغا بارسام بولامدۇ>دەپتۇ .<قارىغىنە نىمىدېگەن ياخشى گۆشنانلار بۇ ، ئەگەر بۇ گۆشنانلارنى مەن بوۋام بىلەن مومامغا ئاپىرىپ بەرسەم ، ئۇلار ناھايىتى خۇشال بولىدۇ >دەپتۇ .
-ياق -دەپتۇ ئېيىق -سەن ئورمانلىقنى بىلمەيسەن ،قەيەرگە بېرىشنى بىلمەيسەن ، مۇنداق قىلايلى . سەن بۇ يەردە ئولتۇر، يېزىغا بوۋاڭنىڭ يېنىغا مەن باراي .-دەپتۇ
ماشا خۇشال بوپتۇ .

ئۇ چوڭ بىر سېۋەتنى ئاپتۇ ،گۆشنانلارنى ئۇنىڭغا سېلىپ ، ئېيىققا :<مەن سېۋەتنىڭ ئىچىگە گۆشنانلارنى سېلىپ قويدۇم ،سەن سېۋەتنىڭ ئىچىگە قارىما .گۆشنانلارنى يېمە . مەن ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، سېنىڭكى يېزىغا قانداق كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرىمەن >دەپتۇ .
-بولىدۇ -سېۋەتنى بەرگىن -دەپتۇ ئېيىق .
-تالاغا چىقىپ قاراپ باققىن ، يامغۇر يېغىۋاتامدۇ يوق-دەپتۇ ماشا.

ئېيىق ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ .ماشا تېزلىكتە سېۋەتكە كىرىپ ئولتۇرۇپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئېيىق مېڭىپتۇ -مېڭىپتۇ .بىرتال گۆشنان يېمەكچى بوپتۇ .ئۇ كۆتەكتە ئولتاماقچى بولۇپ تۇرىشىغا ، ماشا سېۋەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا -كاتەكتە ئولتاما ، گۆشناننى يېمە ، مېنىڭ مومامغا ئاپىرىپ بەر ، بوۋامغا ئاپرىپ بەر-دەپ ۋارقىراپتۇ .
بۇنى ماشا قانداق قىلىپ كۆرگەندۇ دەپ ئويلاپتۇ ئېيىق .ئۇ سېۋەتنى ئېلىپ يېزىغا قاراپ مېڭىپتۇ . ئۇزاق مېڭىپ بىر يەردە توختاپ ، كۆتەكتە بىردەىم ئولتۇرايچۇ ، گۆشنانلارنى يەۋېتەيچۇ -دەپتۇ .

ماشا سېۋەتتە تۇرۇپ -كۆرۈپ قالدىم ،كۆرۈپ قالدىم !كۆتەكتە ئولتاما ، گۆشناننى يېمە ، مېنىڭ مومامغا ئاپىرىپ بەر ، بوۋامغا ئاپرىپ بەر-دەپ ۋارقىراپتۇ .
-نىمىدېگەن ئەقىللىق !-دەپ ئويلاپتۇ ئېيىق .ھەممىنى كۆرەلەيدىكەن ، ھەممىنى ئاڭلىيالايدىكەن دەپ ئويلاپتۇ ئېيىق . سېۋەتنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ  ھەم يېزىغا يېتىپ كەپتۇ .

ئىشىكنى توك-توك قىلىپ چېكىپ -ئىشىكنى ئېچىڭلار ، مەن سىلەرگە گۆشنان ئېلىپ كەلدىم-دەپتۇ .
ئىت ئېيىقنى كۆرۈپ قاۋاشقا باشلاپتۇ .
ئىت مېنى يەۋېتىشى مۇمكىن ،قانداق قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپتۇ ئېيىق .سېۋەتنى ئۆينىڭ قېشىدا قويۇپ قويۇپتۇ ۋە ئورمانغا يۈگرەپتۇ .بوۋىسى بىلەن مومىسى ئۆيدىن چىقىپ ، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپتۇ .
-سېۋەتنىڭ ئىچىدە تۇرغان نىمىدۇر -دەپ سوراپتۇ مومىسى .
بوۋىسى سېۋەتنى ئېچىپ ، سېۋەتنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ماشانى كۆرۈپتۇ .
ماشا ، بوۋىسى ۋە مومىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىپتۇ .

روسى تىلىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى .

مەنبە:بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىر قىلغان <روس تىلى ئوقۇشلۇق دەرىسلىكى>دىن ئېلىندى .(71-بەت)
مىسرانىم تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن onlyتەرجىمىسى .

ئائىلە پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جاي

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36604
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالامغا ئۇقۇپ بېرەي، بەك ئامراق مۇشۇنداق ھىكايىلەرگە.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:22:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىيىق ئىتتىن قورقامدىكەن؟!... [s:123]  [s:159]

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2483
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10792
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:26:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت Desni كە 2011-01-29 01:22 AMئەۋەتىلدى :
ئىيىق ئىتتىن قورقامدىكەن؟!... [s:123]   [s:159]

ئۇنى بىلمىدىم جۇمۇ !ئەسلى ئەسەردە قانداق بولسا شۇنداق تەرجىم قىلىۋەردىمغۇ ...[s:123]

ئائىلە پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جاي

ئىتقادسىز مىللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6453
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 2558 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2014-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:26:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمىڭىزنى كۈرۈپ بالىلىق ۋاقىتىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .بۇھىكايە شۇ چاغلاردىكى بىر بالىلار ئوقۇشلۇقىغىمۇ ياكى دەرىسلىك كىتابقىمۇ ئىشقىلىپ بىرسىگە كىرگۈزۈلگەن ،يەنە كىلىپ  سۈرەتلىك ئىدى .مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم .بۈگۈن سىزنىڭ ئەجىر قىلىشىڭىز بىلەن يەنە قايتا كۈرۈشكە نىسىپ بولدى .رەھمەت ھارمىغايسىز .

تەۋرەنمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16723
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3858 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:27:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدىكى ۋاقتىمدا ئوقۇغان بۇھىكايىنى .....
دەرسلىك كىتاپتا ئوقۇدۇممۇ ياكى باشقا كىتاپتىنمۇ ھىچ  ئىسىمدە قالماپتۇ.
ماۋزۇنى كۆرۈپلا شۇ ھىكايە ئېسىمگە كەلگەن.

بولىۋەرسە ئىتقا  كۆر ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان .
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان .

تەۋرەنمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16723
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3858 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:29:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت ARSILAN كە 2011-01-29 01:26 AMئەۋەتىلدى :
بۇتىمىڭىزنى كۈرۈپ بالىلىق ۋاقىتىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .بۇھىكايە شۇ چاغلاردىكى بىر بالىلار ئوقۇشلۇقىغىمۇ ياكى دەرىسلىك كىتابقىمۇ ئىشقىلىپ بىرسىگە كىرگۈزۈلگەن ،يەنە كىلىپ  سۈرەتلىك ئىدى .مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم .بۈگۈن سىزنىڭ ئەجىر قىلىشىڭىز بىلەن يەنە قايتا كۈرۈشكە نىسىپ بولدى .رەھمەت ھارمىغايسىز .


ئىككىمىز ئوخشاش ئىنكاس يىزىپتۇقمۇ نىمە...

بولىۋەرسە ئىتقا  كۆر ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان .
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان .

ئىتقادسىز مىللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6453
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 2558 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2014-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:38:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت motewar كە 2011-01-29 01:29 AMئەۋەتىلدى :


ئىككىمىز ئوخشاش ئىنكاس يىزىپتۇقمۇ نىمە...

شۇنى دەيمەن. قارىغاندا ئىككىمىز ناتۇنۇش ساۋاقداشلاردىنمۇ نىمە ؟ئەمەلىيەتتە كىممۇ بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتەلەيدۇ دەيسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97736
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 01:49:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ قۇيۇپ،بالىلىقنى ئەسلەپ كېتىپسىلەرغۇ...

تۇرۇپ مېنىڭمۇ شۇ بالىلىقتىكى بىغۇبار،غەم ئەنىدشىسىز ئۆتكەن چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 03:11:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنڭىمۇ ئېسىمدە.....بولۇپمۇ سېۋەتتىكى گۆشنان بەكرەك ئېسىمدە قاپتىكەن، دەرس ۋاقتىدا قورساق ئېچىپ، ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتكەندە ئوقۇغان بولغىيمىتىم،گۆشنان دېسە ئېغىزىمغا سېرىق سۇ كەلگىنى ئېسىمدە.................. [s:136]  [s:179]

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش