جاھاندا يىگىت دىگەن تولا،كوچىغا چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇددى ئەرلەر دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز،ئەمما ئۇلار ھەرقايسى جەھەتلەردىن بىر-بىرىدىن روشەن ھالدا پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.شۇڭا،يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى يىگىت دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىسىمۇ،يامىنىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. |
ئۇنداق بولسا قانداق يىگىتلەر ياخشى يىگىت ھېسابلىنىدۇ؟ |
پۇل تاپالىغان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ياخشى يىگىت بولۇپ كېتىشى ناتايىن. |
نۆۋەتتە بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى تېخى مۇكەممەللىشىپ كەتمىگەنلىكتىن،بىر تۈركۈم ساختىپەزلىككە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان يىگىتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ناۋادا سىزبۇخىلدىكى يىگىتلەردىن ئۆزىڭىزگە جۆرە تاللىغان بولسىڭىز،ئائىلىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە مۇقىم،بەخىتلىك بولىشىدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ. |
يەنە بىرخىل يىگىتلەر بولۇپ،ئۇلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مۇھەببەت بازىرىنى ئىگەللەشكە تىرىشىدۇ.بۇنداق يىگىتلەرنىڭ كەسپىمۇ،ئىقتىسادىمۇ بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئازراق پۇل تاپسىلار قىزلارغا خەجلەپ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى كەينىگە سېلىۋىلىپ ئەخمەق قىلىدۇ.بۇنداق يىگىتلەر ئىتايىن خەتەرلىك ھەم رەزىل كېلىدۇ، ئەگەرسىز مۇشۇنداق يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالسىڭىز كۈنىڭىز ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەش بىلەن ئۆتىدۇ. |
ئۇنداقتا كۆڭۈلدىكىدەك يىگىتنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟ |
كۆڭۈلدىكىدەك يىگىتلەر ئىنتايىن كۆپ ،ئۇلار تەمكىن بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ.لېكىن بۇنداق يىگىتلەر سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ئاسانلىقچە چېلىقمايدۇ. پۈتكۈل جەمىئىيەتنىڭ ئىقتىسادى،سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەلگۈسى ئىستىقبالى بۇلارنىڭ قولىدا بولىدۇ. |
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە دىپلوم بولسىمۇ بەزىلىرىدە دىپلوم بولمايدۇ.لېكىن مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئىنىق تۇرمۇش نىشانى بولىدۇ،مەقسەتسىز ياشىمايدۇ. |
ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز دائىم تاڭسا خانا، دىبا قاتارلىقلارغا كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدىغان يىگىتلەر ئاساسىي جەھەتتىن ساۋاتسىز ياكى ئىقتىسادى ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.يۇقىرى قاتلاملىق بىلىمگە ئىگە يىگىتلەرمۇ بۇنداق جايلارغا ھەۋەس قىلىدۇ لېكىن ئۇنداق مېھرىنى ئۈزەلمىگىدەك دەرىجىدە بېرىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسى جايىدا بولۇپ ھەرقانداق ۋاقىتتا خىزمەت بىلەن |
كۆڭۈل ئېچىشنىىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ.بۇنداق يىگىتلەرئاساسىي جەھەتتىن ئىدارە،جەمىئىيەت،شىېركەتلەردە ياكى مەدەنىيەت،سەھىيە ۋە مائارىپ سەپلىردە خىزمەت قىلىدۇ. |
ئەگەرسىزمۇ مۇشۇنداق ياخشى يىگىتلرنى بايقىيالىسىڭىز ياكى ئۇلارغا ئېرىشەلىسىڭىزبەختىڭىز ئېچىلغان بولىدۇ،چۈنكى بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ نىكاھ ئىشىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ ،قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەيدۇ. |
بۇنداق يىگىتلەرنىڭ مىجەزى ئېغىر كېلىدۇ.ئۇلار قىزلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.بۇنداق يىگىتلەرنىڭ يىتەرسىزلىك تەرەپلىرى بولسىمۇلېكىن يەنىلا ياخشى يىگىت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەرقىزلارئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىسە، ئاخىردا بەلكىم ئادەتتىكى قىزلارمۇ ئۇلارغا جورا بوپ قېلىشى مۇمكىن، ئەكىسچە ياخشى قىزلار ياخشى يىگىتنى ئۇچراتقاندا تەشەببۇسكار بولۇشقا پېتىنالماي ئاخىردا ئادەتتىكى يىگىت ئۇچراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.بۇنداق يىگىتلەرنى نىشانلاپ قويغان قىزلار چوقۇم تەشەببۇسكاربولسا مۇۋاپىقىيەت قازنالايدۇ،دىمەك بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ پۇشايمان قىلغاندىن ياخشى. |
قىزلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا يىگىتلەر،يىگىتلەرنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ نازۇك تەرەپنى ئىگىلەش ئەڭ قىيىن،بۇ ئىرادىلىك قىزلارنى يىگىتلەرنى دائىم كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشى شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈستىنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش. مۇشۇ ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتەلىسىڭىزلا ئاندىن دوستلىرىڭىزنىڭ كۆزى قىزارغۇدەك يىگىتكە ئېرىشەلەيسز. |
قىسقىسى،قىزلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا يىگىتلەر ئالدىمغا كېلىپ تەلەپ قويسۇن، دەيدىغان قاراشنى ئۈزۈل-كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ كۆڭۈلدىكىدەك يىگىتنى ئۇچراتقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ دىقىتىنى قوزغاپ، ئۆزىگە ئىنتىلدۈرۈشنى بىلىشى كېرەك،ياخشى يىگىت ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ياخشى يىگىتلەرنى كۆزلەيدىغانلار كۆپ،ئەگەر تەشەببۇسكار بولمىسىڭىز،پۇشايماندا قالىسىز،قىزلار بۇ جەھەتتە چېچەنرەك بۇلۇشى كېرەك. بۇنى بىر تەرەپتىن بىرخىل ئىدىيە تەييارلىقى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.دىمەك ئۇنى غەرەزلىك ھالدا قوللىنىپ كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتىش كېرەك. |
|
|
مەنبە:<< ئاگاھ بولۇڭ >>ناملىق كىتاب ۋە ئۆزۈم |
|