كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ 1-، 2- قىسمىنى ئېلان قىلىپ ئاز تولا قوللاشقا ۋە ئاچچىق گەپ،تاپا- تەنىگە ئۇچرىغان بولساممۇ، ئاخىرىنى يەنە داۋاملىق يوللاپ ئۆز ئىجادىيەت يولۇم ۋە مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەسلىكىنى توغرا تاپتىم. دوستلار، قېرىنداشلار قوللىسۇن~ دۈشمەنلەر، نائەھلىلەر تىللىسۇن! مەيلى ......
1. قىسىم ئادرىسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34688.0html
2. قىسىم ئادرىسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34759.0html
ئەگەر بۇ كۈندىلىك خاتىرەمدىكى مەلۇم ئەسلىمىلەر سىزنىڭ ئەينى بىر گۈزەل ياشلىق ئەسلىمىڭىزنى ئەسكە سالسا ۋە ياكى سىزنى مەلۇم تۇرمۇش ھەقىقىتى توغرىسىدا ئويلاندۇرۇش، جەمئىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتسە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن!
3- قىسىم ئېچىۋېتىلگەن خاتىرە ( تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىق 2001- يىلى 9-ئايدىن،2002 -يىلى 9- ئايغىچە)
بۈگۈن مەن سىنىپتا كۈلكىگە قالدىم، مەكتەپتىن ئوچۇق دەرس ئاڭلىغان ئىدى، مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا مۇئەللىم مەندىن جىقراق سوئال سورىدى. تۇيۇقسىز مەندىن چوڭ بولغاندىكى ئارزۇيىڭىز نېمە دەپ سورىغانتى، مەن گۈدەك خياللىرىم بىلەن < خا دەيفۇ لىقتا ئوقۇيمەن > دېدىم. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈن سىنىپتىكى ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى كۈلۈپ كەتتى. مەندەك بىر سەھرا يېگىتى خا دەيفۇ دېگەننى قانداق چۈشەنسۇن؟ نېمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمىدىم. دەرستىن چۈشسەم ،مالىم ماڭا< ئۇكا، خا دېگەن قاراقاش لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خالىق دوختۇر دېگەن گەپ، دەيفۇ دېگەن گەپ دوختۇر دېگەنلىك شۇ، بىز يىشېڭ دەپ ئۆگەنگەن. يەرلىك خەلق بۇ داڭلىق دوختۇرنى خا دەيفۇ دەپ ئادەتلەنگەن، ئۇ دېگەن ئۇنۋان نامى ئەمەس > دېدى. راس ئويلىسام بەك كۈلكىلىك ئىش قىپتىمەن. خەپ ، ئەمدى خەنزۇتىلى دېگەننى ئۈگەنمىسەم ، ئەمما مەن تېخىچە خەنزۇ خەتنىڭ ئۈستىگە پىننيچىنى تولدۇرۇپ يازىمەن، مەن ،سەن ، ئۇ دىن باشقىنى بىلمەيمەن. قانداق ئۆگىنەمەن. ئۆيدىكىلەر تېخى ساۋاتسىز، ئەجەپ بېشىم قاتتى. ....
2001-يىلى 9- ئاينىڭ 11. كۈنى سەيشەنبە.
بۈگۈن بىز قۇرت تەرگىلى ئۈژمىلىككە باردۇق. ھەممىمىز ئۈژمە غازاڭلىرىغا چۈشكەن قۇرتلارنى ئۈژمىگە يامىشىپ تېرىپ چىقتۇق، كىم جىق تەرسە شۇنىڭغا جىق مۇكاپات بېرىدىكەن، مەن سىنىپ بويىچە ئىككىنچى بولدۇم. بىز بارلىق ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ بېلىگە سۇليام چېگىپ چىقتۇق، ئاڭلىساق قۇرت چىقالمايدىكەن. بۇ قۇرتلارنى نېمىشقا تېرىمىز دېسەم، دەرەخلەرگە زېيانلىق دەيدۇ... بىز ياكى بىر توخۇ، قۇش بولمىساق قۇرت تېرىپ، قۇرت تازىلايدىغان، قىززىق ئىشتە...
2002- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى جۈمە.
( ئەينى ۋاقىتتا ئۈجمە دەرەخلىرىدىكى قۇرت تازىلاشنىڭ سەۋەبىنى ئۇقمايتتىم، ھازىر چوڭ بولدۇم، ماتىرياللارغا قارىسام، خېمىيۋى دورىلارنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ۋە قۇشقاچنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇلۇپ تۇتۇلۇپ دورىلىققا ئىشلىتىلىشى قۇشلارنىڭ سانىنىڭ كەملەپ كېتىشى ۋە ئۈژمە دەرىخىدىكى قۇرتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە يامرىغان ، جۈملىدىن ناھىيمىز قاراقاش ناھىيسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە... ئەينى يىللاردا خوتەندە پىلە بېقىش دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق قۇشۇمچە ئىقتىسادىي كىرىمى بولۇپ، پىلە قۇرتى ئۈژمە يوپۇرمىقىنى ئىستىمال قىلغاچقا، بۇ پىلە قۇرتى مەھسۇلاتىغا زور تەسىر يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈژمە دەرىخىدىكى قۇتلارنى تېرىش ۋە ئۈژمە دەرىخىگە سۇلياۋدىن بەللىك باغلاش پائاليتىگە سەپەرۋەر قىلغان ئىكەن.
تەبىئەتتىن ناتوغرا پايدىلىنىش، ئاچكۆزلۈك، تەبىئەت ئانىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بىزنى يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ ۋە بىزنى دېشۋارچىلىققا سالىدۇ. )
_________ زىيالىي. كۈندىلىك خاتىرەمدىن
( كېلەركى ساندا ھاياتىمنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرىلىش نۇختىسى بولغان تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتىكى مۇھەببەت ۋەسۋەسىسى ۋە ئۆگىنىش ، ئىمتىھان ئوتتۇرىسىدىكى سەبىي ئەسلىمىلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. چۈنكى مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ھەقىقىي تونۇغان ،ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان بەندە ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئىدىم. بۇندىن كېيىنكى خاتىرەمدە ، تەپەككۇر قىلىش ، ئويلىنىش باسقۇچى بولىدۇ ، ئىمكان بار، مۇھەببەت ھەم ئۈگىنىش خاتىرىلىرىمنى چىن ھالد ا ئاشكارلاشقا تىرىشىمەن.)