مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2614|ئىنكاس: 27

دەھشەت يۇمۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 02:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى خوراز مېكىيان بىلەن بازاردا كېتىۋېتىپ قارىسا رەستىدە توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇلىۋاتقىدەك. خوراز مىكىيانغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ دەپتۇ: «كۆردۈڭمۇ، ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ!»


ئابدۇل بىلەن ئاغىنىسى ئولتۇرۇشتىن كەچ قايتىپ، يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن چىغىر يول بىلەن مېڭىپ مازارلىقتىن ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغدا ئابدۇل: «ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدىغان ئىش بار، جۇمۇ» دەپتىكەن، ئاغىنىسى: «مەن ئايەت بىلمەيمەن» دەپتۇ. ئابدۇل ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. ئاغىنىسى «قانداق قىلىمىز؟» دېسە، ئابدۇل: «ئۆمۈلەپ، تۆت ئاياغلاپ ماڭايلى، ئەرۋاھلار بىزنى ئېشەك ئوخشايدۇ دەپ قالسۇن» دېگىدەك.



بىر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بىرمۇنچە ساراڭلار ماشىنىنى دوراپ: «دۈ..دۈت» دەپ ئويناپتۇ. ئارىدا بىرسى ئۇلارغا قوشۇلماي بىر چەتتە جىم ئولتۇرغان ئىكەن، دوختۇر: «سەن نېمىشقا باشقىلاردەك ئوينىمايسەن؟» دېسە، ھېلىقى ساراڭ: «مەن ئۇلاردەك ساراڭ بولمىسام» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر: «ئۇنداق بولسا سەن راستتىنلا ساقايغان ئوخشايسەن، سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي» دېسە، ساراڭ: «دۈ..دۈت ماشىنىغا چىقىڭ» دېگىدەك.


ئۈچ بەڭگە ئاشخانىغا كىرىپ، ئەينەكنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، كۈتكۈچى كېلىپ: «قانچە كىشىلىك تاماق كەلتۈرەي» دېسە، بەڭگىلەر ئەينەككە بىر قارىۋېتىپ تەڭلا: «ئالتە كىشىلىك» دەپتۇ.



بىر بەڭگە يەنە بىر بەڭگىگە: «ئاداش، مۇشۇ ئۆيگە كىرىۋالغان چىۋىندىن جاق تويدۇم، قانداق قىلسام بولار؟» دېسە، يەنە بىرى: «ئاداش، ئىشىكىڭنىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋەت» دىگىدەك. 



پاتىمە يولدىشى ئابدۇلدىن سوراپتۇ: سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن؟
ئابدۇل: سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسەڭ، مەنمۇ سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
پاتىمە: خۇدايىم جاجاڭنى بەرسۇن!



پاتىمە بازاردا كېتىۋاتسا دوستى ئۇچراپ قېلىپ سوراپتۇ: «ئاڭلىسام يولدىشىڭ تۈگەپ كېتىپتۇ، ھەجەپ تۇيۇقسىزلا قازا قىپتۇغۇ، نېمە ئىش بولغان ئىدى؟»
پاتىمە: «ئۆيدە قورۇما قورۇۋاتاتتىم، قارىسام پەمىدۇر يوق ئىكەن، بازارغا پەمىدۇرغا ئەۋەتسەم، يولدا ماشىنا سوقۇۋېتىپتۇ».
دوستى: «ئاندىن قانداق قىلدىڭ؟»
پاتىمە: «قانداق قىلاتتىم، قورۇمىنى پەمىدۇر سالماي قورىۋەردىم شۇ».


ئۆچكە تېرىسى
ئەپەندىمنىڭ ھويلىسىغا قوشنىسىنىڭ ئۆچكىسى كىرىپ ھەممە گۈللىرىنى چەيلىۋەتكەنىكەن، ئەپەندىم ئاچچىقىدا ئۆچكىنى سويۇپ، تېرىسىنى تۇزلىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قوشنىسى كىشىلەرنى كۆرسىلا ئۆچكىسىنى ماختايدىغان بولۇۋاپتۇ. بىر كۈنى چايخانىدا ئۇ: «ئۆچكەم كالىدەك يوغان ئىدى» دەپتۇ. يەنە بىر كۈنى: «ئاتتەك كېلەتتى» دەپتۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا ئۇ ئۆچكىسىنى ماختاپ: «تۆگىدەك زور ئىدى» دېيىشىگە، ئەپەندىم تاقەت قىلالماي:
--- يالغان سۆزلىمەڭ، ھازىر تېرىسىنى ئېلىپ چىقىپ، شەرمەندە قىلىۋېتىمەن! – دەپتۇ.

پەرىشتە
ناماز شامدىن كېيىن، ئىمام نامازخانلارغا جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنى ماختاپ:
--- جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنىڭ چېچى شۇنچىلىك ئۇزۇنكى، نەچچە پۈكلەپ قولتۇقىغا قىسىپ يۈرۈشىدۇ، --- دېگەنىكەن:
--- چېچىنى قولتۇقىغا قىسىپ يۈرگىنىگە قارىغاندا پەرىشتە دېگەننىڭ بويىمۇ چاغلىق ئوخشايدۇ، --- دەپتۇ ئەپەندىم.


ئەپەندىمنىڭ جاۋابى
ئەپەندىمنىڭ ئوغلى دادىسىدىن:
--- خۇدا ئادەمنى لايدىن ياسىغان دەيدۇ، لايدىن ياسىغاندا خۇمدانغا سالغانمۇ، سالمىغانمۇ؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- ئاياللارنى سالغان، ئەرلەرنى سالمىغان، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- نېمىشقا؟
--- ئەرلەرنى خۇمدانغا سالسا ساقال-بۇرۇتى كۈيۈپ كەتمەمدۇ.



كالاچ كىتاب
ئەپەندىم تويغا بېرىپ، كالىچىنى قوينىغا تىقىپ تۆرگە چىققىلى تۇرغانىكەن، مەھەللىنىڭ ئىمامى ئۇنىڭدىن:
--- ئەپەندىم، قوينىڭىزدىكى نېمە؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- كالاچ كىتاب، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- دۇنيادا «كالاچ كىتاب» دېگەنمۇ كىتاب بولامدۇ، ئۇنى كىم يازغان؟
--- كالىچىنى تولا يوقاتقان بىر زات يازغان، تەقسىر.



قېرىلىقتىن
ئەپەندىم تىۋىپلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر قېرى كىشى كېلىپ ئەھۋالىنى ئېيتىپتۇ:
--- ئولتۇرسام قوپۇشۇم قىيىن.
--- قېرىلىقتىن، --- دەپتۇ ئەپەندىم.
--- پۇت قوللىرىم سىرقىرايدۇ.
--- قېرىلىقتىن.
--- تاماقنى ياخشى ھەزىم قىلالمايمەن.
--- قېرىلىقتىن
بوۋاي ئاچچىقىدا:
---قانداق تىۋىپسەن؟ نېمە دېسەم قېرىلىقتىن، قېرىلىقتىن دەيسەن، باشقا گېپىڭ يوقمۇ؟ --- دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ.
--- سەپرايىڭىزنىڭ مۇشۇ ئۆرلىشىمۇ قېرىلىقتىن، --- دەپتۇ ئەپەندىم.



كىتابپۇرۇش
ئەپەندىم كىتابپۇرۇشلۇق قىلىپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
--- ئەپەندىم، ئوقىتىڭىز قانداقراق؟
--- ئوقىتىمنىڭ تايىنى يوق.
--- نېمىشقا؟
--- بۇ زاماندا پۇلى بارنىڭ ساۋادى يوق، ساۋادى بارنىڭ پۇلى



پەرق
كىشىلەر ئەپەندىمدىن:
--- قاسساپ بىلەن داخاننىڭ قانداق پەرقى بار؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- قاسساپ ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ كېيىن تېرىسىنى شىلىدۇ؛ داخان ئاۋۋال تېرىسىنى شىلىپ كېيىن ئۆلتۈرىدۇ، --- دەپتۇ ئەپەندىم.


ھەممە ئۆلۈم ئوردىدىن
بىر كۈنى پادىشاھ سەلەي چاققاننىڭ ھارغىنىغا قارىماي، ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىزىق پاراڭلارنى قىلغۇزۇپ، كۆڭلىنى خۇش قىپتۇ. ئاخىرىدا، ناپىسەنتلىك قىلدىمۇ ياكى كۈلكە تەس كەلدىمۇ، ئەيتاۋۇر، شاھ «يەل» قويۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئوڭايسىزلىنىپ، نائىلاج گەدىنىنى تاتىلاپتۇ ۋە گەپنى باشقا ياققا بۇراپتۇ:
--- سەلەي، سەن زادى نەدىن؟
--- ئوپالدىن.
--- نېمىشقا شەھەرگە كېلىپ قالدىڭ؟
--- قېچىپ ناپىسەنت قوپالدىن
--- سەن يالغۇز ئوغۇلمىدىڭ؟
--- ياق، بىز ئۈچ ئوغۇل ئىدۇق.
--- سەن نەچچىنچىسى؟
--- مەن كەنجىسى.
--- ئاكىلىرىڭ بارمۇ؟
--- ئۆلۈپ كەتكەن.
--- ئۇلار نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟
--- چوڭ ئاكام ئالۋاڭ تۆلىمەي، چۆلگە پالىنىپ ئىسسىقتا ئۆلدى. كىچىك ئاكام زۇلۇمغا چىدىماي، داردا --- ئېسىقتا ئۆلدى. مەن ئەمدى پاراڭ تۈگىمەي ئوردىدا سېسىقتا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، --- دەپتۇ سەلەي چاققان.

  مەنبە بۇرۇنلاردا توردىن يېغىپ ساقلىۋالغانلىرى


ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:37:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې ھې ....<<دۈ....دۈت>> ماشىنىغا چىقىڭ [s:159]

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

كۈنلىرىم قىممىت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلدىغان يۇمۇرلاركەن   خۇرازنىڭ گىپنى مەېكيان ئاڭلىسا چاتاق  [s:138]  [s:137]

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13134
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3900 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمىنڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارغۇدەك يۇمۇرلاركەن... رەھمەت! داۋامى بولسا، ئايمىغايسىز.....  [s:123]  [s:123]  [s:179]  [s:179]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6426
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239836
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12515 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنجى يۇمۇر بەك مەنىلىك ئىكەن ، رەھمەت .

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يۇمۇرلارنى يوللاپسىز. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ !

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 04:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنقى يۇمۇرىڭىزدىلا ئادەمنى سەت تېلىقتۇرۋەتتىڭىز قالغانلىرى قانچە قىزىقتۇ،،،،، [s:127]  [s:127]  [s:123]  [s:123]  [s:138]  [s:138]

تازا بىر كۈلۋالدىغان بولدۇمدە.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 04:32:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 04:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

پەقەت بىر ئاللاد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2808
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9663
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1355 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 04:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ....
داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز... [s:180]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش