مىنى كەچۈر دىلبىرىم كەچۈر
1 ئابلىكىم = (ئا+ ب+ل+ئى+ك+ئى+م)
ئاشۇ چاغلار ئېسىمدىن چىقماس،
بىر ساڭىلا ياڭرايتتى ناخشام.
لەۋلىرىڭگە باسقانتىم مۆھۈر،
ئىسىڭدىمۇ ھېلىقى ئاخشام.
كەچمىشلىرىم قايتماس ئەسلىگە،
ئىچىم قان-قان بۇنى ئويلىسام.
مۇشۇ بىر رەت كەچۈرگىن مىنى؛
ئاستا مېڭىپ كېلىپ قاپتىمەن،
بۇ ھىكايە باشلانغان جايغا.
لەپ-لەپ قىلىپ قار ياققان ئىدى،
ئىككىمىز دەل تۇنۇشقان چاغدا.
كۈلكىمىزگە ئاشىقتى ئالەم،
ئىزىمىزدىن گۈل ئۈنسە باغقا.
مەن قىلدىم شۇ سۆيگۈنى قەدلى؛
ئاھ نىمانچە تەتۈر پېشانەم،
بارچە بەخىت كەلمەسكە كەتتى.
لەيلى بىلەن مەجنۇندەك گويا،
ئىدىققۇ بىز قوش مېغىز ئەسلى.
كۈزدە ئۇچقان مىسكىن غازاڭدەك،
ئىلاجىسىز سۇلدىققۇ ئەمدى.
مەن ئەخمەقلىق قىپتىمەن زادى؛
ئاڭلىدىڭمۇ قىلغان نالەمنى،
بىلمىدىڭمۇ تۆككەن يېشىمنى.
لاۋىلدايدۇ يۈرىگىمدە ئوت،
ئىشەنمىسەڭ يارغىن دىلىمنى.
كېچىلىرى سەنسىز يۇلتۇزغا،
ئىختىيارسىز ئېيتتىم سىرىمنى.
مىنى كەچۈر دىلبىرىم مىنى.