مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qoqas

كوت-كوت ئاياللار ئائىلىسىنى قانداق قوغداپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

adam aldiha karap yaxixi kirak

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29569
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2902
تۆھپە نۇمۇرى: 205
توردا: 3122 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 05:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئەرلىرىگە مۇلايىم ،خۇشچىراي ،ئىتائەتچان بولۇپ ، ئەرلەرنىڭ ئاچچىغى كەلگەندە گەپ قىلماي،يەرگە قاراپ تۇرىۋالسىلا چوقۇم كۇنلىرى بەختلىك ئوتىدۇ.  [s:166]  [s:141]

تەڭ ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەۋرە ئالدىدا.

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 06:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى قەدىرلىگنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، تۇۋەندىكى سەھىپىنى ئىچىپ كۇرۇڭ http://www.bilik.biz/bbs/thread-23544-1-1.html

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3917
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 0
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 4255 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 07:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4874
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5408
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 07:06:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز.ئاياللارنىڭ كوت -كوتلىقى ئەرلەرنىمۇ،بالىلارنىمۇ.......خىزمەتداشلىرىنىمۇ بىزار قىلىدۇ.

مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26052
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2771
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 09:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلا  گەپ قىلغىنىمدىن تۇلا گەپ قىمىغىنىم ياخشىراق
تۇلا گەپ قىلىپتىم باشىمغا تەگدى تاياق [s:157]

مۇھەممەت

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 10:28:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالنىڭ ئويلىغانلىرى:
مەن ئاخىرى غەلىبە قىلدىم.كۈلپەتلىك،قورقۇنىچلىق،ئازاپلىق ئائىلە تۇرمىشىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇم.ئۇنىڭ قوپال ئاۋازى قۇلۇقىمدىن يىراق بولدى.ئۇنىڭ يىرگىنچلىك مەس تەلەتى كۆزۈمدىن يىراق بولدى.ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلسىلا ئۇرۇپ تېپىدىغان پۇت قولى بەدىنىمدىن يىراق بولدى،دېمەك مەن غەلىبە قىلدىم.
ئۇ ھەر قېتىم مەندىن ئازراق سەۋەنلىك ئۆتسىلا ياكى پىشكەلچىلىككە يولۇقسىلا مىنى ئۇارتتى،تىللايتتى،«خېتىڭنى ئال،قويىۋىتىمەن»دەپ تەھدىت سالاتتى.ھەيرانمەن،بۇرۇن نىمىشقا ئۇنىڭ ئاشۇنداق تەھدىت،تىل ئاھانەتلىرىدىن قورىققان بولغىيدىم... ...
ئېھتىمال ئائىلەمدىكىلەرنىڭ توسۇشىغا قارىماي ئۆزۈم كۆڭۈل بىرىپ،ياخشى كۆرۈپ توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق بولسا كېرەك.بىراق مەن توي قىلىپ نىمىگە ئېرىشتىم؟گۈلدەك چىرايىم سارغايدى،سەۋرىدەك قەددىم ئىگىلدى،قىزلىق غورورۇم دەپسەندە قىلىندى... ...
مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىداپ كەلدىم.يىگەن تاياقلىرىمىنى،ئىششىتكەن تىل-ئاھانەتلىرىمىنى باشقىلاردىن ،ھەتتا ئاتا-ئانامدىنمۇ يۇشۇردۇم.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزى بىلگەننى قىلىۋەردى،بەلكى ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشقىلى تۇردى.ئىش ھەققىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھاراق بىلەن تاماكىغا سەرپ قىلدى،مەن تاياقتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلدىم،نەچچە رەت ئاجرىشىپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ،لىكىن ئىنساننى چۈشەپ كىلىۋاتقان«ئەنئەنە»دىن قورىقتىم،ئەڭ مۇھىمى ئەمدىلا ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئوغلۇمىنى ئويلىدىم... ...
بىراق ئۇ نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ؟نىمىشقا مىنى بۇنچە خورلايدىغاندۇ؟ئېھتىمال مىنى ياخشى كۆرمىسە كېرەك.بۇرۇن ماڭا قىلغان ۋەدىلىرى،شېرىن سۆزلىرى پەقەت مىنىڭ جىسمىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا بولسا كېرەك.
ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا سالغان زۇلۇمى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.ئۇ ئاغزى بۇرنىدىن سېسىق ھاراق پۇرىتىپ ئۆيگە كىرىپ قۇسۇش ئۈچۈن داس ئېلىپ چىقىپ بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن مىنى قاتتىق ئۇردى،خورلىدى،ھەتتا ئاجرىشىپ كىتىش توغرىلىق تىلىمدىن ھۆججەت ئالدى... ...
مەن سوتقا ئەرز سۇندىم.ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدىم.نە ئەر،نە بالا،نە ئاتا-ئانا،بىر تۇغقانلار ئالدىدىكى قورقۇش دىگەنلەر خىيالىمغىمۇ كەلمىدى.
ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىنى كۆرمەمدىغان،سوتتا تېخى بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلمايمەن دەيدۇ.قۇرۇق گەپ،ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىشەنمەيمەن.
چوڭلار ،تۇنۇش-بىلىشلەر ماڭا ئاجراشماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ.بىراق مىنىڭ يۇرىگىم ئاللىقاچان تاشقا ئايلىنىپ كەتتى،ئۇنداق نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغۇم يوق.
بالا دەيدۇ.مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بالىنى ئۇنىڭغا بەردىم.ئۇمۇ چوڭ بولۇپ قالار،مەن بالىنى دەپ ئۆزۈمنى قۇل قىلىشنى خالىمايمەن.
توغرا،مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم،سۆيەتتىم.ئەمما ھازىر مىنىڭ مۇھەببىتىم نەپرەتكە ئايلاندى.ئەلۋىدا،بېشىمغا كەلگەنىنى كۆرەرمەن،ئەمدى چوقۇم ئاجرىشىمەن... ...

ئەرنىڭ ئويلىغانلىرى:
توۋا،ئايالىم سوتقا ئەرز سۇنۇپتۇ.مەندىن ئاجراشماقچى بوپتۇ.بۇ راستمۇ؟توغرا،بۇ چۈشۈم ئەمەسكەن... ...
مەن نىمە قىلدىم؟ئايالىمىنىڭ سوتقا بەرگەن ئەرزىدە يازغانىلىرى راستمىدۇ؟
مان 20كۈن بولدى،مەن ئويلاندىم،يۈرىكىم ئۆرتەندى،ئازاپلاندىم،يىغلىدىم،لىكىن پايدىسى بولمىدى.ئارىغا شۇنچە كۆپ ئادەم سالساممۇ ئۇ ھىچ نىيىتىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس،بىز راستىنلا ئاجرىشىپ كىتەرمىزمۇ؟سوتتا ئۇ ئوغلىمىزغا قاراپمۇ قويماي كىتىپ قالدى.بىچارە ئوغلۇمنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يىغلاپ قاراپ قالغانلىقى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.توغرا،ئۇ بالىسىغىمۇ قارىماي كەتكەن ئانا مەندىن ئاجرىشىشقا ئەلۋەتتە چىدايدۇ -دە.
كۈنلىرىم ھەسرەت پۇشايمان بىلەن ئۆتمەكتە،توغرا،مەن ئۇنىڭغا كۈلپەت ئېلىپ كەلدىم.ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلىمىدىم.ھەممە ئىشتا ئۆزەمنىڭ دىگىنىنى راست قىلىپ،ئۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ كەلدىم.ھاقارەت،تىل-تاياق بىلەن ئۇنى مۇتلەق بويسۇندۇرۇپ،«ئەرلىك غورورۇمنى»ساقلىماقچى بولدۇم.بىراق ئەرلىك غورور ەىگەن نىمە؟خوتۇننى ئۇرۇپ تىللاش ۋە مۇتلەق بويسۇندۇرۇشمۇ؟نېمىشقا بۇنى بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن؟
مەن چۇشەندىم،ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا ئىكەن،چۈنكى ئۇمۇ ئادەم-دە.
بىراق ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى بولمىسا كېرەك،چۈنكى ئۇ ئەمدى مىنى كەچۈرمەيدۇ،كەچۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن،مەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن بەخىتسىز كۈنلىرىنى ئويلىسا ماڭا بولغان نەپرىتى يەنىمۇ ئۆرلەيدۇ... ...
مەن ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىنى ،ئۇنىڭغا قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىمىنى مانا ئەمدى ھىس قىلدىم.لېكىن بۇنى تولىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم.«ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقۇش»دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.
شۇ تاپتا ئاشۇ سەبىي ئوغلۇم ھىچنىمىدىن غېمى يوق ئويناپ يۈرىيدۇ.بىراق ئۇ ئەقلىنى تېپىپ بىزنىڭ مۇشۇ كەچۈرمىشلىرىمىزنى بىلگەندە نىمە دەپ ئويلاپ قالار؟قايسىمىزدىن نەپرەيلىنەر؟... ...
ياق،مەن ئاجرىشىشنى خالىمايمەن،بۇرۇن ئۇنىڭغا دىگەنلىرىم بەلكىم ئاتالمىش«ئەرلىك غورورۇم»بىلەن ئۇنى قورقۇتۇش ئۈچۈن دىيىلگەن گەپلەردۇر.مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،مەڭگۈ شۇنداق.ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرسە،بۇرۇنقى گۇناھلىرىمىنى ئەمىلىي ھەرىكىتىم بىلەن يۇيىمەن،ئۇ ماڭا پۇرسەت بىرەرمۇ ياكى ئامراق ئوغلىمىزنىڭ ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي ئاتا ئالدىدا چوڭ بولىشىنى تاللىۋالارمۇ؟!
ئاھ!مىنىڭ تاش يۈرىكىم بۇرۇن نىمىشقا مۇشۇنچىلىك ئېرىمىگەن بولغىيتتىڭ؟

---------------------شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 10:30:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئەرلىك غورورۇمنى»ساقلىماقچى بولدۇم
تۈفىي ، مانا بۇ ئەرلەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ، ئاياللارمۇ ئادەمغۇ ؟
مىسال : يېزىدا ئاياللارغا قارايدىغان بولساق ، نەق ھازىرقى ۋاقىت ، ئەتىگەن قۇپۇپ ، مال- چارۋىغا يەم بىرىپ ئارقىدىنلا پاقلاندەك بالىلىرىنى ئويغىتىپ ئۇلارغا تاماق بىرىپ ، مەكتەپكە ماڭىدىغان تەييارلىقىنى قىلىپ ، ئۆي جايلىرىنى پاكىزە قىلىپ ............. ، ھېلىقى ( كىيىمىنى پۇف ،پۇف دەپ يۈرىيدىغان ئاتالمىش پاكىزىلەر كۆرسە قاچىدىغان ) خالتىنى ، ياكى تاغارنى كۆتەرگىنىچە ئۆيدىن چىقىدۇ . ئۇ نەگە بارار ، ئەلۋەتتە بىر ئۆينىڭ خېمىدە كېبەزلىككە بېرىپ يىللىق ئەجرىنىڭ مىۋىسىنى يىققىلى ئېتىزغا ، پاختا تەرگىلى بارىدۇ ، قاچانلىققا كىلە ، كەچتە كۆزى كۆرمىگەندە بالىرىنىڭ ، ماللىرىنىڭ قورسىقى ئېچىپ ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە ئاندىن قايتىدۇ ، كىلىدۇ ، يەنە ھىچ ھارغاندەك ئەمەس ، ياق ئۇنداق ئەمەس ئۇ ھارغان ، يەنە نىمىشقا تاماق ئىتىدۇ ، ئۇ ئەتىگەن يىگەن تاماققا ئۇلاپ ، چۈشتە سوق سۇ ياكى ئازراق تال ئۈزۈمى بىلەن قاتتىق ناننى يىگەن ، لىكىن بىر كۈن كەچكىچە ئولتۇرۇپ ، ئالدىغا مۈردەپ ئىشلەپ ئۇنىڭمۇ قورسىقى ئاشقان ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرىنىڭ قورسىقى ئاچتى ، شۇڭا ئۇ ھەممىنى ئۇنتىغان . ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ ..............
بۇ بىركۈنلۈك ئىشمۇ ؟ ياق ، ياق بۇ تۈگىمەس ئىش ، ئەتە تۈگەرمۇ ؟ ياق ، ياق  بۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ . ئۇ .....
شۇنداق ئاياللىرىمىزمۇ بار ، گەرچە نۇزۇگۇم ، رىزۋانگۈل قاتارلىق ئالىجاناپ ئاياللىرىمىزدەك نام قالدۇرمىغن بولسىمۇ ، شۇ نامغا لايىق نى ، نى ئاياللىرىمىز ، مىېرىبان ئانىلىرىمىز ، قەلىپداش ھەدە - سىڭىللىرىمىز بار .
ئادەملەرنىڭ قەلبى مىھىر - مۇھەببەتكە تولغاندا دۇنيا ئاندىن گۈزەل كۆرىنىدۇ ، ئۆز تۇرمىشىدىن رازى بۇلۇپ ، ئاللاغا سېغىنىدۇ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ .....

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 229
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 01:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەزمۇنلۇق تېما بوپتۇ

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26052
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2771
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 06:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قايىل بۇلدۇم . دىمىسىمۇ كوت- كوت ئاياللار ئادەمنى بىزار قىلىۋېتىدۇ  [s:164]

مۇھەممەت

ئاللا ئىمان ئاتا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29637
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 12:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەزمۇنلۇق تېما بوپتۇ  [s:166]

ئاللا ھەممىزگە ئىمان ئاتا قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش