دۇردانە لەتىپىلەر(4)
پۇراق
بىراۋ يەنە بىراۋدىن سوراپتۇ :
ــــ دۇنيادا نىمىنىڭ پۇرىقى يوق ؟
خىيال بىلەن تۇرغان ھېلىقى ئادەم ئۆزىمۇ بىلمەي دەپتۇ :
ــــ خىيالنىڭ
ئەقلى بولسا
بىر سورۇندا ئادەملەرنىڭ چىدىماسلىقى توغرىسىدا گەپ بولۇپ قاپتۇ :
ــــ ئادەم دېگەن غەلىتە مەخلۇق ـ ھە ، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن يامانلاپ، تىللاپلا يۈرگەن، ئادەم زادى قانداق چاغدا نېمىنى تىللىمايدىغاندۇ؟
شۇ سورۇندا بىر شەپشەپ بار ئىكەن ، ئۇ جاۋاب بېرىپتۇ :
ــــ ئۆيىدە خوتۇنىنى تىللىمايدۇ، مۇبادا ئەقلى بولسا !
نەگە قاراش لازىم
بىر كىشى مەھەللە ئىمامىدىن :
ــــ تەقسىر، نامازغا تەرەت ئالغاندا قاياققا قارىغۇلۇق ؟ ــــ دەپ سوراپتۇ .
ئىمام ھايالسىزلا :
ــــ ئەلۋەتتە ، مەسچىت قاياقتا بولسا ، شۇ ياققا قارۇغۇلۇق، ــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر
بىر قىزغانچۇق ئۆي سالدۇرۇپ ، تامچىلارغا دوق قىپتۇ :
ــــ ئۆيۈم كەڭ بولۇپ كېتىپتۇ ، جۆندەپ بېرىڭلار !
ــــ ئۆيۈڭنىڭ كەڭلىكى ئاشخاناڭنىڭ تارلىقىدىن بولغان ، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر ، ــــ دەپتۇ تامچىلار.
قايسى يېقىن بولسا
بىر ساقچى كوچىدا يېتىپ قالغان مەستنى سىلكىشلەپ ئويغىتىپ :
ــــ ئۆيۈڭگە كىتەمسەن ياكى مەن بىلەن ساقچىخانىغا بارامسەن؟ ــــ دەپ سورىدى.
ــــ قايسى يېقىن بولسا شۇنىڭغا كېتەيلى، ــــ دېدى تېخى كەيپىدىن يېشىلمىگەن مەست .
مەنبە: 2003-يىلى 5-ئايدا نەشىردىن چىققان، ماخمۇت مۇھەممەت يازغان «دۇردانە لەتىپىلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىغان. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى.