ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت 我的一切 كە 2011-02-21 10:58 PMئەۋەتىلدى :
مەنمۇ 金山卫士 بىلەن رۇيشڭنى ئىشلىتىمەن....لىكىن يىقىندا كومپۇيۇتىرىم بەك ئاستا ئۈچىدىغان بۇلۇپ قالدى. دوستوم سىستىمىنى قايتا قاچىلا دەيدۇ،لىكىن مەن قاچىلاشنى بىلمەيمەن. [s:157] ئۇنىڭدىن باشقا ئامال بارمۇ؟ ماڭا ياردەم قىلغان بۇلساڭلار بەك خۇش بۇلۇپ كىتەتتىم.. [s:161]
سىستىمىنىڭ كۇندىن كۇنگە ئىغىرلاپ كىتىشى بۇ قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ، سەۋەبى نۇرغۇن ئويۇن ،سىستىما يۇمتاللىرىنى قاچىلىساق گەرچە س رايۇنغا قاچىلىمىساقمۇ ئۇنىڭ تىزىملىتىش نۇمۇرى ، ئىجرا بولۇش كودى ... قاتارلىقلار ئاپتۇماتلىك ھالدا س رايۇنغا قاچىلىنىپ قالىدۇ ، شۇ سەۋەپتىن س رايۇن ئاستا -ئاستا توشۇپ كىتىدۇ. س رايۇن قانچە بەك توشۇپ كەتكەنسىرى كومپىيۇتىر شۇنچە بەك ئىغىرلاپ كىتىدۇ. يەنە بىرى ۋىروس سەۋەپلىكمۇ سىستىما ئىغىرلاپ كىتىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋەبى سىستىمىنى قايتا قاچىلاش ، سىستىمىنىڭ ئەڭ يىڭى ،ئەڭ تولۇق نۇسقىسىنى ئىلىپ ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سىلىپ قاچىلاش دىگەننى بىسىپ قويسىڭىزلا ئىش تامام، ئازراق خەنزۇچە ساۋادىڭىز بولسىلا ئىنتايىن ئاسان .
سىستىمىنىڭ ئىغىرلاپ كىتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ ، پەقەت ۋاقىتنى كىچىكتۇرگىلى بولىدۇ .
س رايۇنغا ئويۇن ، سىستىما يۇمتاللىرىنى قەتئى قاچىلىماسلىق كىرەك ، س رايۇنغا قاچىلانغا نەرسىلەر س رايۇن بوشلىقىنىڭ 3دەن 1 قىسمىدىن قەتئى ئىشىپ كەتمىسۇن ، س رايۇننى ۋاختى- ۋاختىدا تازلاش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ تازلاپ تۇرۇش ، CCleaner. --Your Uninstaller 2010قاتارلىق قۇراللاردىن پايدىلانساق بولىدۇ .، 驱动精灵2011 بۇ يۇمتالدىن پايدىلىنىپ سىستىمىلارنى ئۆز ۋاختىدا يىڭىلاپ تۇرۇش .بىرلا خىل ۋىروسخورنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمەسلىك ئۇنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ...قاتالىقلار ،.
يۇقارقى ئۇسۇللار سىستىمىنىڭ ئىغىرلاپ كىتىشىنى كەينىگە سۇرەلەيدۇ ،. ( شەخسى پىكرىم . مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەسلىھەت بىرىشنى قارشى ئالىمەن)