ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 30قەۋەت muni كە 2011-02-28 12:09 PMئەۋەتىلدى :
بەزى ئەرلەر پەقەتلام ئېغىزنى چوتكىلىمايدۇ.پۇتىنى يۇمايدۇ.شۇنداق مەينەت.ياخشى گەپ قىلسىڭىز قېتىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ.بۇنداق مەينەت ئەرلەر بىلەن قانداقمۇ ياخشى ئۆتكىلى بولسۇن؟ئۇلارنى ئۆزىمىزگە رام قىلىشىمىزنىڭ نىمە زۆرۆرىيتى بار دەيسىز.بۇ خېلى كۆپ ئاياللارنىڭ يۈرەك سۆزى.ئىدارىدە ئاياللار جىق بولغاچ ،بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلايمەن.باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي قېنى....
ماۋۇ گەپ بولمىدى جۇما! بۇ بوشاڭلىق بىز خانىملارغا ياراشمايدۇ. ئۇلار ئوزگەرتىشكە موھتاج. مانا بۇ غەلبە!
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن. يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ . بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. ھەممە ئايال سىزدەك ئويلىسا ئۇلار تۇگەشمەمدۇ. بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇش مەسئۇلىيەتسىزلىك. ياخشى ئايال،كۆيۇمچان ئانا، مۇنەۋۋەر كېلىن بۇلۇش ئۇچۇن قوڭغازدەك روھلۇق بۇلۇشىمىز كېرەك.