كاتتا بىر باي يىگىت ئارزۇسى بويىچە ناھايىتى گۈزەل كىنو چولپىنىنى ئەمرىگە ئاپتۇ. توي كېچىسى ئۇلار مىھرىبانلىق بىلەن ئۆز-ئارا يېشىنىشىپ كارۋاتقا چىقىپتۇ. يىگىت: بىز ئەر-خوتۇن بولغاندىكىن بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەك. مېنىڭ بىر نەچچە مەخپىيەتلىكىم بار سىزگە ئېيتىپ بېرىمەن، ھەرگىز چۆچۈپ كەتمەڭ.
قىز ناھايىتى يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ: كىمنىڭ مەخپىي سىرلىرى بولمايدۇ دەيسىز، سىز سىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىكەنسىز مەنمۇ سىرلىرىمنى سىزدىن ئايىمايمەن. يىگىت بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئالغاچ: مەن تاقىرباش بولۇپ قالغان دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن قىزمۇ بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئېلۋېتىپ: بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار؟ مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا چېچىم يوق ئىدى دەپتۇ. يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋىقىپ قاپتۇ، بۇنى كۆرگەن قىز: مېنىڭ قاپىغىم چىرايلىقمىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنى سۈنئىي كەستۈرگەن. قىلچە ھەيران بولمىغان يىگىت: بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، مېنىڭ كۆزۈمگە قارىڭە…شۇنداق دىگەچ ئۇ سول كۆز قارچۇقىنى چانىقىدىن چىقىرىپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ كۆزى سۈنئىي كۆز ئىكەن. يىگىت ئارقىندىنلا مۇنداق دەپتۇ: مېنىڭ سول كۆزۈملا ئەمەس، چىشىممۇ سالدۇرغان چىش…
قىز بۇنىڭغىمۇ قىلچە ئىرەن قىلماستىن: ھېچقىسى يوق، مەن بۇرنۇمنى 5 قېتىم ئېگىزلىتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان…
يىگىت: راستىمنى ئېيىتسام يۈزۈمدىكى قورۇقنىمۇ سۈنئىي قىلدۇرغان….
قىز بىرنەرسە دىيىشكە تەمشىلىپ، بىر ئاز تۇرىۋېلىپ ئاندىن: مەنمۇ يۇشۇرۇپ يۈرمەي، مېنىڭ بۇ ھۆسنۈممۇ 8 قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، بۇ ھالغا كەلگەن.
يىگىتنىڭ ھەركىتى ئاستىلاشقا باشلاپ مۇنداق دەپتۇ: سىز مۇنداق ئوچۇق ئاشكارا بولغاندىكىن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ مەخپىيىتىمنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي-ئىقتىسادىي كىرزىس تۈپەيلىدىن ۋەيران بولايلا دەپ قالدىم.
قىزمۇ ناھايىتى چوڭ غەيرەتكە كېلىپ: مېنىڭ ئەسلى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق ئىدى، سىز ماڭا مۇنداق سەمىمىي بولىۋاتسىڭىز مەنمۇ ئەڭ چوڭ مەخپىيتىمنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي-مەن ئەسلى قىز بالا ئەمەس ئىدىم، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان.
پاھ!!! ئەجەپ ياخشى بولدى! يىگىت ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ نىقابىنى ئېلىۋېتىپ يۇڭلۇق چىرايىنى نامايەن قىلغان ھالدا قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ: سۆيۈملۈكۈم، مەن ئەسلى ئورانگۇتان، بىز ئورمانلىققا كېتىپ تۇرمۇش كەچۈرەيلى دەپتۇ.
قىز: ئەسكى، مېنىڭ پەرزەنىت كۆرگۈم بار ئەمما تۇغالمايمەن، قانداق قىلىمىز؟ يىگىت: بۇنىڭ چارىسى ئاسان، تىمىغا ئىنكاس يازمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئورمانغا ئەكىتىپ بالا قىلىپ باقىمىز!!!
ئەمدى بۇ تىمىغا ئىنكاس يازمىغىنىڭلارنى بىر كۆرەي… ھى ھى ھى