ھېچقىسى يوق
يىگىت دادىسىنى قايسى قىز بىلەن توي قىلىدغانلىقىدىن خەۋەردار قىپتۇ.يىەىتنىڭ دادىسى ناھايتى خاپا بولۇپ قايناپ كېتىپتۇ:
__ بالام،ئۇ قىز بىلەن توي قىلساڭ ھەرگىز بولمايدۇ.
يىگىت:نىمىشقا بولمايدۇ؟
دادا:بولمايدۇ دىگندىن كېيىن بولمايدۇ،ئۇ سېنىڭ بىر دادىدىن بولغان ئۆز سىڭىلىڭ.
يىگىت خاپا بولۇپ، ئەھۋالنى ئاپىسىغا ئېيتىپتۇ.ئاپىسى سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دەپتۇ:
__ ھېچقىسى يوق،سەنمۇ داداڭنىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەس.
سۇيۇق بولۇشنىڭ سەۋەبى
خېرىدار: بۇ سۈت بەك سۇيۇق ئىكەن.
سۈت ساتقۇچى:شۇنداق، تۈنۈگۈنكى يامغۇر كالىنىڭ سۈتىنى سۇيۇلدۇۋېتىپتۇ.
ئاۋالقىدەكلا پايدا قىلىدۇ
بىمار: سىز ماڭا يېزىپ بەرگەن دورىنى تۈنۈگۈنكى ەېزىتتە ئىشلىتىشنى مەنئى قىپتۇ.
دوختۇر: ھېچقىسى يوق، سىز بۇ كېسەلگە بۇ دورىنى مەنئى قىلىشتىن بۇرۇن گىرىپتار بولغان.
كۆپ ئىقتىدارلىق سائەت سائەت
[align=justify]
خېرىدار: بۇ سائەت پەقەت بولمايدىكەن، ئىسسىقتا ئاستا، سوغۇقتا تېز ماڭىدىكەن، توغرا ماڭغىنىنى پەقەت بىلەلمىدىم.[align=justify]
دىرېكتور: بۇ سائەت كۆپ ئىقتىدارلىق ،ئۇ سىزگە ۋاقىتنى بىلدۈرگەندىن باشقا،تېمپېراىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.[align=justify]
قانچىلىك ئۇخلايسىز؟
دوختۇر: سىز كۈندە قانچە سائەت ئۇىلايسىز؟
بىمار: كۈندە ئۈچ، تۆت سائەت ئۇخلايمەن.
دوختۇر: ئۇنداقتا بەك ئاز ئۇخلايدىكەنسىزغۇ؟
بىمار:كېچىسى يەنە سەككىز،توققتۇز سائەت ئۇخلايمەن.
ئوتتۇرا ئىشىك
ئاپتوبوسقا چىققان بىرسى بېلەت ساتقۇچىغا پۇل تەڭلەپتۇ:
_ ماڭا بىر يۈەنلىك بىلەتتىن بىرنى بېرىۋەتسىڭىز.
بېلەت ساتقۇچى:نەدىن چىقتىڭىز؟
يولۇچى: ئوتتۇرا ئىشىكتىن،
بېلەت ساتقۇچى: نەدە چۈشىسىز؟
يولۇچى: يەنە ئوتتۇرا ئىشىكتىن چۈشىمەن.
ئايالىنىڭ بىلەن قىزىڭنى ئويلىمىدىڭمۇ؟
سوتچى: سەن ئوغۇرلۇق قىلغان چېغىڭدا،ئايالىڭ بىلەن قىزىڭنى ئويلىمىدىڭمۇ ؟
ئوغرى: ئويلىغان سوتچى ئەپەندى،مەن ئوغۇرلۇق قىلغان ئۇ ماگىزىندا قىز ئاياللارنى كىيىمى يوقكەن.
مەنبە: شىنجاڭ خەلق سەھيە نەشىرياتى نەشىر قىلغان<كۈندە بىر كۈلكە> ناملىق كىتابتىن تاللاندى.