|
|
|
|
قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋە يېگەندە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ
قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى باشقا مېۋە – چېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ ، مەسىلەن ، قارا ئۈزۈم ، قارا ئۈجمە ، قارا ئەينۇلا ، قارا ئۈرۈك قاتارلىقلار .
ئوزۇقشۇناس سۇڭ سىنمۇنداق دېدى : ‹‹ قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ، ۋېلىن ، كالىتسىي ، سىنىكقاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ ، بەدەندىكىئارتۇقچە ئەركىن رادىكالنى تۈگىتىپ ، مېتابولىزىمنى تېزلىتىپ ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بارغانسېرى ياشىرىپ ، گۈزەل بولغىلى بولىدۇ ، قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋە تەركىبىدە سىئانىدىن ، خىلروفىل قاتارلىق پېگمنېت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشىغا قارشى ئىقتىدارى بار .
قارارەڭلىك مېۋە – چېۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبى ئادەتتىكى باشقا مېۋە – چېۋىلەردىن يۇقىرى ، بۇ مېنىرال ماددا ئىيونلىرى كۆپىنچەھالدا ئورگانىك كىسلاتالىق تۇز شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ ، ئورگانىزىمنىڭ ئىيون تەڭپۇڭلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ ، ئاياللارنىڭ ئورۇقلاش ، تېرە ئاسراشتىكى ‹‹گۆھىرى››ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، قارا ئۈجمە تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئاممونىي كىسلاتا ، ئورگانىك كىسلاتا ، كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قان ھاسىل قىلىدىغان قىزىل ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ ، ئورگانىزىمنىڭ ئارتېرىيە ۋە سۆڭەك بوغۇمىنىڭ قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . لېكىن ئۈجمىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا ، قىزىيولوگىيەلىك دەۋردىكى ۋە ئاشقازان – ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولمىغانلار سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ،قورسىقىنىڭ ئاغرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك .
ئۇنىڭدىن باشقا ، قارا ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان مىنېرال ماددا ۋە ئاممونىي كىسلاتا بار بولۇپ ، نېرۋىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە چارچىشىنى يېنىكلىتىشكە پايدىسى بار. قارا ئەينۇلانىڭ قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار .
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|
|
|
|
|
|