بۇمۇ يىڭى تېكىستىكەنغۇ؟!
بۇ دىلشات راھىدىن جەڭگىۋار مۇزىكىغا سېلىپ ئوقىغىنى.....
ئەسلى تېكىستى مانا:
_____________________________________
مىللىي ئارمىيە ۋاقتىدىلا ئېيتىلىپ كىلىۋاتقىنى:
سۆزى : تەلئەت ناسىرنىڭ
مۇزىكىسى : مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ
ئابلىز شاكىر قاتارلىقلار (ئەسلى تېكىستى بويىچە يىڭىدىن) ئورۇنلىغان
چىلىشلار قوينىدا خەلقىم ، ياراتتى ناخشىدىن داستان ،
ساداسى ياڭرىسا كۆكتە، سۈيۈندى يەر بىلەن ئاسمان .
ياشايدۇ ئەل بىلەن بىللە قەدىمدىن ياڭرىغان ناخشام
ھاياتنىڭ كۆركىگە زىننەت ، يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام.
بولۇپ جەڭلەردە تۇغ - مەشئەل ، يۈرەكتە ناخشىمىز ۋولقان ،
يورۇتقان ئاشۇ تۈنلەرنى، بولۇپ ھەر ناخشىمىز گۈلخان
ياشايدۇ ئەل بىلەن بىللە قەدىمدىن ياڭرىغان ناخشام ،
ھاياتنىڭ كۆركىگە زىننەت ، يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام.
ئەي.............
ئۈگەتتى ناخشىمىز ئەلگە،
مۇھەببەت ،سۆيگۈ، نەپرەتنى.
ئەي...............
يىتەكلەپ ماڭىمىز چۆلدە
تۈمەنلەپ يىڭى ئەۋلاتنى
ياشايدۇ ئەل بىلەن بىللە ، قەدىمدىن ياڭرىغان ناخشام،
ھاياتنىڭ كۆركىگە زىننەت يۈرەكتە ئىنتىزار ناخشام.
-------------------------------------------
مانا بۇ يەرگىمۇ يوللىنىپتىغۇ؟!
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-32489-fpage-0-page-1.shtml