مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 7

مەن  سېنى سېغىندىم، ئانا سەھرايىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16443
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 10:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن سېنى سېغىندىم ، ئانا سەھرايىم

مەن سېنى سېغىندىم، ئانا سەھرايىم،
ئەقلىم ۋە قەلبىمدىن چىقمىدىڭ بىردەم.
تاۋلىنىپ تۇرىسەن كۆزۇمدە دائىم،
پەخىرلىك ھېسلىرىم ساڭا مۇجەسسەم،
ۋەسلىڭدىن بۆلمىگەي مېنى خۇدايىم،
تىنىقىڭ پۇچۇلغان يۈرىكىمگە ئەم.

يېلىقتىم بېقىيىت، باغرى تاشلىقتىن،
شاۋقۇنلار باغرىمنى قىلىشتى ئوچاق.
غەم بىلەن ئايرىلدىم غۈزەل ياشلىقتىن،
ئالدىمدا كوھىقاپ ئاچتى كەڭ قۇچاق.
ئاڭقىدى بەدبۇيلار قەلەم قاشلىقتىن،
(ئېپىمىز كېلىشمەي، پىشمىدى پۇرچاق.)

ئېسىمدە بۇلاقلار ئېيىتقان ناخشىلار،
ئېسىمدەئۆرۇككە قونغان ھىلال ئاي،
ئېسىمدە خىزىردەك چىنىدىن ياخشىلار،
ئېسىمدە گۈللەرگە تولۇپ كەتكەن ساي،
ئېسىمدە شورىلىق ئېسىل باغچىلار،
ئېسىمدە ھەممىسى مۇھەببەتكە باي.


يوللاردەك ئاددىي ۋە ناندەك ئۇلۇغۋار،
ئەي ،مىنىڭ جانىجان قېرىنداشلىرىم.
سىلەردە سۈپسۈزۈك روھىي ئالەم بار،
ئويلىسام يوقىلار تېڭىرقاشلىرىم.
بىرنى بىر دېگەنگە تەڭرىم مىڭ باقار،
ھەق دېگەن ھەق دېدىم ،ئاقتى ياشلىرىم.



بىزەكسىز تارايدۇ ئەكىس سادالار،
ھەيرانمەن بۇ تاغلار نىمانچە ھالال.
پۈركۈيدۇ ئىپارنى يىپەك يادالار،
ياپراقلار لىۋىدىن تەپچىرەيدۇ بال.
ئۇندا يوق ھەسەتتىن پۈتكەن خاتالار،
ئاسمىنى زىمىنغا باقار دائىم لال.



ئاجايىپ چىرايلىق ئۇندا ھەر سەھەر،
ئىلھاملىق خورازلار ئاتقۇزغان چىللاپ.
قاش يارما، قىزىلگۈل ياقۇت نەقەدەر ،
قۇلاققا قىسىدۇ قىزچاقلار خىللاپ.
ئېدىردىن ئەسكەن يەل پۇرقۇيدۇ كەۋسەر،
پۇراقلار قىيام مەي ساقلانغان يىللاپ.


سۆيگۇدەك بۇيۇكسەن، سۆيگۇدەك پاكىز،
سۆيگۈنىڭ تەڭرىسى، ئەي تەڭرىم ئاتا.
چاقنايدۇ يۈلتۈزدەك سەندىن قالغان ئىز،
يۈزۈڭنى كۆرگەن تاش بولىدۇ دانا،
سەن تۆككەن سەپقەتلەر مەڭگۇ مىننەتسىز،
مىننەتسىز شەپقەتلەر مەڭگۈ باشپاناھ.


دەريا بولۇپ ئاقىدۇ نۇردەك نىيەتلەر،
جان ئۇچۇن تەسەددۇق ۋۇجۇدقا ھەرجان.
تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ دۇردەك ھىممەتلەر،
شەپەقتەك توق قىزىل تومۇرلاردا قان،
تاغ كۆچەر ، كۆچمەيدۇ ئەسلى قىممەتلەر،
ئۆزەىچە تەقلىدتە بۇ يەردە جاھان.


شېرىن بىر خىيالدەك چۈشىدۇ ئاخشام،
تۇم قارا رەڭگىدە تىنار يۇمساق تۈن.
ئانىنىڭ قارنىدا تىپتىنىچ ياتسام،
ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ پەرىلەردىن ئۈن.
جەننەتتەك چۈش قوينى قىلار رام،
جەننەتتە ئۆتكەندەك ئۆتىدۇ ھەر كۈن.


ئورغايلار كۈيلىسە چىغلىق يانلاردا،
ئۇپۇققا يارايدۇ كۈمۈش رەڭ مانان.
قۇياشنىڭ جانلىرى باردۇر جانلاردا،
ھەممەيلەن پەرىشتە ، ھەممەيلەن جانان.
ئەسىرنىڭ ۋەزنى بار ئوتكەن ئانلاردا،
تۇغۇلغان تۇيغۇلار سۆيگۈدۈر ھامان.


مەن سېنى سېغىندىم،ئانا سەھرايىم،
ئەقلىم ۋەقەلبىمدىن چىقمايسەن بىردەم.
چەلەنگۈش رەڭلەردىن چېكىندى رايىم،
پۇراقسىز گۈللەردىن رەنجىدى دىل ھەم،
ئۇيقاشلىق يوق يەردە قىيامەت قايىم،
سەن مېنىڭ مەدىنەم، سەن مېنىڭ مەككەم.


ئاپتۇرى.....ئوسمانجان ساۋۇت.
مەنبە.....ياشلار ئەدەبىيات ژورلىنىدىن ئېلىندى.















قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 11:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخخو!ياشاپ كېتىڭ مۇشۇ شېئىر يامان لازىم ئىدى ماڭا!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13878
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 11:04:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ سەھرايىم مەنمۇ سىنى بەكمۇ سېغىندىم
تىما ئىگىسىگە رەھمەت...بۇ تىمىنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم...
يۇرتۇمنى بەكمۇ سېغىندىم............

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 11:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپ ھاۋا ،كۆك ئاسمان ،ياپيېشىل ئېتىز -قىرلار . گۈزەل باغلار ........
شىئېرىڭىز ئەجەپمۇ سېغىندۇردى .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33890
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4042
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2011-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 08:31:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرنى ئوقۇپ ھازىرلا ئانايۇتقا قاتقۇم كېلىۋاتىدۇ، ئاھ ئامال قانچە [s:166]

يالغۇزنىڭ يارى خۇدا

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 3824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19881
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1450 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 10:44:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىك چۇڭ ئانامنىڭ ئۇيلىرى شۇ چاغدىكى بالىلىق ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى [s:143]

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1642 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 02:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 08:32:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئەتراپىمىز  زاۋۇت بىنا ئۆي ئىمارەت بىلەن قاپلىنىپ ، ھەممە يەردە ماشىنا  قاتار- قاتار رەت بىنا  دىگەندەك بوپ كېتىپ بارىدۇ ، گۈزەل ئانا سەھرالار قەيەردىكىن؟ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كەتتىمۇ يا ؟!:qiray11

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش