Devil may cry ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھەركەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى . مەن بۇنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدىن تارتىپ تونۇشغان . باش رول دەندىڭ نىڭ لۈكچەك مىجەزى ، ئاخسا جابدۇقلىرى ، پەچەت ھەركەتلىرى ئۆزۈمنىڭكىدەك بىلىنىپ كېتىپ ھەممە ئىشنى تاشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى تۈگەتكەن ئىدىم.
كېيىن چىققان تۆتىنجى قىسمىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرۈپ بۇ ئويۇننىڭ مەستانىسىغا ئايلاندىم . تۆتىنچى قىسمىدا يۇقىرى 3d تېخنىكىسى بىلەن كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ گۈزەللەشكەن . ھەممىدىن جەلب قىلغىنى دەندىڭ دىنمۇ لۈكچەك لېكىن بەك ئاقكوڭۈل نىلۇ ئوبرازىنىڭ چىقىشى بولدى . تۆتىنچى قىسمىدا دەندىڭ ئۈچىنچى قىسمىغا قارىغاندا ئېغىر بېسىق ، ئادەمنىڭ چىشىغا تېگىشكە ئامراق ، بىر قەدەر پىشقانراق ئوبراز بولۇپ چىقىپتۇ . بۇ قىسمىنى نەچچە ئون قېتىم ئوينىۋەتكەندىمەن . تەسىرات بەك قالتىس . تۆۋەندىكىلەر تۆتىنچى قىسمىدىن كۆرۈنۈشلەر.
تۆتىنچى قىسمىنى تولا ئويناپ ، بەشىنچى قىسمىنى تولا ساقلاپ ، ئاخىرى بەشىنچى قىسمىنىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆرۈپ قالدىم .
بۇ تەلۋىنى يېڭى ئوبراز ئوخشايدۇ دېسەم ، <مەن دەندىڭ> دەۋاتمامدۇ ، بەشىنچى قىسمىدا دەندىڭنىڭ ئوبرازى پۈتۈنلەي باشقىچە چىقىپتۇ .
لېكىن بۇ ئوبراز ئاساسەن ھەممە مەستانىلەرگە يارىماپتۇ . ماڭىمۇ شۇنداق . بۇنىڭدىكى دەندىڭنىڭ چۈشكۈن ، مەينەت قىياپىتىگە قاراپ پەقەت
قوبۇل قىلالمىدىم . بىلىشىمچە بەشىنچى قىسمىنى دەندىڭنىڭ ئالدىنقى رىۋايىتىگە ئاساسەن ئىشلەپتۇ . شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ،
دەندىڭنىڭ ياش ۋاقتىدا بۇنچىۋالا 变态 (بۇ گەپكە تەرجىمە چىقتىمۇ؟) بولۇشى ۋەقەلىككە ئۇيغۇن ئەمەس .
قارىغاندا بەشىنچى قىسمىدا كۆرۈنۈش ئۈنۈملىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپتۇ ... مىسرانىمدا بۇ ئويۇننى ئوينىغانلار بارمۇ ؟