(tagnur) غا
بىركۈنى tagnur نى بىر پاشا چېقىۋاپتۇ . tagnur نىڭ ئاچچىقى كېلىپ پاشىغا دەپتۇ :
- ۋۇ لەنىتى ، مېنى چاققۇچە بېرىپ ئىشتان بېغىڭغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالساڭچۇ ~~~ ئەمدى سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن . دەپ قولىنى كۆتۈرىشىگە ، پاشا :
- ئۇنتۇپ قالما ، مېنىڭ تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى سېنىڭ قېنىڭ جۇمۇ ~~~
(eltekin26) ۋە (mubish) گە
بىر كۈنى eltekin26 ئۆلىۋالماقچى بۇلۇپ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرىۋاپتۇ . بۇنى كۆرۈپ mubish :
- ئۇنداق قىلماڭ ، بىزنىڭ يولىمىز تېخى ئۇزۇن ..... دەپ توۋلاپتۇ .
eltekin26 گەپنى ئاڭلاپ ئىككىلەنمەستىن بىنادىن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىپتۇ .....
بۇنى كۆرۈپ eltekin26 نىڭ دوستىmubish قا :
- ئۇنۇڭغا بۇنداق تەھدىت سالمايتىڭىز دەيمەن ......
(KuMLuK^GuLi) گە
بىر كۈنى KuMLuK^GuLi دوختۇردىن سوراپتۇ :
- دوختۇر مەن يېقىندېن بېرى كېچىسى جۆيلۈپ تالاغا چىقىپ كېتىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بۇنىڭ دورىسى بارمىدۇ ؟
دوختۇر شۇ زامان بىر قۇتىنى KuMLuK^GuLi گە بېرىپ :
- بۇ بىر سىرلىق قۇتا ، ئۇسىزنىڭ كېسىلىڭىزنى داۋالاپ قويىدۇ ، كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىدىكى نەرسىنى كارۋېتىڭىزنىڭ ئەتىراپىغا چېچىپ قويسىڭىز ئۈنىمى بەك بولىدۇ ! دەپتۇ .
KuMLuK^GuLi : قۇتىنىڭ ئىچىدىكى قانداق دورا ؟؟؟
دوختۇر : باسما مىخ .
(uygurboy) ۋە (musilina) گە
بىر كۈنى musilina ئاچچىقىدا uygurboy غا دەپتۇ :
- بىز قاچانمۇ قىممەت پۇللۇق ئۆيدە ئولتۇرمىز ؟؟؟؟
uygurboy : ئاللا خالىسا ئەتىدىن باشلاپ ~~~~
musilina : نېمە ؟؟؟ راستما ؟؟؟ سىز بەك ياخشى جۇمۇ ، بەك ئويلايسىز مېنى ... ھى ، قېنى دەڭە مەن بىر ئاڭلاي قىممەت پۇللۇق ئۆيىمىزنىڭ ھىكايىسىنى .
uygurboy : ئۆيىمىزنىڭ ئىجارىسى يەنە 200 يۈەن ئۆسۈپتۇ ...
( ھىلال ) غا
ھىلال نىڭ ئاپىسى قىزىدىن سوراپتۇ :
- قىزىم چوڭ بولسىڭىز كىمگە ياتلىق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىسىز ؟؟
ھىلال : بوۋامغا !!!
ئاپىسى : توۋا دەڭ قىزىم ... ئۇ دىگەن دادىڭىزنىڭ دادىسى تۇرسا ، سىز ياتلىق بولسىڭىز قانداق بولىدۇ .
ھىلال : سىزمۇ دادامغا ياتلىق بوپسىزغۇ ؟؟؟ مەن دادامنىڭ دادىسىغا ياتلىق بولسام نىمە بوپتۇ ؟؟؟
( شىرىن ) گە
بىر كۈنى شىرىن نى ئاپىسى تاپشۇرۇقنى خاتا ئىشلەپسىز دەپ ئۇرۇپ دۇمبالاپ كېتىپتۇ ، ئاچچىقى كەلگەن شىرىن دادىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ :
- دادا ، ھەممىنى قىلغان سىز ~ نېمىشقىمۇ مۇشۇ خوتۇن بىلەن توي قىلغانسىز ؟ ئادەمنى جاپاغا قۇيۇپ !!!!
دادىسى :
- يەنە شۇ سىزنى دەپ بولمامدۇ ، ئۆزەمنىمۇ تەڭ جاپاغا قۇيۇپ ~
( ئوقياچى ) گە
ئوقياچىنىڭ ئاپىسى ئوقياچىگە :
- بالام ، ئوغۇل بالا دېگەن قەيسەر ، مەيدانى كەڭ ~ چىداملىق ، غورۇرلۇق بۇلىدىغان ، بىر تال ئۇيۇنچۇقنى سوراش ئۈچۈن دوستۇڭدىن شۇنداقمۇ يالۋۇرۇپ كېتەمسەن ؟ يۈزۈمنى تۆكۈپ ~~~
ئوقياچى :
- خاتىرجەم بۇلۇڭ ئاپا ، ئۇ ئۇيۇنچۇقنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن مەندىن تىزلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئالىدۇ .
xohsanam886 گە
شوخسەنەمنىڭ دادىسى ئاچچىقىدا :
- قىزىم ئاڭلىسام ، دوستىڭىز سىزنى بوزەك قىلىپ داداڭنىڭ كاللىسىنى كېسىپ تاشلايمەن دېسە قاراپ تۇرۇپسىزغۇ ؟؟؟؟
xohsanam886 :
- توۋا دەڭ دادا ، مەنمۇ تەڭ تۇردۇم ..
دادىسى : نىمە دىدىڭىز ؟
xohsanam886 : خى ، دادامنىڭ كاللىسىنى كېسىشىڭلار ئۇخلاپ چۈشۈڭلار ، ئاپامنىڭ دېيىشىچە دادامنىڭ كاللىسى يوقكەنمىش ... دېدىم .
مەنبە : باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم .