|
|
|
|
[align=justify]جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:[align=justify]3-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە ئاياغلاشقان 2010-2011-يىللىق مەملىكەتلىك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ گۇاڭخۈي ۋاسكېتبول كوماندىسى 87 گە قارشى 102 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.[align=justify]شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىكى دولبى 33 نومۇرغا ئېرىشتى، بەش قېتىم توپ تارتىۋالدى، 11 قېتىم پاس بەردى. سېنگىلتون 18 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان يەتتە توپنى تۇتۇۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا، جاڭ چىنپىڭ 18 نومۇرغا، شۈ گوچۇڭ 14 نومۇرغا ئېرىشتى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى باتۇر 12 نومۇرغا ئېرىشكەندىن سىرت، گاردىن قايتقان 10 توپنى تۇتۇۋالدى، يەتتە قېتىم پاس بەردى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن ئاباس 10 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 15 توپنى تۇتۇۋالدى. مولىس 22 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 12 توپنى تۇتۇۋالدى. چېن لېي 26 نومۇرغا، شيې لىبىڭ 18 نومۇرغا ئېرىشتى.
جاڭ چىنپىڭ ھۇجۇمغا ئۆتمەكتە
[align=justify] مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىدىن چېن لېي ئىككى نومۇرغا ئېرىشىپ، نومۇر ئېلىش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. لېكىن كەينىدىنلا شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىن جاڭ چىنپىڭ ئالتە نومۇرغا ئېرىشتى. بېيجىڭ كوماندىسىدىكى چېن لېينىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. كەينى-كەينىدىن تۆت نومۇرغا ئېرىشىپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. ئىككىلا تەرەپ ھۇجۇمنى بوشاشتۇرمىغاچقا، نەتىجە ئاساسەن تەڭ دېگۈدەك ئۆرلىدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بېيجىڭ كوماندىسىدىكى چېن لېي، شيې لىبىڭ كەينى-كەينىدىن نومۇر ئېلىپ، نەتىجىدە ئون نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇھىم پەيتتە شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى جياڭ شىڭچۈەن قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سەپنى قايتىدىن تۈزدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى كەينى-كەينى يەتتە نومۇرغا ئېرىشىپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسى 17 گە قارشى 21 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.[align=justify] 2-مەيدان مۇسابىقىدە باتۇر، جاڭ چىنپىڭ كەينى- كەينىدىن نومۇرغا ئېرىشتى. چېن لېي ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى. نومۇر پەرقى ئۈچ نومۇرغا ئازايدى. بۇ چاغدا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىشىمۇ سەل تەسكە توختىدى. شىنجاڭ كوماندىسى 26 گە قارشى 27 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن مولىس ئىككى نومۇرغا، چېن لېي توققۇز نومۇرغا ئېرىشىپ، نومۇر پەرقىنى يەنە كۆپەيتتى. ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي تىركىشىشى نەتىجىسىدە 2-مەيدان مۇسابىقىمۇ ئاياغلاشتى. بېيجىڭ كوماندىسى 37 گە قارشى 42 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن چېن لېي 20 نومۇرغا، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىن دولبى 17 نومۇرغا ئېرىشتى.
[align=justify]
مەۋلان تۇرسۇن توپ تالاشماقتا
[align=justify] 3-مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىن دولبى، باتۇر نومۇرغا ئېرىشىپ، نومۇر پەرقىنى ئازايتقان بولسىمۇ، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى چېن لېي ئۈچ نومۇرغا، لى شۆلىن ئىككى نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ چاغدا شىنجاڭ كوماندىسىدىن دولبى ئۈچ نومۇرغا، سىنگىلتون ئىككى نومۇرغا، شۈگوچۇڭ ئىككى نومۇرغا ئېرىشىپ، نەتىجىدە بىر نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كەينىدىنلا شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىكى جاڭ چىنپىڭ ئىككى نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ چاغدا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مى لۇلىي قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، سەپنى ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ پايدىسى ناھايىتى تېزلا كۆرۈلدى. بېيجىڭ كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. مۇسابىقە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىكى جاڭ چىنپىڭ بىلەن دولبى كەينى-كەينىدىن ئالتە نومۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى شېي لىبىڭ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ «ئۈچ نومۇرلۇق توپ» جېڭىنى باشلىۋەتتى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 67 گە قارشى 72 نەتىجە بىلەن 3-مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
[align=justify] ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپ خېلىلا تىركەشتى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا يەنە تۆت مىنۇت قالغاندا، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى نومۇر پەرقىنى 12 گە كۆپەيتتى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىن سىنگىلتون بىلەن دولبى يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى، نەتىجىدە نومۇر پەرقى 16 گە يەتتى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا بىر مىنۇت قالغاندا، بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ «يېلى چىقىپ كەتتى». نەتىجىدە شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 87 گە قارشى 102 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچىلاردىن مەۋلان تۇرسۇن، مەردان تۇرسۇن، شىرئەلى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.[align=justify] باشقا مۇسابىقىلەردە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن «1-ئاۋغۇست كوماندىسى»نى يەڭدى. جياڭسۇ كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى يەڭدى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە جېجياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
|
|
|
|
|