مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2110|ئىنكاس: 25

ئازاپلىق ئەسلىمە(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2881
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9631
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 2974 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 03:56:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                 ئەسلىمە
       كىچىكىمدىن دادام ئاپامنىڭ بىرلا قىزى شۇنداقلام يالغۇز پەرزەنتى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن ،تولىمۇ ئەتىۋارلىق چوڭ بولدۇم .دادم -ئاپام ئاغزىمدىن چىققاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بىرەتتى.شۇنداق ئارزۇلاپ باققانلىقى ئۈچۈنمۇ كىچىكىمدىن قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلىپ كەلدىم .مەن دادام ئاپامدىن قورقۇش ئەمەس ،ئائىلىمىزدە ئاپام -داداملار مىنىڭدىن قورقاتتى دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .دادام -ئاپاملار شەھرىمىزدىكى كاتتا بايلاردىن بولمىسىمۇ ،ھەر ئىككىلىسىلا دۆلەت ئورگانلىردا خىزمەت قىلدىغان بولغاچقا ھال -كۈنمىز يامان ئەمەس دىيىشكە بولاتتى. گەرچە ئاتا -ئانام مىنى بەك ئەتىۋارلىسىمۇ مەندىن كەلگۈسىدە  كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ ناھايتتى چوڭ ئىدى.ئاپام تىنىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، قايتا پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاچقا دادام -ئاپام ئىككلىسى بارلىق ئارزۇ ئۈمىتلىرنى ماڭا ئاتىۋەتكەن دىسەممۇ بولدۇ.دادام -ئاپامنىڭ ئۆزلىرنىڭ مۇھەببەتلىشىپ قېلىش جەريانىنى ،ئاپامنىڭ قايتا تۇغالمايدىغانلىقىنى ،شۇڭا بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئۈمۈدى مىنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش ،ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ تۇرۇپ ياش يۇقى كۆزلىردە ماڭا ئۈمىت ئۇچقۇنلىرنى چاچرىتىپ باققىنىدا، ئۇزەمنىڭ زىمىسىدىكى  يۈكىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلاتتىم.
ئاتا -ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئەلا نەتىجىلەربىلەن سىنىپتا بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇدۇم.بېرىنجىلىكنى پەقەت قولدىن بەرگۈم كەلمەيتتى ،كىچىكىمدىن قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈنمىكىن، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنى زادىلا خالىمايتىم.
       تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتىغا دوختۇرلۇق كەسپىگە بېرىنجى تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىندىم. ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى ئالى مەكتەپنىڭ بېرىنجى -ئىككىنجى يىللىقىنى تۈگەتكىچە بۇ ئالى بىلىم ئېلىش يۇرتىدا تىرىشىپ ئۈگەندىم .ئۈچىنجى يىللىقىغا بارغاندا سىنىپتىكى ۋە ياتاقداش قىزلارنىڭ مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولغۇنىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت توغرۇلۇق قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ دەسلەپتە  قىزىقىش پەيدا بولدى.ئۇيۇنچى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر چىقىپ،ئىككى چىقىپ ،كىيىنچە ئۇيۇن دىگەنگە مەنمۇ كاللىچىلاپلام كىرىپ كەتتىم .ۋاڭبا دەمدۇ،دىبا دەمدۇ،مەكتەپنىڭ ھەپتىدە بىر قىلىپ بىرىدىغان كەچلىك تانسىسى،ئىشقىلىپ سورۇندىن پەقەت ئايرىلىپ قالمىدىم.
ئوغۇللار بىلەن تولا ئارلىشىپ گاھىدا ئوغۇللارنى ئالدىسام، گاھىدا ئوغۇللارغا ئالدىنىپ ساختا مۇھەببەت دىگەنگە پىشىپ قاقۋاشلىشىپ كەتتىم.گاھىدا ھەتتا، سىنىپتىكى ،ياتاقتىكى قىز ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن بىركۈندە نەچچە ئوغۇلبالنى كەلتۈرۈپ ئارلىشايلى دىگۈزۈپ ،نەچچە ئوغۇللارنىڭ كەشىنى توغرىلايدىغىنىمىز توغرۇلۇق بەسلەشتىم .دىمىسىمۇ ئۇلاردىن مىنىڭ نەرىم كام ئىكەن ،نىمىدەپ ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغۇدەكمەن؟مەندە چىراي دىسە بار ،فىگورۇممۇ  قاملاشقان،ئۈگىنىشتىمۇ سىنىپ بۇيىچە بىرىنجىلىكنى قولدىن بېرىپ باققان ئەمەسمەن،دىگەنلەرنى ئويلايتتىم .يۆخۈي دىگەنلەرگە كۆپرەك چىقىشقا تىرىشتىم، ساۋاقداشلىرىمدىن كىيىن قالسام بولمايتتى ،ئۇلاردىن كىيىن قالمىغاندىلا ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىشىگە ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەتتىم .
ئۇلاردىن كىيىن قالسام ،مەتو دىگەن نامغا قېلىشتىن بەكمۇ قورقاتتىم.ئوغۇللاردىن قانچىلىك كۆپ سۆيگۈ تەلىپى ئاڭلىغان بولسام ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك كىرىلىپ ماختىنالايتتىم .ئۈزەمنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالايتىم  ،شۇڭا ئۇيۇنلارنى، ساختا مۇھەببەتلەرنى زادىلا قولدىن بەرمىدىم.
        مۇشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ ئاخىرى ئويلىمىغان يەردىن  ئۈزۈمدىن بىر يىللىق يۇقىرى ئۇقۇيدىغان ئېليار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۈزەمنىڭ قاچان قايسى ۋاقىتتا ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەيلا قالدىم.ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم. ئېليار مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق بۇلۇپ تولىمۇ كىلىشكەن، ماڭا ئوخشاشلا ،بېرىنجىلىكنى قولدىن بېرىشنى خالىمايدىغان جەلىپكار بالا ئېدى ،مىنى قوغلىشىدىغان ئوغۇللار قانچە كۆپ بولسا ،ئۇنى قوشلىشىدىغان قىزلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى . بىز تۆتىنجى يىللىققا چىققان يىلى ، ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈردىغان يىلى مەكتەپتە ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا، مەكتەپ ياتىقىغا كەچلىكى كىرمەسلىك   قاتتىق ئەۋىج ئالدى. مىنىڭمۇ ئېليارنىڭمۇ بۇ مودىنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغۇمىز كەلمىدى.كىچىنى دېسكوخانلاردا،تورخانلاردا ،كىچىلىك كىنوخانلاردا ئۆتكۈزدىغان بولۇۋالدۇق.تالاي كىچىلەرنى مەكتەپ سىرتىدا ئۆتكەزدۇق،ئېليارغا مەن قاتتىق ئىشىنەتتىم.كىچىدە ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قېلېشتىن كىينچە قورىقمايدىغان بولۇپ كەتتىم.مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئېليارغا ئۆز ئامانىتىمنى ،ياشلىقنىڭ پەيزى بىلەن ئۈزەممۇ سەزمەي،بىلىپ بىلمەي ،ئۈزىمىزنى تۇتۇۋالالماي ،ئۇنىڭ بەرگەن تۈگىمەس ۋەدىلىرگە ، بېر كىچىك مىھمانخانا ياتىقىدا قىزلىق ئىپپەت نۇمۇسۇمنى يۇقاتتىم .
         تىزراق ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئېليار ئېيتقاندەك بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلام ئويلايتتىم .ئېلياردىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتەتتىم،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم.باشقىلاردىن ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشىشنى ياخشى ياشاشنى ئويلايتىم . كۈنلىرىمىز ناھايتتى بەخىتلىك ئۈتۈۋاتاتتى،ھەش -پەش دىگۈچە ئىليارنىڭمۇ ئۇقۇشى پۈتۈپ پۈتمەس- تۈگىمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ يۇرتقا قايتىپ كەتكىنىچە خەۋرىمۇ بولمىدى .يا ئۈزى يوق ،يا بىرپارچە خېتى، كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىسىز ۋە ئاستا ئۆتەتتى.ئەلۋەتتە ئىليارنىڭ بۇنداقلا يۇقاپ كېتىشىگە زادىلا ئىشەنمەيتتىم،شۇ چاغدا ئويلىسام كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كىلەتتى ،باشقا بېرىنى تېپىۋالدىمۇ يە؟ياكى ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟ئىليارغا بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمۇيە؟ ناۋادا ئىليارھەقىققەتەن بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، مىنىڭ بۇجاھاندا ياشىغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى،يەنە ھايات ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيتى دىگەنلەرنى ئويلايتتىم،لىكىن  يەنىلام ئاخىردا ئىشنى ياخشى تەرەپكە ئويلاپ ۆۈنلىرىمنى ئېليارنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكىزەتتىم.  
        شۇنداق تەستە قىشلىق تەتىلگە ئارانلا ئۇلۇشىۋالدىم ،دە يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم .ئاپتۇۋۇز تولىمۇ ئاستا ماڭغاندەك بىلىنەتتى .ئېليارنى تاپسام ،كۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ :
-مىنى ھەجەپ قىينىدىڭغۇ ئېليار نىمە بولدى ساڭا ؟نىمىشقا يۇقاپ كېتىسەن؟
:دەپ سورسام ،ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ :
-كەچۈرۈڭ ئايگۈل!شۇ سىزنىڭ ئۈگىنىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەي دىگەن ئىدىم!....
: دىسە.......
مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ  ئاخىرى يۇرتىمىزغىمۇ يىتىپ كەلدىم .ماشىنىدىن چۈشۈپلام ئۈيەمگىمۇ بارماي ئۇتتۇرلا ئېلىيارنىڭ ئۈيىگە يول ئالدىم .
ئىليارنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر كىشىدىن ئۇنىڭ بار يوقلىقىنى سوردۇم ،ئۇ كىشى :
-ھە ئېليارجاننى ئىزدەمسىز ئۇ بايام ئايالى بىلەن بازارغا كەتكەندەك قىلاتتى.قايتىپ كەلدىمىكىن تاڭ؟
-نىمە ئايالى خاتالىشىپ قالمىغانىسز ئاكا سىز؟ئۇ قانداقسىگە توي قىلغان بوپ قالدى ئەمدى؟
-ھە ئۇخمايدىغان ئوخشايسىز سىڭلىم، ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشۈپ دوختۇرغاندىكى ئالىيە قىز بىلەن بىر ئايدىن كىيىن توي قىلغان ،خاتا ئەمەس .
ئۇ ئادەمنىڭ  باشقا گەپ سۆزلىرى قۇلۇقۇمغىمۇ كىرمىگەن ئىدى. كاللامدا ئاسماندا چاقماق چاققاندەك كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم.توۋا ئېليار توي قىلىپ بولدىما بۇ مۇمكىن ئەمەس ،ئېليار توي قىلمىدى ياق ،،،ياق! ئۇ لەنەت تەككۈر يەردىن يۈزلىرىمنى ئەتكىنىمچەيۈگۈرگىنىمچە كىتىۋاتاتتىم،كۆز ئالدىم قۇپ -قاراڭغۇ ،پەقەت ئۇ يەردىن تىزراق كىتېپ ،خالىراق بىر يەرنى تېپىپ ،قاتتىق ۋارقىراپ ئىچىم بوشىغىچە ،قانغۇچە يىغلىۋېلىشنى ئويلاپ يۈگۈرەپ كىتىۋاتقان ئىدىم.
توساتتىن ۋايجان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قاتتىق بىرنەرسىگە سۇقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم يېنىمدا قۇرسۇقى خېلىلا تومپىيىپ چىققان ،مىنىڭ ئۈسۈلۈش سەۋەبىمدىن يىقىلىپ چۈشكەن  قىز بىلەن ئۇنى يۈلەۋاتقان ئېليار تۇرغان ئىدى .
-سەن
: دەپ ئاۋازىم غەزەپ بىلەن تىترەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇمۇ نىمە دىيىشىنى، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قاققان قۇزۇقتەك ماڭا ھاڭ بېقىپلا قاراپ تۇرۇپ قالغان ئىدى .
      رىئاللىققا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتتى ، بۇ رىئاللىقنى قانداقمۇ ئېتراپ قىلغۇم كەلسۇن ،ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئېليارنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قۇيارمەنمۇ؟ئاشۇ ئالىيە دىگەن نىمىگە ئۇتتۇرۇپ ئېليارنى تارتقۇزۇپ قۇيارمەنمۇ ،ئىليارسىز ،بۇنداق ئىپپەت نۇمۇسسىز ،بۇ دۇنيادا قانداقمۇ ياشارمەن دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.....
         بۇ ئازاپلار ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى .ئۈلۈۋېلىش نىيتىگىمۇ كىلىپ باقتىم ،لىكىن يەنىلام شۇ كۈيۈمچان ئاتا -ئانامنى ئويلۇدۇم....
تەتىل كۈنلىرىم يىغلاپ قاقشاپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇشۇپ كەتتى .
قالايمىقان ئوغۇللار بىلەن ئارلاشماسلىق ئاخىر ئىېليارغا كۆرسىتىپ ئېلياردىنمۇ ئىسىلراق بېرنى تېپىپ ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ كۈزۈدىن ئوت چىقىرۋېتىش نىيتىگە كىلىپ مەكتەپكە يەنە يول ئالدىم.
مەكتەپكە كىلىپلامەكتەپتىكى يۇرتداش باللاردىن ئېليار توغرۇلۇق ،ئېليارنىڭ توي قىلىۋالغانلىقى ،ئايالىنىڭ كوچىدا نامەلۇم بىر قىز تەرپىدىن قاتتىق سۇقۇۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئايالىنىڭ بۇيىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەمدى قايتا ھامىلدار بولالمايدىغانلىقى شۇ سەۋەبلىك ئىليارنى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاجراشتۇرۋەتكەنلىكىنى ئۇققان ئىدىم.
ھازىر ئويلىسام ئەينى ۋاقىتتا مەن سۇقۇۋېتىپ ،ئىليارنىڭ بالىسىنى مەن چۈشۈرۈۋېتىپ ،مەن تۇغماس قىلىپ قويغان ئوخشايمەن دەپمۇ ئويلاپ كىتىمەن.
          بىر مەۋسۇممۇ ھەش -پەش دىگۈچە تۇشۇپ كەتتى ،ئۇقۇش پۈتۈرۈپ ئۇزاققا قالماي بىر يېقىن تۇققىنىمىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتۇمىزدىكى ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشتۈم.
ئېليار مەن ئىشقا چۈشكەندىن كىيىن بىرنەچچە رەت كىلىپ مىنى ئىزدەپ سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ باقتى .
يالۋۇرۇپ باقتى لىكىن ماڭا قىلچە كار قىلمىغان ئىدى.چۈنكى يۈرۈكۈم ئاللىمۇ قاچان ئۇ چاغلاردا تاشقا ئايلىنىپ ئىليارغا نىسبەتەن قەلبىمدىكى پەقەت نەپرەتنىلا ئويلاپ يىتەلىگەن ئىكەنمەن .چۈنكى مەن ئىككىنجى دىگەن گەپكە تولىمۇ ئۆچ ،ئاشۇ ئالىيەدىن ئاشقان ئېليارنى مەن قانداقمۇ قۇبۇل قىلاي؟چۇقۇم ئۇنىڭدىن ياخشى بېرىگە ياتلىق بۇلۇشۇم كىرەك،ئەينى چاغدا ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئۇنىڭدەك بىر ئەبلەخكە ئۈزۈمنىڭ بەخىتلىك ياشىغىنىمنى كۆرسىتىپ كۈزىدىن ئوت چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىم كىرەك، دەپ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئاچچىق ئەقلىمنى كەسكەن ئىكەن.
         دوخـتۇرخانا باشلىقىنىڭ ئوغلى مۇراتمۇ مەن بار بۈلۈمدە مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيتى .گەرچە مۇراتنى ياخشى كۆرمىسەممۇ تۇلۇق چۈشەنمىسەممۇ مۇرات بىلەن توي تەييارلىقى قىلدۇق،مۇشۇ ئارلىقتا ئېليارنىڭ ھاراقنى تولا ئىچىدىغان بولۇۋالغانلىقىنى ،بىر قېتىملىق ئوپىراتسىيىدە چوڭ سەۋەنلىكتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم.
ھە چىدىيالماي قالغان چېغى بايقۇش دەپ توي قىلىشقا تېخىمۇ ئالدىردىم . مۇرات بىلەن ئارلىشىپ بىرئاي بولغاندا كاتتا تۇيۇم بولدى.
  توي كىچىسى مۇراتنىڭ قاتمۇ- قاتمۇ سوراقلىرغا ئۇچرۇدۇم .ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن،ئۆمرۈمدە ھىچكىمدىن يەپ باقمىغان تاياقلىنى مۇراتتىن يەپتىمەن ،تاياق دەستىدە كىچىچە نەچچە ھۇشۇمدىن كىتىپ، نەچچە ھۇشۇمغىمۇ كەلگىنىمنىمۇ ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن .قاتتىق تەككەن مۇش -تېپىكلەرنىڭ دەستىدىن باش قىسىمىم سىزىمىنى يۇقاتقان ئىدى،تەككەن تاياقلارنىمۇ ئاخىرغا بارغاندا سەزمەيلا قالدىم ،سۇئال -جاۋابلار تاڭ ئاتقۇچە تۈگىمىدى ،لىكىن مۇرات جاۋابلىرىمدىن قىلچە رازى بولدىغاندەك ئەمەس،ياپىرىم قىيامەتتىكى سۇئال سوراقلار شۇ بولغىيمىتىكىن دەپمۇ قالمەن ،ئېسىلىپ يالۋۇردۇم،ئاتا -ئانامغىمۇ قىلمىغان خۇشامەتنىمۇ قىلىپ باقتىم،راسمۇ گەپ قىلىپ باقتىم،قىلمىغاننىمۇ قىلدىم دەپ ئىقرا قىلىپ باقتىم. لىكىن قىلچە كار قىلمايتتى ،تىپىك مۇشلار پەقەت بېشىمغىلا تىگەتتى ،باشقا يەرگە ئۇرسام كۈرۈنۈپ قالدۇ، چاچنىڭ ئاستىدا بولغاندىنكىن ئويلىغان بولغىيمىتىكى  ئىشقىلىپ تاياقتىن بېشىم ھىچنىمىنى سەزمەسلا بولۇپ قالغان ئىدى.... تاياق دەستىدىن قىلغاننىمۇ ئىقرار قىلغان ئىدىم،قىلمىغاننىمۇ ئىقرار قىلدىم ،لىكىن مۇرات يەنىلام بولدى قىلمىدى،ئۇنىڭ ساق بىجىرىم ئەمەسلىكىنى پەملىگەندىن كىيىن،شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇلىدىن بۇ ئۆيدىن ساق چىقىپ كېتىشكەكۈزۈم يەتمىگەندە،بىر ئامال قىلىپ  ئۆيدىن قېچىپ چېقىپ كىتىشنىلام ئويلىغان ئىدىم.
تاڭ ئېتىپ تاياقلار ،تاياق دەستىدىن قاتتىق ئىڭراشلار، سۇئال-جاۋاب ئاياغلاشمايتتى ....كەچ كىرگەندە ھۇشۇمغا كەلسەم مۇرات كارۋاتنىڭ بىر بۈرجىكىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىپتىكەن ....ئۇخلاش كىيىمىم بىلەنلا تاتمىدىن ئۈچ مىڭيۈەن پولنى ئېلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىققىنىمنى بىلىمەن.،ئەينى چاغدا بەكمۇ قورقۇپ كىتىپدىكەنمەن ،پەقەت بۇ يەردىن ،بۇ دوزاقتىن يىراقراق كىتىشنىلام ئويلىغان ئىدىم.
                                             مەن زادى نەدە بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىم؟

         ھوي ساراڭ ،ھوي ساراڭ قىز !
ئارقامدىن ئەگەشكەن باللاردىن زوقلىنىپ زىمىستان سوغوقلاردا پۇتۇمنىڭ ھۇشۇقىغىچە قېلىن قارغا كىچىپ يالاڭپاچاق كىتىپ بېرىۋاتاتتىم.
-ساراڭ ! ؟
ئەينەكلىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ تۇساتتىن ئۈزەمنىڭ سىماسىنى ئەينەكتىن كۈرۈپ قالدىم،-توۋا بۇ مەنمۇ؟چاچلىرىم كىگىزچىنىڭ ماتاسىدەك بولۇپ كەتكەن،يۈزلىرىمنىڭ ئازراق پاكىز يېرىدىن مىنى قارا تەنلىك ئەمەسلىكىمنى ھېلىمۇ بىلىۋالغىلى بولاتتى.
توۋا ئايگۈل بۇ سەن شۇمۇ ؟بىر چاغلاردىكى داداڭ ۋە ئاپاڭنىڭ ئەركى قىزى ئايگۈل سەن شۇمۇ؟سەبى ھەممە كىشىلەرنىڭ كۈزىگە مۇشۇ بالىلاردەك ئۇماق كۆرۈنىدىغان ئايگۈل سەن شۇمۇ؟ئۆز -ئۆزۈمدىن ھەيرانلىق ئىچىدە سوراپ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم،بۇ قايسى شەھەر بولغۇيتى،بۇ يەرگە قانداقلارچە كىلىپ قالغاندىمەن؟
  ئىچ -ئىچىمدىن ئېزىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم ،بالىلارنىڭ قاراڭلار:
- قاراڭلار ئۇ يىغلاۋاتىدۇ ،ئۇ بەك بىچارە ئىكەن ،ئەمدى تىلىمايلى !
دىيىشكەن تاتلىق سۆزلىرى خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتكەن ئىدى،باللار ئارىسىدىن بىر ئۇماق ئوغۇلبالا چىقىپ ،
-مەڭ بۇنى سىزگە بىرەي ئەمدى يىغلىماڭ ،بىزمۇ ئەمدى سىزنى تىلىمايمىز ،ئۈيىڭىزگە كىرىپ كىتىڭ ئاپىڭىز ئەنسىرەپ يىغلاپ كىتىدۇ،ئەمدى تىلىمايمىز سىزنى ھەدە دىگۈنىچە ئىككى تال كەمپۈتنى ئالقىنىدا تۇتقىنىچە ئۇماققىنە خەنزو بالسى يىغلامسىراپ قاراپ تۇراتتى .....
مەن راستتىنلام ساراڭ بولۇپ قالغاندىمەنمۇ توۋا.ساق بولسام بۇنچە قاتتىق سوغۇقتا ناتۇنۇش بۇ يەردە شۇنچە سوغوقتا يالاڭ ئاياق ،شۇنچە يىلىڭ كىيىنىپ نىمە ئىش قىلىپ يۈردىغاندىمەن؟ساق بولسام -توغرا ھېرلىقى سۈيۈملۈك ئامرىقىمغا ئالدىنىپ ،ئۈزەمنىڭ ھالىغا ئۈزەممۇ ئېچىنغۇدەك بۇ ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم.
قانچە ئۇزاق مۇشۇنداق ساراڭلارچە يۈرگەندىمەن؟مەن زادى نەدە؟.......
                                                          خاتىمە

     ئىسىمنى بىلگىنىمدە بولسا مۇشۇنداق ساراڭ  ھالەتتە ئۈزەمنى ئىچكىرى ئۆلكىدە كۆرگەن ئىدىم .
بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغىنىمنى ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىتلار ئۆتكىنىمۇ بىلمەيمەن. ھەي سۈيۈملۈك ئېلىيار سىز ھازىر نەدە؟نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانسىز ھە؟سىزنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرگەن ئىدىم .شۇڭا جېنىمدىنمۇ ئەزىز  قىزلىق ئىپپەت نۇمۇسىمنىمۇ، سىزدىن ئايىماي سىزگە قوش قوللاپ بېرىۋېتىپ ،مۇشۇ كۈنلەرگە قالدىم!
ئەپسۇس سىز بۇنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز !ھەم مەڭگۈ ھىس قىلالمايسىز !شۇ ئىپپەت نۇمۇسنىڭ بىز قىزلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز .
شۇڭا مىنى قەدېرلىيەلمىگەنسىز!
          جېنىم دادا قەدىرلىك ئاپا !
سىلەر نەدە؟ئارزۇلۇق قىزىڭلارنى قانچىلىك سېغىنغانسىلەر ھە؟مەنمۇ سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم .قېشىڭلاغا قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بېرىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ،لىكىن ھازىر يېنىمدا قورسۇقۇمغا بىرۋاق تاماق ئېلىپ يىگۈدەكمۇ پۇلۇم يوق ھازىرچە ئارزۇلۇق قىزىڭلار قېشىڭلارغا بارالمايدىغاندەك تۇرىمەن ،سىلەرنى بەكمۇ، بەكمۇ ئىچ -ئىچىمدىن سېغىنىپ كەتتىم.
سىلەر نەدە؟ ئاھ جېنىم دادا ئاپا مىنى قېشىڭلارغا ئېلىپ كىتىڭلار!
تۈگىدى
         
ئاقسۇ سىرى
2010-يىلى ...ئاقسۇ
   

ئەسلى ھايات نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە؟

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11568
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 10:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھكايڭزنى ياخشى يېزپسز بېشى ئادەمنى قزقتۇرۇپ ئايغى شپدە ئاخىرلىشپتغۇ يەنمۇ تىرىشىڭ [s:47]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14256
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 10:13:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىتۇ ........................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2881
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9631
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 2974 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 10:43:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىلەر بارلىق تورداشلار،مىسرانىمدىكى ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭلار خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي،باشقۇرغۇچىلارغا بىر تەكلىبىم ،مەن ئەسەرنى ئەۋەتكەندىن كىيىن قايتا تەھرىرلىيەلمىدىم بۇ نىمە ئۈچۈن؟ئەسلى تەھرىرلىگىلى بۇلۇشقا تېگىشلىكقۇ؟ئەزا تەھرىرلەشكە بولمايدۇ دەپ بىر كۆزنەك چىقىۋالدى،شۇڭا ئىملاخاتالىقى،بۆلەك،ئابزاسلارنى تۈزۈتـۈشكە زادى ئامال بولماي قالدى،گاھى يەرلەردە ھەتتا گىراماتىكىلىق خاتالىقمۇ باردەك ،مالال كۆرمەي، بىزگە ئامال بولماي قالدىكەن،بەزى خاتالىقلارنى بىر تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار ،ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم رەخمەت!

ئەسلى ھايات نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە؟

爱我就不要伤害我

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 314
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10824
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 10:57:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخىمۇ تىرشىڭ

بىرتامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8019
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 11:01:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز!

ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ ،ئەمما ۋىجدانسىز ئادەملەر ھەممىنى يەۋېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3429 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 11:32:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ! سىزمۇ ئاقسۇلۇقمۇ مەنمۇ ئاقسۇلۇق !  [s:33]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2881
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9631
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 2974 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 11:38:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6(TATLIHIM)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

شۇنداق دوستۇم ،يۇرتداش ئىكەنمىز. [s:33] رەخمەت سىزگە!

ئەسلى ھايات نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە؟

ئاللاھ مېھىرىبا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 150
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9527
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 01:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئاللاھ ھەمىمىزگە ئىمان ، ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36607
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-6 07:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىراەىدىيە بىلەن ئاخرلىشىدۇ-دە، بۇخىل شەھۋانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت.
مۇرات ئوغۇلبالا، ئەركەك. [s:47]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش