بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يوللىنىپتۇ، رەھمەت.
ھەر قانداق شەيئىگە ‹‹ياخشى›› ياكى ‹‹يامان›› دەپ ھۆكۈم قىلىشتا چوقۇم مەلۇم ئۆلچەم ياكى شەرتلەرگە ئاساسلىنىمىز.
ئۇنداقتا، قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ‹‹ياخشى ›› ياكى ‹‹يامان›› لىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچىمىمىز زادى نىمە؟
مانا بۇ نۇقتا ئايدىڭ بولىشى كېرەك.
ئەلۋەتتە، بىز 1000 يىللىق ئىسلام تارىخىغا ئىگە، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ھەم ئاچقان، شانلىق مەدىنىيەتلەرنىڭ شاھىدى بولغان ،
بىر قەۋىمنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسلامى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدىغىنىمىز بەرھەق!
لېكىن، ئاياللار ئادەم ئاتىمىزنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلىش بىلەن، ئەرلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى ھەم جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەرلەرنىڭ ھامىلىغىدا بولۇش، شەرىپىنى قوبۇل قىلدى. ئەگەر ئاياللار ھەقىقەتەندە، شۇ بىز مۇقەددەس بىلىدىغان ئىسلام ئەھكاملىرى بويىچە ئۆلچەنسە، ئۇنداقتا، ئۇلار نىمە ئۈچۈن ھامىسىز قالدى؟
ئۇلار نىمە ئۈچۈن، پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى؟
ئاتالمىش ‹‹خىزمەت›› نامىدا، ‹‹مۇۋاپىق›› يالىڭاچلىنىپ، تاپقان پۇلى دۇرۇس بولامدۇ؟
ئەرلەر نىمە ئۈچۈن، ئۆزلىرى ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندە، قىزغىن كۈتۈۋېلىنىشنىڭ ئورنىغا، ‹‹ ھېرىپ كەتتىم، مەنمۇ تەڭ ئىشلەۋاتىمەن››...دىگەندەك، جاۋاپلارغا ئېرىشىدۇ؟
شۇ ئەرلەر ئۆزلىرىمىز خالاپ ھەم ‹‹ ئۆلچەمگە لايىق ›› جابدۇپ، ‹ ‹ خىزمەت قىلىش ›› قا چىقىرىپ قويىۋاتساق، شۇ ئاياللىرىمىز يەنە كىمدىن شۇنچە يۈزى ئېچىلمىغان قىزدەك ھايا، نومۇس قىلىپ كەتسۇن؟!
ھامىسىز قېلىپ، خۇددى ئەرلەردەك ھەممىگە تەڭ باش قاتۇرىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىز، ھەر تەرەپكە پېتىراپ، بوراندا قالغان قامقاقتەك گاھى خىزمەتكە، گاھى رېستۇرانغا، گاھى ...چايغا، گاھى ...تويغا، گاھى ...غا چۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى تۇرار جايىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەي،
گاڭگىراپ قېلىۋاتسا... بۇنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟
ئاياللارنىڭ پۇلغا تويماس ‹‹ ئاچكۆز›› لىگىدىنمۇ ياكى ‹‹ شۆھرەتپەرەس ، قانائەتسىز›› لىگىدىنمۇ؟ !
ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە بولغاندا، قىز ئاياللىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگەللىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئەمەللەردىن بولۇپ، ( بۇ يەردىكى ئىلىم دىنى ھەم پەننى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئەرنى ئەر قىلغۇچىمۇ ۋە يەر قىلغۇچىمۇ، ئائىلىنى باغ قىلغۇچىمۇ ياكى چۆل قىلغۇچىمۇ ، پەرزەنتنى بالا قىلغۇچىمۇ ياكى بالائا قىلغۇچىمۇ، جەمىيەتنى تۈزىگىچىمۇ ھەم بۇزغۇچىمۇ ، شۇ ئايال زاتى بولغىنى ئۈچۈن، ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئىلىم ئىگەللىشى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
لېكىن بىزدىچۇ؟
بىر بولسا، قىز بالا سىرتنىڭ ئادىمى ، ئوقۇتقاننىڭ پايدىسى يوق، دەپ ئوقۇتمايمىز. بىر بولسا، ‹‹ ئېرىنىڭ ئالدىدا گېپى چوڭ بولىدۇ››، ‹‹ ئەل بىلەن تەڭ ياشىيالايدۇ››، ‹‹ ئەر كىشى دىگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئېرىدىن كېيىن قالسا ياكى ئاجىرىشىپ كەتسە، پۇلى ئەسقاتىدۇ››....دەپ ئوقۇتىمىز. قىسقىسى، ئوقۇتۇشىمىزنىڭ، يەنى قىزلارغا بىلىم ئىگەللىتىشىمىزنىڭ مەقسىدى، قانداقتۇر كەلگۈسى ئائىلىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن، پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن... بولماستىن، بەلكى ‹‹ پۇل›› ئۈچۈن، يەنى ‹‹ خىزمەت ›› ئۈچۈندۇر.
ئەلبەتتە، بۇنى قىز تەرەپتىنلا كۆرگىلى بولماس. بەلكى شۇ قىزلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ھامىلىرى بولغان ‹‹ ئەركەك ›› لىرىمىزنىڭ، ئۇلارغا ھەقىقى ھامى بولۇش ئەمەس، ‹‹ ئەل بىلەن تەڭ ›› ياشىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ‹‹ خىزمىتى بار يوقلىقى›› غا قاراپ ‹‹ھامى بولۇش››نى بېكىتىشى ھەم ،بۇنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى بولىشى كېرەك.
ئاياللار، ئايالغۇچىدۇر. توغرا! ئۇلارنى كىم ئايىشى كېرەك؟
ئۇلارنى ئالدى بىلەن، شۇلارنىڭ ھامىلىرى ئايىشى كېرەك. شۇنداقلا شۇ ئايال بولغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ھەم ئايىشى كېرەك.
لېكىن، ھەممە پۇلغا يۈرۈش قىلىپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمىيىتىمىزدە، بۇ خىل ‹‹ ئاياش›› نى ھەقىقى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن،
ئەر ۋە ئاياللىرىمىزنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئەقەللى ئىمان چۈشەنچىسى، ئاندىن كېيىن، ئىمان يىلتىزدىن بىخلىغان، جەمىيەتتىكى قېلىپلىشىپ قالغان تۇرمۇش ئەندىزىسىگە قارشى يول تۇتالايدىغان، ئۆز تۇرمۇش يولىنى ئىسلام ئەھكامى بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان ناھايىتى زور جاسارەت ۋە شۇ جاسارەت شېخىمىزغا بېزەك ھەم قۇۋۋەت بولغۇچى كۈچلۈك قانائەت ياپراقلىرى سايە تاشلىشى كېرەك...
ئەگەر ئائىلىمىز ، ساپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە قۇرۇلسا ھەم شۇ بويىچە راۋاجلانسا، ئەرلىرىمىز كۈتكەن ھەقىقى ‹‹ئاياللىق نازاكەت››، ئاياللىرىمىزنىڭ جىسمىغا تەبىئىلا قايتىپ كېلىدۇ. ئاياللىق مەسئۇلىيەتمۇ، تەبىئىلا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ.
ئۇنۇتمايلىكى، ئەرلەر مەڭگۈ ئاياللارنىڭ ھامىسى
!!!