مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2540|ئىنكاس: 34

مەرھۇم - باتۇر روزىنىڭ قايتىدىن ياسالغان ق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ن. ي. ئۆزھال دېگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11555
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10345
تۆھپە نۇمۇرى: 910
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 01:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



 






 

مەنبە :  شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى، ۋە لېكىن ئۇنۇتالماي چەكمىگىن ئازاپ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 04:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باتۇر روزى توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىڭلارنى يوللاپ قويۇڭلار.......

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14641
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ كىشى توغىرلىق بىلمەيدىكەنمەن،مۇمكىن بولسا تارىخىنى يوللاپ قويسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2113
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10244
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 2715 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:19:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باتۇر  روزى  يازغۇچى   ياشلام يىگىتتى   ...  يۇرەك كىسىلى  بىلەن تۈگەپ كەتكەن  ...    يەتتە قىزلىرىم ناملىق پوۋىسى  شۇنداق ئېسىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبرىنى مۇشۇنداق قوپارغىلى تۇرسا بىز ئۆلگەندىن كېيىن نەگە كۆمۈلەرمىز.
تۆت ئادەم پاتىدىغان جايغا ئاران بىر ئادەمنى كۆمۈپتۇ، بۇ ئېنىقتىن ئېنىق يەر ئىسراپ قىلغانلىقتە...

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
1.2.3 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11234
تۆھپە نۇمۇرى: 1866
توردا: 2323 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا باتۇر روزى ئەپەندىمنىڭ قىسقىچە تارىغىنى بولسىمۇ يىزىپ ئەۋەتىڭلار !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30177
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8259
تۆھپە نۇمۇرى: 560
توردا: 4412 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:37:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم يازغۇچىنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي!!!
ئۇنىڭ <<پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر>> نامىلىق كىتابى بار. ئۇندىن سىرت ئادىل مۇھەممەت تۇران ئەپەندى يازغان  ئىسمى ئىسىمدە يوق شۇ كىتابتا قىسقىغىنە ھاياتى پائالىيىتى بار.

كىتابخانا -ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!!

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى:تالانىتلىق شائىر ۋە يازغۇچى باتۇر روزى باتۇر روزى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئېريىتىدىكى دىققەتكە سازاۋەر ،ياش ،تالانىتلىق شائېر ،1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريىتىدە ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان گۇڭگا شىئېر ئىقىمىنىڭ مول ھوسۇللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى ۋە يازغۇچى ئىدى . ئۇ 1966-يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. كېيىنچە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ، 1987- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغان. 2007- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ 40 ﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

باتۇر روزى غەزەللىرى

1

كۇلۇشنى ئىستىسەڭ مەڭزىمدە دۇرسەن،

كۆيۇشنى ئىستىسەڭ لەۋزىمدە دۇرسەن.

كۈيۇڭدۇر تۇتىيا ،سازىمدىن ئۇنلەر،

يوقالماق ئىستىسەڭ تەركىمدەدۇرسەن.

كى ئەركىڭ ھەرزامان ئەركىمگە تالىق،

ۋەلېكىن بۇ سۇپەت ئەركىمدە دۇرسەن.

مېنى كىم بار-يوقۇم سورايدۇ سەندىن،

لېۋىڭدەبىرلا سۆز‹‹بەلكىم››دە دۇرسەن.

سېنىڭدىن باشلىنىپ سەندە يوقايمەن،

سېنى مەن ئىستىسەم ھەركىمدە دۇرسەن.

2

كۈيۈمنىڭ بارىغا ئاۋاز ئىدىڭسەن،

تەسەۋۋۇر ئەيلىسەم پەرۋاز ئىدىڭسەن.

قازاسىز ئۆتمىسەڭ مەسچىدكە بەرگىن،

كى سەجدە مەندىن-يۇ، ناماز  ئىدىڭسەن.

خالايىق كۆرگىنى ئارقاندا مەنلا،

ئەمەلدە سەن بۆيۈك دارۋاز  ئىدىڭسەن.

كى سۆھبەت ئىچرە مەن،ئىسىتكەنلىرى سەن،

ئۇلارغا مەن ئەمەس ،ھەمراز ئىدىڭسەن،

مېنى مەست ئۇچرىتىپ شۇركەندى ھەممە،

لېكىن بۇمەن ئەمەس، مەيۋاز ئىدىڭسەن.

ئاشار مۇشتاقلىقىم نېچۇن بۇ يەڭلىغ،

سەۋەپكىم شاھ سۇپەت تەنناز ئىدىڭسەن.

  

3

بۈگۈن غەرق ئەيلىدىم چېھرىڭ بۇلاقىغا،

نە چېھرىڭ بەلكى چېھرىڭ ئىشتىياقىغا.

بۈگۈن بۇ بەزىم ئارا ئاھۇ-پىغانىمدىن

پەسەيمەس بىر بالا يۇزلەندى ساقىغا.

بۇ ئىشقىم زەربىدىن تاشتى ۋۈجۇدۇمكىم،

چۈشۈپ لەرزە پەلەكنىڭ ئەسكى چاقىغا.

ئەجەبكىم ئىشىق نېچۇن بۇنچە زوراۋاندۇر،

ئىلاھ كىرگەنمۇ ئول دىلبەر سىياقىغا؟

4

مېنى جانان نېچۇن ئەركىمگەشاھ ئەتمەس،

ماڭا شاھ،ئۆزىنى ھەركىمگە شاھ ئەتمەس.

كۆرۇپ چېھرىنى ئايرىلدىم بۇ بارىمدىن،

نېچۇن بارىمغا ھەم ئەجرىمگە شاھ ئەتمەس.

قۇلۇپلاپ قەلبىنى بەرمەيدۇ ھېچكىمگە،

ئەجەپ ئىشقۇ مېنى قەلبىمگە شاھ ئەتمەس.

قۇتۇلماققا ماڭا ھېچ قالمىدى چارە،

ئەگەر تەرك ئەتسەم تەڭرىمگە شاھ ئەتمەس

ئۆزى قويدى ماڭا مىليونچە شەرتلەرنى،

ئاڭا شەرت ئەيلىسەم، شەرتىمگە شاھ ئەتمەس.

5

سەزمىدىم ئىشقىڭنى مەن ئالۋاڭ پەقەت،

ئاتتى ئىشقىڭدىن تۇنۇمگە تاڭ پەقەت.

مەن ساڭا كۆيدۇم ئىچىمدە جىمغىنە،

باشقىلاردەك سالمىدىم داۋراڭ پەقەت.

يۈك ئەمەس ئىشقىڭ ماڭا، ھېچ ئۆتمىدىم-

ياۋا ئاتتەك كوچىدىن سالتاڭ پەقەت.

بىلمىدىم ئادەممۇ ھايۋان زادى مەن؟

بىر كۆرۇپ كەتتى ھۇشۇم، يوق ئاڭ پەقەت.

6

جانان بار بولغىنىڭ غىل-پال ياراشىپتۇ،

بۆيۈك ۋەسغىڭگە بۇ ھال ياراشىپتۇ.

كۆيۈپ يۇرسەممۇ گەر رۇشەنلىكىڭ ،

غايىپلىق سازىنى چال-چال،ياراشىپتۇ.

سېنى رۇشەن ئېتەر كىم ،بەلكى جاللات ئۇ،

دېدىم:‹‹دار ئالدىغا يول ئال››ياراشىپتۇ.››

ئۇلۇغ سىر جىملىقى قاشىڭ،چېچىڭ تىلسىم،

ئەبەت سېھرىڭگە باغلاپ قال،ياراشىپتۇ.

ئەگەر رۇشەنلىكىم ئىستەرسەن ،يوقاي يەردىن،

جېنىمنى ئال،ئۆلەي دەرھال،ياراشىپتۇ.

7

ئانىلىق تەشۋىشتە لەڭ ئۇردى زامان،

لەرزى تولغاقتىن بوشانغاندەك جاھان.

‹‹ۋاي››بالام دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان مەھەل،

تەڭرىگە بولدى ئانا بىر ئىمتىھان.

دەل شۇدەم كەلمىشكە باغلاندى بۈگۈن،

ئەلمىساقتىن باشلىغان زەنجىرسىمان.

چىڭىدى تەشۋىشتە دەۋران كەپشىرى،

گاھ ئەجەلنى ،گاھىدا ئاتلاپ داۋان.

ئانىنىڭ تەشۋىشتە قايتار قىزلىقى،

بۇ ئازاپتۇر ھەممىدىن شېرىن ھامان.

8

يەتتى يەتمىشكە يېشىڭ رەڭگىڭ سامان،

ياشلىقىڭ بەرق ئۇردى مەندە ئانىجان.

ئاق چېچىڭ قىسمەت ئۇزەر ئەينەك گويا،

ھەر تىلىدا سۇندى مەغلۇپ بىر زامان.

چۆرىدەپ تۇردۇق مانا ئوتتۇز ئوغۇل،

بەلكى ئوتتۇز پەھلىۋان،ئوتتۇز داۋان.

ھەممىدىن يۈكسەك قازايىڭ ئەي ئانا،

بۇ داۋان ئوتتۇز داۋاندىن ھالقىغان.

ئانىجانغا سوزما چاڭگال، ئەي ئەجەل،

ئۆمرىدە ئوتتۇز ئوغۇلغا بەردى جان.

9

گۈل ئۇچار گۈللەر گە پەرداز ئىستىسەم،

كۇيلىگەي تاش،تاشقا ئاۋاز ئىستىسەم.

ئەنە دار، كۆرسەت ماڭا ساھىپجامال،

مەن ئەمەس‹‹مەن››ئۆزگە دارۋاز ئىستىسەم.

يۈتتى كۇلبەمدىن مانا غەملەر تۇنى،

مۇز ئېرىپ، قىش كەتتى مەن ياز،ئىستىسەم.

سەن كېلىپ مېندىڭ مېنى تۇلپار قىلىپ،

تەنگە قۇدرەتلىك چەۋەنداز  ئىستىسەم.

كۈلدى ئالدىڭدا قۇياش مەڭزىڭ ئارا،

جاننى جاڭگالدا قويۇپ ناز  ئىستىسەم .

چاقنىدى سۆيگۈڭدە باغرىم ۋىللىدە،

بەلكى كۆپ بەردىڭ يورۇق، ئاز ئىستىسەم.

قۇي ماڭا بىرلىك شارابى ساقىيا،

يەر ئىلاھى ساز ماڭا ،ساز ئىستىسەم.

10

ئال قەلبىمدىن تۇمانلارجاي،سەنەم،

سەن تۇمانلار ئىچرە ئۇزگەن ئاي،سەنەم.

كەل كەلكۇنلەر يەنە شىددەت بىلەن،

تىندى كۆڭلۇم ئازگىلىغا لاي سەنەم.

ياغدى يامغۇر ھەمدە بەرقىڭدىن كېيىن،

قاتتى بارىم ،بولدى چەكسىز ساي سەنەم.

سايدا ھېجراندىن يەنە چىقتى بوران،

ئۇنى مەن ئاجىزغا ھۇرگەي قاي سەنەم؟

سەن گويا بارچە بالالارنى تېرىپ،

بەخىرامان سەيلە قىلغان تاي  سەنەم.

  11

ئەۋرىشىم تەن بىرلە سەزگۈم چايقىدىڭ،

گاھى ئوڭ، گاھى قىلىپ دۇم چايقىدىڭ.

چايقىلىشلار ئەۋجىدە بىھۇش بولۇپ،

بىلمىدىم نەرىڭگە سۆيدۇم چايقىدىڭ.

تەن-تېنىمگە كەتتى چاك تاشقىن ياساپ-

بەرقى لەززەت چاقتى ،ئۆلدۇم چايقىدىڭ.

بىر لەزىز پاتقاقنى سەزدىم تەن ئارا،

بىر جېنىمنى مىڭگە بۆلدۇم،چايقىدىڭ.

سەن گويا نۇردىن توقۇلغان بىر كىپەن،

نۇر ئارا بارىمنى كۆردۇم،چايقىدىڭ.

12

تامچە شەبنەم قېيغىتار يالقۇن ئارا،

قان يۇگۈرگەن ئېرىگەن ئالتۇن ئارا.

جاننى شۇرايدۇ شېرىن ،نۇرانە لەۋ،

تەن-تېنىم ئالجىپ كۇلەر ئالۋۇن ئارا.

نەدە ئالۋۇن ،بەلكى چۇغ دەرياسى ئۇ،

ئېرىدىم لەيلەپ يۇرۇپ دولقۇن ئارا.

توختىماي بەزگەك ۋىسال مەرغۇللىنار،

بەھرى ھېجران كۇيلىگەن شاۋقۇن ئارا...

13

ئاچمىغان دەپتەرگە ئوخشاتتىم سېنى،

ئۇچمىغان كەپتەرگەرگە ئوخشاتتىم سېنى.

تۇنجى رەت ھارغان بۇۋاقنىڭ مەڭزىدىن،

تەپچىگەن بىر تەرگە ئوخشاتتىم سېنى.

كۆزلىرىڭنىڭ قازىسى ئىپپەت تۇنى،

سۈپ-سۈزۈك مەرمەرگە ئوخشاتتىم سېنى.

تاش ئارا پىنھان بولۇپ كۇن كۆرمىگەن ،

تۇتىيا گۆھەرگە ئوخشاتتىم سېنى.

قىل بەنت بارىمنى ئىپپەت تىلسىمى،

‹‹ئاھ ››دېدىم دىلبەرگە ئوخشاتتىم سېنى.



‹‹ئىلى دەرياسى ››ژۇرنىلى 1997-يىل 1-ساندىن ئېلىندى



matimatika 2011-02-22 16:27





مەرسىيە


دېڭىزغا يالۋۇرۇپ،
كۆككە سوزۇپ قول،
تاغلارغا يىلىنىپ،
قۇياشقا يىغلاپ،
ئەسىرلەرنىڭ رەستىلىرىدە
دىۋانىدەك پايپاسلاپ يۇرۇپ،
ياساپ چىقتىم مىليۇن خۇدانى.
ئاسماننى
چېركاۋنى
دەيرى پانانى
سوغات قىلدىم ئۇلارغا بىر - بىر،
بۆلىۋەتتىم ئەنە شۇنداق دۇنيانى!
ئېگىپ قويدى قەددىمنى ئۇلار،
مەن تىلەيمەن ئۇلاردىن دەرمان،
ئۇلار مەندىن سورايدىكەن جان!
مىڭ ئۆلەتتىم بىر جىنىم ئەگەر
بولالىسا شۇلارغا مىڭ جان.
ئاندىن ئۇلار ياسايتتى جەزمەن
ئىلاھ ئەمەس ھەقىقى ئىنسان!


قۇشقا....


سېنى دېسەم
                چىقىۋالغۇم بار ئاسمانغا.
بىراق،
               كۆرسەم
كەتكىنىڭنى يەرگە تەلمۈرۇپ
يېپىشىمەن تۇپراققا مەھكەم !


قىمىرلاپمۇ قويمايدىكەن يەر


ھا ...ھا ...ھا...
ھۆڭ ...ھۆڭ ...ھۆڭ...
مۆ ... مۆ... مۆ....
ئىڭڭە- ئىڭڭە - ئىڭڭە ...
كۆكرىكىدە شۇنچە سۇرەتلەر
قىمىرلاپمۇ قويمايدىكەن يەر.


دىلبەرگە


مۇبادا...
ئۇچرىشالماي قالساق ئۆزىمىز،
چۇشىمىز ئۇچرىشار
ئۇچرىشار ئويلاردا كۆزىمىز،
كۆلەڭگۈمىز قۇچاقلىشار،
سۆيىشەر
قاڭقىپ چېقىپ يۇرەكتىن.


ياتلىشىش



خور ... خور...
.               خورەك.
ئېھ ... ئېھ ...
تىترەڭگۇ نەپەس،
بىرسى ئۇخلاپتۇ،
بىرسى يىغلاپتۇ.



مەنبە: « تارىم » ژورنىلى 1987-يىل 11- سان



كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

bugunni kadirla !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 435
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11327
تۆھپە نۇمۇرى: 764
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 07:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سوئال قۇياي ، بىز تەرپرە قەبرىنى ئۇنداق ھەشەمەتلىك قىلىشنى ئېمانسىزلىق دەپ قارايدۇ ، بىراق شىمال تەرەپتە بارغانسىرى ھەشەمەتلىك قىلىشىۋېتىپتۇ ؟ قەبرىنى راستىنىلا ھەشەمەتلىك قىلىشقا بولمامدۇ ؟

سىكۇنىت سېتىرلكىسى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىز ، مېنۇت سېتىرىلكىسى ياشلىقىڭىز ، سائەت سېتېرىلكىسى قېرىلىقىڭىز شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش