ئوتلۇق سالام يوللايدۇ،
تېكەس خەلقى سەن ئۈچۈن،
كۈلكە ئىزدەپ ياشىدىڭ،
بارچە خەلقىڭ ئەل ئۈچۈن.
بۇ قېتىمقى ئېتوتتا،
ھەۋەس بارمۇ يېڭىچە؟
تەرجىمە قىلىپ يۈرەمسەن،
ماقال - تەمسىل تېخىچە؟
تۆمۈر ئاكام بۇ قېتىم،
چىقماي قالدى نېمىشقا؟
قوش كىشىلىك ناخشاڭلار،
يوقمۇ ياكى ئېيتىشقا؟
ھەۋەس قىلساڭ ھەر قېتىم،
تۆمۈر ئاكام شېرىكتى،
رۇخسەت بەرمەي قويدىمۇ؟
< پەلەمما > نىڭ شىركىتى.
گۈلمەرەمنى چال دېسەڭ،
يالقۇن ئاكام بىلەمدۇ؟
دۇتتار - تەمبۇرنى مەمەت،
تۆمۈركامدەك چالامدۇ؟
تۆمۈركامغا بۇ قېتىم،
ماس كەلگۈدەك رول يوقمۇ؟
ئېلان ئىشلەپ تۆمۈركام،
سەھنىلەرگە چول يوقمۇ؟
تۆمۈر ئاكام بېشىغا ،
بىرەر ئەلەم كەپتىمۇ؟
كېپەكيۈزدىن يەر ئېلىپ،
دېھقان بولۇپ كەتتىمۇ ؟
ساڭا شېرىك تۆمۈركام،
كېپەكيۈزدە تۇغۇلغان.
گۈلمەرەمگە دۇتتار چېپ
يۇرت خەلقىگە تونۇلغان.
غۇلجىلارغا نېمىشقا،
ئويۇن قويۇپ كەلمەيسەن؟
ئالدى رەتتىن بىر بېلەت،
ھېسامكامغا بەرمەيسەن؟
ئويۇن قويساڭ غۇلجىدا ،
تويغۇزامدۇ چاقچاققا،
ماس كەلمەمدۇ سەھنىسى،
سەن ئوينىغان ئېتوتقا؟
خۇشاللىقتا ئۆزۈمنى ،
چاقچاق قىلدىم باسالماي،
نەق مەيدانغا مىڭ ئەپسۇس،
ئەجەپ قالدۇق بارالماي.
8كوچا يازمىلىرىدىن
بۇ پەقەت شەخسىنىڭ قىزىقىشى بىلەن يېزىلغان.
ئۇنداق بۇنداق دەپ يامان تەرەپكە بۇراشقا ئۇرۇنماڭ!